شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى، چاۋشيەن ئەمگەكچىلەر پارتىيەسىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىتېتىنىڭ باشلىقى جىن جېڭئېن جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭغا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلىدى.
جىن جېڭئېن مۇنداق بىلدۈردى: يولداش باش شۇجىنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسىدىن ئىبارەت بۇ مۇھىم ۋەزىپىنى يەنە بىر قېتىم ئۈستىگە ئالغانلىقىڭىز جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ سىزگە بولغان يۈكسەك ئىشەنچىسى ۋە قوللىشىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنى غەلىبىلىك ئېچىلىپ، يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىغا كۈچلۈك تۈرتكە بولدى. چاۋشيەن پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان جۇڭگو پارتىيەسى، ھۆكۈمىتى ۋە خەلقىنىڭ يولداش باش شۇجىنىڭ ئەتراپىغا زىچ ئۇيۇشۇپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەت قۇرۇش كۈرىشىدە قولغا كەلتۈرگەن مۇھىم، زور مۇۋەپپەقىيەتلىرىدىن خۇشال بولدى. ئىشىنىمەنكى، جۇڭگو خەلقى يولداش باش شۇجى يادرولۇقىدىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەھبەرلىكىدە، جەزمەن پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش داۋامىدا يېڭى غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. ئىشىنىمەنكى، چاۋشيەن - جۇڭگو ئەنئەنىۋى دوستانە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى جەزمەن ئىككى پارتىيە، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ ئورتاق ئارزۇسى ۋە يېڭى دەۋرنىڭ تەلىپى بويىچە سىجىل چوڭقۇر تەرەققىي قىلىدۇ.