{مۇھەررىردىن]
2ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى نەشر قىلىنغان «نۇر گېزىتى»دە جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسىنىڭ «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك ئىدىيەۋى كاپالەت، قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ، پايدىلىق مەدەنىيەت شارائىتى بىلەن تەمىنلەيلى» ناملىق ماقالىسى ئېلان قىلىندى، بۈگۈن گېزىتىمىزدە تولۇق تېكىستى كۆچۈرۈپ بېسىلدى.
□ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق كومىتېتى نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى
شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا رەھبەرلىك قىلىش ئەمەلىيەت تەجرىبىلىرىنىڭ نەزەرىيە يەكۈنى، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش، يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى زىممىگە ئېلىشتىكى تۈپ قوللانما، قۇدرەتلىك تارىخىي تەسىر كۆرسىتىش كۈچى، مەدەنىيەت تەسىرلەندۈرۈش كۈچى، مەنىۋى چاقىرىق كۈچىگە ئىگە. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، باشتىن ـ ئاخىر مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىش، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىش، مەدەنىيەت بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش، شىنجاڭنى مۇقىم قىلىش، شىنجاڭنى گۈللەندۈرۈشتە مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر يولغا قويۇشتىن ئىبارەت مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىز جەزمەن شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ مەدەنىيەت بايلىقى مول رايوندىن مەدەنىيەت تەرەققىياتى كۈچلۈك رايونغا قاراپ قەدەم تاشلىشىغا كۈچەپ تۈرتكە بولۇپ، يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا داۋاملىق تۈردە مەدەنىيەتنى گۈللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيەت كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيلىكىنى گۈللەندۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور شىنجاڭ تۆھپىسىنى قوشۇشىمىز كېرەك.
بىرىنچى، قەتئىي بوشاشماي شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئارقىلىق قەلبنى مۇجەسسەملەپ روھنى تاۋلاپ، چوڭقۇرلاشتۇرۇش، ئۆزلەشتۈرۈش، ئايلاندۇرۇشقا كۈچەپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، تېخىمۇ چوڭقۇر بولغان نەزەرىيە بىلەن قوراللىنىش ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»نىڭ شانلىق ئۈلگىسى، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىشنىڭ ھەرىكەت كۆرسەتمىسى. يېڭى مۇساپىدە، بىز دىققەتنى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق پۈتۈن پارتىيەنى قوراللاندۇرۇش، خەلقنى تەربىيەلەشتىن ئىبارەت باش سىياسىي ۋەزىپىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، باش تېما تەربىيەسى نەتىجىلىرىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، ھەقىقىي ئۆگىنىش، ھەقىقىي چۈشىنىش، ھەقىقىي ئىشىنىش، ھەقىقىي ئىشلىتىشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىمىز كېرەك. «ئۆگىنىش»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، دائىملاشقان ئۆگىنىش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، پارتىيە كومىتېتى(پارتىيە گۇرۇپپىسى) يىغىنىنىڭ «بىرىنچى قارالمىسى»، نەزەرىيە ئۆگىنىش مەركىزىي گۇرۇپپىسى قاتارلىق تۈزۈملەرنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چۈشىنىپ ئۆگىنىپ، تولۇق ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تىرىشىپ ئىدىيە ئۇلۇغ كۈچىنى جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشتىكى قۇدرەتلىك مەنىۋى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچكە ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. «تەشۋىق قىلىش»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، نەزەرىيەنى ئومۇملاشتۇرۇش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ھەممە ئائىلىگە كىرگۈزۈش» پائالىيىتىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك لېكسىيە ئۆمىكى، ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتى، كەنتتە تۇرۇشلۇق خىزمەت ئەترىتى، پۇقرا تەشۋىقاتچى قاتارلىقلارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، «ئاتلىق لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتى» «دومبىرا لېكسىيە سۆزلەش ئەترىتى» قاتارلىقلارنى تەشكىللەپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىغا، دېھقان ـ چارۋىچى ئائىلىلىرىگە چوڭقۇر چۆكۈپ، ئاممىغا يېقىن، كىشىلەرنى جەلپ قىلىدىغان لېكسىيە سۆزلەشنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ جەلپكارلىقىنى، قايىل قىلىش كۈچىنى تولۇق نامايان قىلىشىمىز كېرەك. «تەتقىق قىلىش»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى سىستېمىلىق تەتقىق قىلىش ۋە نەزەرىيەۋىلەشتۈرۈپ بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئۇنىڭغا مۇجەسسەملەنگەن داۋلى، ئىلمىي نەزەرىيە، پەلسەپىۋى قائىدىلەرنى رەتلەپ ۋە ئىزاھلاپ، گۈزەل شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى قۇرۇپ چىقىشنى نەزەرىيە يېتەكچىلىكى ۋە تىرىكى بىلەن تەمىنلىشىمىز كېرەك. «قوللىنىش»نى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتا، ئۆگىنىش، پىكىر يۈرگۈزۈش، قوللىنىشنى تۇتاشتۇرۇش، بىلىش، ئىشىنىش، قىلىشنى بىرلىككە كەلتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىدىيەدە بىرلىككە كېلىش ئارقىلىق سىياسىيدا بىرلىككە كېلىش، ھەرىكەتتە بىرلىككە كېلىشكە يېتەكچىلىك قىلىپ، شىنجاڭ خىزمىتىنىڭ باشتىن ـ ئاخىر توغرا يۆنىلىشنى بويلاپ ئالغا ئىلگىرىلىشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشىمىز كېرەك.
