شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، لائوس خەلق ئىنقىلابىي پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى تۇڭلۇن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
تۇڭلۇن مۇنداق بىلدۈردى: سىز ماركسىزمچى سىياسىيون، مۇتەپەككۇر، ئىستراتېگىيەچىگە خاس سىياسىي ئەقىل - پاراسىتىڭىز ۋە قالتىس ئىقتىدارىڭىز، دانا تەدبىرىڭىز ئارقىلىق جۇڭگو پارتىيەسى ۋە دۆلىتىنى يېتەكلەپ جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يولىنى بويلاپ شانلىق مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردىڭىز. سىزنىڭ تولۇق ئاۋاز بىلەن سايلانغانلىقىڭىز خەلقنىڭ رايى، كۆپچىلىكنىڭ مايىللىقى بولۇپ، جۇڭگودىكى پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ چىن قەلبىدىن ھىمايە قىلىدىغانلىقى ۋە مۇتلەق ئىشىنىدىغانلىقىنى تولۇق نامايان قىلدى. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، سىزنى يادرو قىلغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، جۇڭگو خەلقى جەزمەن جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇش مۇساپىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرۈپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىنىڭ غەلىبىسېرى ئالغا ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى قەرەلىدە ئىشقا ئاشۇرىدۇ. ئۇزاقتىن بۇيان مۇقىم بولغان لائوس - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ۋە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنىڭ ئۈزلۈكسىز چېچەكلەپ مېۋە بېرىشىگە چىن قەلبىمدىن تىلەكداشمەن.