شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى تېلېگراممىسى 3 - ئاينىڭ 10 - كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، 14 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى 1 - يىغىنىدا شى جىنپىڭنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىق خەۋىرى جاكارلانغاندىن كېيىن، بىر قىسىم دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى بىرىنچى ۋاقىتتا بەس - بەستە رەئىس شى جىنپىڭغا تېلېگرامما ياكى خەت ئەۋەتىپ، قىزغىن تەبرىكلىدى.
كامبودژا پادىشاھى سىخامونى مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. سىزنىڭ دانا رەھبەرلىكىڭىزدە، جۇڭگو ئىسلاھاتنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك تىزگىنلەپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇردى. سىزنىڭ يىراقنى كۆرەرلىكىڭىز ۋە كۈچلۈك رەھبەرلىكىڭىزدە، جۇڭگونىڭ جەزمەن سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى قەرەلىدە قۇرۇپ چىقىدىغانلىقىغا ئىشىنىمەن. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمەنكى، شاھىنشاھ سىخانوك بىلەن جۇڭگونىڭ پېشقەدەم بىر ئەۋلاد رەھبەرلىرى ئۆز قولى بىلەن بەرپا قىلغان ۋە كۆڭۈل قويۇپ يېتىشتۈرگەن كامبودژا - جۇڭگو «جانجىگەر» دوستلۇقى يېڭى دەۋردە مول مېۋە بېرىدۇ. سىزنىڭ جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ تېخىمۇ شانلىق ئەتىگە يۈرۈش قىلىشىڭىزغا تىلەكداشمەن.
ئىتالىيە زۇڭتۇڭى ماتارېللا مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىڭىزنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. ئىتالىيە − جۇڭگو ئىككى دۆلەتنىڭ ئالاقىسى قويۇق، خەلقلىرىنىڭ دوستلۇقى مۇستەھكەم بولۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان ھەمكارلىق ۋە سۆھبەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئورتاق ئارزۇسىنى نامايان قىلدى. ئىككى تەرەپ ھازىرقى پۇرسەتنى تۇتۇپ، ئىتالىيە - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستىراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە تۈرتكە بولۇشتا تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشى كېرەك.
سېربىيە زۇڭتۇڭى ۋۇچىچى مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ يەنە بىر قېتىم جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىڭىز سىزنىڭ قەتئىي تەۋرەنمەي جان - دىل بىلەن خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىپ، جۇڭگونىڭ ئورنى، رولى ۋە ئابرۇيىنى كۆتۈرۈش ئۈچۈن قالتىس تۆھپە قوشقانلىقىڭىزنى كۈچلۈك ئىسپاتلاپ بېرىدۇ. شۇنىڭغا قەتئىي ئىشىنىمىزكى، سىزنىڭ تىرىشچانلىقىڭىز، ئەقىل - پاراسىتىڭىز ۋە مول يىراقنى كۆرەر رەھبەرلىكىڭىزدە، جۇڭگو ھەرقايسى ساھەلەردە كىشىدە چوڭقۇر تەسىر قالدۇرىدىغان يېڭى مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ. سېربىيە خەلقى سىز ۋە جۇڭگو خەلقىدىن ئىبارەت مۇشۇنداق ھەقىقىي دوستىنىڭ بارلىقىدىن پەخىرلىنىدۇ ۋە خۇشال بولىدۇ. سېربىيە تەرەپ قەتئىي تەۋرەنمەي بىر جۇڭگو پىرىنسىپى ۋە «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى قوللايدۇ. مەن سىز بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق تىرىشىپ، سېربىيە - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ۋە ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى پولاتتەك دوستلۇقنى يەنىمۇ كۈچەيتىشنى خالايمەن.
ئارگېنتىنا زۇڭتۇڭى فېرناندېس مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ رەئىسلىكىگە سايلانغانلىقىڭىزنى چىن قەلبىمدىن تەبرىكلەيمەن. جۇڭگونىڭ سىزنىڭ يېڭى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدىكى رەھبەرلىكىڭىزدە داۋاملىق قەتئىي ئالغا ئىلگىرىلەپ، دۆلەتنىڭ گۈللىنىشى ۋە خەلقنىڭ بەختىنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تىلەكداشمەن.
ۋېنېزۇئېلا زۇڭتۇڭى مادۇرو مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭنىڭ يەنە بىر قېتىم سايلانغانلىقىنى قىزغىن تەبرىكلەيمەن. رەئىس شى جىنپىڭ ئۇلۇغ داھىي ھەم ۋېنېزۇئېلا خەلقىنىڭ دوستى. ۋېنېزۇئېلا جۇڭگو بىلەن ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇش يولىدا داۋاملىق مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ ئالغا ئىلگىرىلەپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىشنى خالايدۇ.
ئوتتۇرا ئافرىقا زۇڭتۇڭى توۋادېرا مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو مەملىكەتلىك ئىككى يىغىننىڭ غەلىبىلىك ئېچىلغانلىقى جۇڭگو ئۈچۈن چوڭ ئىش، خۇشاللىنارلىق ئىش، شۇنداقلا ئوتتۇرا ئافرىقا خەلقى ئۈچۈن چوڭ ئىش، خۇشاللىنارلىق ئىش. سىزنىڭ ئۇدا ۋەزىپە ئۆتىشىڭىز پۈتۈن جۇڭگو خەلقىنىڭ ئارزۇسى بولۇپلا قالماي، يەنە مەن ۋە ئوتتۇرا ئافرىقا خەلقىنىڭ ئارزۇسى، پۈتۈن دۇنيادىكى تىنچلىق ۋە تەرەققىيات يۈكسەك ئىشلىرى ئۈچۈن كۈچ چىقىرىدىغان بارلىق خەلقنىڭ ئارزۇسى. شۇنىڭغا ئىشىنىمەنكى، سىزنىڭ قەتئىي، كۈچلۈك رەھبەرلىكىڭىزدە، جۇڭگو خەلقى سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش يېڭى مۇساپىسىدە چوقۇم تارىخ سەھىپىسىدە چاقناپ تۇرىدىغان ئۇلۇغ غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈرىدۇ.
كومورو زۇڭتۇڭى ئازالى مۇنداق بىلدۈردى: سىزنىڭ سايلانغانلىقىڭىز جۇڭگو خەلقىنىڭ سىزنىڭ دۆلەتكە مۇۋەپپەقىيەتلىك رەھبەرلىك قىلالايدىغانلىقىڭىزغا تولۇق ئىشىنىدىغانلىقى ۋە ئىشەنچىسى بارلىقىنى يەنە بىر قېتىم ئىسپاتلىدى. سىزنىڭ يېڭى ۋەزىپە ئۆتەش مۇددىتىدە جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ تېخىمۇ زور تەرەققىيات، ئىلگىرىلەش ۋە گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشىڭىزغا چىن قەلبىمدىن تىلەكداشمەن. جۇڭگونىڭ تېخىمۇ كۈچلۈك كۆپ تەرەپچىللىك، پۈتۈن يەرشارى بولۇپمۇ ئافرىقىنىڭ تىنچلىقى، خەۋپسىزلىكى ۋە تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور رەھبەرلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.