ئىككىنچى، ئىتتىپاقلىق، مۇقىملىققا ئىلھام بېرىش، ئىجابىي تەشۋىقاتنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىشەنچنى كۈچەيتىش، خەلق رايىنى مۇجەسسەملەش، قەلبلەرنى ئىللىتىش، قەلبداش بولۇشقا كۈچەپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ، تارقىلىشى كەڭ، يېتەكچىلىكى كۈچلۈك ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ: جەزمەن ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈش، كۈچنى مۇجەسسەملەشنى تەشۋىقات ـ ئىدىيە خىزمىتىنىڭ مەركىزىي ھالقىسى قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. يېڭى مۇساپىدە، بىز توغرا ئاممىۋى پىكىر يۆنىلىشىنى پۇختا ئىگىلەپ، ئىشەنچنى ئاشۇرۇش، غەيرەتنى ئۇرغۇتۇشنى چۆرىدەپ، تەشۋىقات ئىدىيەسى، مەزمۇنى، سۆزى، ئۇسۇلى، شەكلىدە يەنىمۇ يېڭىلىق يارىتىپ، ئاكتىپ، ساغلام، يۇقىرى ئۆرلەيدىغان ئاساسىي ئېقىم ئىدىيە ئاممىۋى پىكرىنى مۇستەھكەملىشىمىز، راۋاجلاندۇرۇشىمىز كېرەك. ئىجابىي تەشۋىقات سالمىقىنى زورايتىپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭغا بولغان غەمخورلۇقى، چوڭقۇر كۆيۈنۈشىنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ـ شىمالىدا جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتى سىجىل مۇقىم بولغان، ئىقتىساد يۇقىرى سۈپەتتە تەرەققىي قىلغان، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەۋاتقان ياخشى ۋەزىيەتنى تولۇق نامايان قىلىشىمىز كېرەك. «تۆت پەسىلدە شىنجاڭغا نەزەر» يۈرۈشلۈك زىيارەت پائالىيىتىنى يولغا قويۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى جاسارەت بىلەن ئالغا سىلجىتىشقا دائىر جانلىق ھېكايىلەرنى ھەر تەرەپلىمە ياخشى سۆزلەپ، ئاپتونوم رايون بويىچە يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىدىغان مەنىۋى كۈچنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك. ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، پۈتۈن تاراتقۇلۇق تارقىتىش ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلق تۇرمۇشى قىزىق نۇقتا مەسىلىلىرى جەھەتتىكى ئاممىۋى پىكىر يېتەكچىلىكىنى كۈچەيتىپ، ئاخبارات ئېلان قىلىش خىزمىتىنى كۈچەيتىپ ۋە ياخشىلاپ، ئاچقۇچلۇق پەيتلەردە ۋە مۇھىم مەسىلىلەردە جەمئىيەت كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان نۇقتىلارغا ۋاقتىدا جاۋاب قايتۇرۇپ، ئاممىۋى پىكىر يۈزلىنىشىنى ئۈنۈملۈك يېتەكلىشىمىز كېرەك. ئاساسىي قوشۇننىڭ ھەقىقىي تۈردە ئاساسىي جەڭ مەيدانىغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، زور كۈچ سەرپ قىلىپ ئاپتونوم رايوندىكى ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ ئىسلاھ قىلىش ۋە يېڭىلىق يارىتىشىنى ئالغا سىلجىتىپ، ئاخبارات ئىشلەپچىقىرىش كۈچىنى جارى قىلدۇرۇشقا تەسىر كۆرسىتىدىغان تۈزۈلمە ـ مېخانىزم جەھەتتىكى چىتلاقنى بۇزۇپ تاشلاپ، «ئانار بۇلۇت» «يىپەك يولى ئۈن ـ سىنى» قاتارلىق داڭلىق ماركىلارنىڭ تارقىتىش كۈچى، تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇشىمىز كېرەك. شىنجاڭ بويىچە «بىر تور»نى زىچ توقۇپ، ۋىلايەت دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركەزلىرىنى ياخشى قۇرۇپ ۋە ئۇلاردىن ياخشى پايدىلىنىپ، ناھىيە دەرىجىلىك يۇغۇرما تاراتقۇ مەركەزلىرىنىڭ سۈپىتى، ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايون، ۋىلايەت، ناھىيە «تىك يۆنىلىشتە تۇتاشقان، توغرا يۆنىلىشتە ئۇلانغان، ئىچكى قىسىمدا يۇغۇرۇلغان» بىر گەۋدىلەشكەن پۈتۈن تاراتقۇ تارقىتىش سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلىرىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك.
