شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
پۇتىن مۇنداق بىلدۈردى: سىز يەنە بىر قېتىم جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغان پەيتتە، سىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى ماقۇللىغان بۇ قارار سىزنىڭ دۆلەت باشلىقى بولۇش سۈپىتىڭىز بىلەن يۈكسەك ئابرۇيغا ئىگە ئىكەنلىكىڭىزنى، سىز تۈزگەن جۇڭگونىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، جۇڭگونىڭ خەلقئارا سەھنىدىكى مەنپەئىتىنى قەتئىي قوغداش توغرىسىدىكى فاڭجېننىڭ جۇڭگودىكى ئەڭ كەڭ خەلق ئاممىسىنىڭ ھىمايىسى ۋە قوللىشىغا ئېرىشكەنلىكىنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇ. رۇسىيە تەرەپ سىزنىڭ رۇسىيە - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن قوشقان تۆھپىڭىزگە يۈكسەك باھا بېرىدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، بىزنىڭ ئورتاق تىرىشچانلىقىمىزدا، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى داۋاملىق مول نەتىجىلەرگە ئېرىشىدۇ. مەن داۋاملىق سىز بىلەن مۇھىم، زور رايون ۋە خەلقئارا مەسىلىلەردە زىچ ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى ساقلاشنى خالايمەن. سىزنىڭ دوستانە جۇڭگو خەلقىگە بەخت يارىتىش ئىشلىرىدا يېڭى، تېخىمۇ زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىڭىزگە چىن قەلبىمدىن تىلەكداشمەن.