ئۈچىنچى، زامانىۋى ئىدىيەنى كەڭ تارقىتىپ، زامانىۋى مەدەنىيلىكنى يېتىلدۈرۈپ، ئىنچىكە، تەپسىلىي، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەھەتتە كۈچەپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ، يۆنىلىشى روشەن، ئالغا باسىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان يادرولۇق قىممەت قارىشى يېتىلدۈرۈش ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ: سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنى يېتىلدۈرۈش ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇشنى روھ ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەيدىغان، ئاساسنى كۈچەيتىپ ئۇلنى مۇستەھكەملەيدىغان ئۇل قۇرۇلۇش قىلىپ، بىر تۈرلۈك تۈپ ۋەزىپە قىلىپ، ھەقىقىي تۈردە چىڭ تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. يېڭى مۇساپىدە، بىز سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، پىكىر ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا مەنىۋى تۈۋرۈك تۇرغۇزۇپ، قىممەت ئۈلگىسى تىكلەپ، دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈپ، ھەر مىللەت ئاممىنى ئەسەبىي ئىدىيەدىن يىراق تۇرۇپ، زامانغا لايىقلىشىش، زامانىۋىلىشىشقا قاراپ ئۈزلۈكسىز قەدەم تاشلاشقا تەربىيەلىشىمىز ۋە يېتەكلىشىمىز كېرەك. غايە ـ ئېتىقاد تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ ئۇلۇغ پارتىيە قۇرۇش روھى مەنبە قىلىنغان مەنىۋى شەجەرىسىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت بىلىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنى كۈچەيتىپ، توغراق روھى، بىڭتۇەن روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك، ئارمىيە بىلەن يەرلىكنىڭ قىزىل بايلىقىدىن بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى پايدىلىنىپ، بىر تۈركۈم ئىنقىلابىي مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش بازىلىرىنى بەرپا قىلىپ، غايە ـ ئېتىقاد تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش، تۈزۈملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى مىننەتدار بولۇپ جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، ئىتتىپاقلىشىپ كۈرەش قىلىشقا، شىنجاڭدا يىلتىز تارتىپ، شىنجاڭغا تۆھپە قوشۇشقا رىغبەتلەندۈرۈشىمىز كېرەك. زامانىۋى مەدەنىيلىكنى يېتىلدۈرۈشنى كۈچەيتىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشى ئارقىلىق مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كونا ئۆرپ ـ ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، پەننى ئومۇملاشتۇرۇش تەربىيەسى ۋە قانۇنچىللىق تەشۋىقاتىنى مۇھىم ئورۇنغا قويۇپ، ماركسىزملىق ئاتېئىزم تەربىيەسىنى پۇختا ئىشلەپ، ھەر مىللەت ئاممىنى زامانىۋى مەدەنىي تۇرمۇشقا سىڭىشىشكە، ئىلمىي، ئاقىلانە بولۇش، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش، مەدەنىي، ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان بولۇشتىن ئىبارەت زامانىۋى ئىدىيە يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىشىمىز كېرەك. روشەن قىممەت يۆنىلىشى تۇرغۇزۇپ، «شىنجاڭ ئۈلگىسى . دەۋر يېڭى كىشىلىرى» قاتارلىق ئىلغار تىپلارنى زور كۈچ بىلەن تەشۋىق قىلىپ، ياش ـ ئۆسمۈرلەرگە قارىتىلغان «ئاساسنى مۇستەھكەملەش» قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ياخشىلاپ، يېڭى دەۋر مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى مەركىزى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئاممىغا قارىتىلغان ئىدىيەۋى ـ سىياسىي خىزمەتنى كۈچەيتىپ، كىشىلەر قەلبىنى تېخىمۇ ياخشى مۇجەسسەملىشىمىز كېرەك.
تۆتىنچى، زامانىۋىلىشىشقا قاراپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەيدىغان مەنىۋى كۈچنى مۇجەسسەملەشنى چۆرىدەپ، يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش، ئۈنۈم يارىتىشقا كۈچەپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ئوبرازلىق، تەسىرلىك، ئۈنۈملۈك بولغان، ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى، ھاياتىي كۈچى ئۇرغۇپ تۇرىدىغان شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ: قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشنى كۈچەيتىشنى نىشان قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. يېڭى مۇساپىدە، بىز جەزمەن شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىنى ئىستراتېگىيە ۋە پۈتۈن ۋەزىيەت يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ يەنىمۇ پىلانلاپ ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي جەھەتتە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش، كىشىلەر قەلبىنىڭ مايىللىقى مەسىلىسىنى تۈپتىن ھەل قىلىشنى كۆزلەپ، «بىرىگە تەگسە ھەممىسىگە تەسىر كۆرسىتىدىغان» بۆسۈش ئېغىزىنى توغرا تېپىپ، كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش خىزمىتىدە تېخىمۇ چوڭ قەدەم تاشلاشقا تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەتقىق قىلىش، بايان قىلىش، چۈشەندۈرۈش ۋە تەشۋىق ـ تەربىيەنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ ئالاھىدىلىكى ۋە جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ كۆرۈنمە ئوبرازىنى نامايان قىلىدىغان بىر تۈركۈم ئېلېمېنتلارنى تەتقىق قىلىپ، تاۋلاپ، شىنجاڭ غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسلىرى سارىيى قاتارلىق نۇقتىلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ مەدەنىيىتىنى ئۈزلۈكسىز تۈردە يېڭى دەۋر ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە زامانىۋى ئىپادىلەش ئۇسۇلىغا ئىگە قىلىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى «بەشنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش»نى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتىشكە پائال يېتەكلىشىمىز كېرەك. توغرا بولغان جۇڭخۇا مىللىتى تارىخ قارىشى تۇرغۇزۇشنى نېگىز قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، «مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىنى سۆزلىتىش، تارىخنى سۆزلىتىش» ئاساسىي تېمىلىق زىيارەت پائالىيىتىنى قانات يايدۇرۇپ، «تارىخنى ئۆگىنىش، شىنجاڭنى چۈشىنىش، ۋەتەننى سۆيۈش» يۈرۈشلۈك تەشۋىق ـ تەربىيە پائالىيىتىنى تەشكىللەپ، شىنجاڭدىكى ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىغا دائىر تارىخىي پاكىت، ئارخېئولوگىيەلىك ئەمەلىي بۇيۇملار، مەدەنىيەت مىراسلىرىنى چوڭقۇر قېزىپ ۋە ئۇنىڭدىن تولۇق پايدىلىنىپ، بېيتىڭ قەدىمىي شەھىرى خارابىسى، ئىلى جياڭجۈن مەھكىمىسى قاتارلىق مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشنى كۈچەيتىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنى ئەمەلىي بۇيۇم، ئەمەلىي كۆرۈنۈش، ئەمەلىي ئىش ئارقىلىق تولۇق نامايان قىلىپ، كىشىلەر قەلبىدىن چوڭقۇر ئورۇن ئالدۇرۇشىمىز كېرەك. دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى مائارىپىنى كېڭەيتىشنى ئاساس قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر دەرىجىلىك، تۈرلۈك مەكتەپلەردە دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقى مائارىپى ئوقۇتۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، ياش، ئوتتۇرا ياش دېھقان ـ چارۋىچىلار، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى قاتارلىق نۇقتىلىق كىشىلەر توپىنىڭ دۆلەت ئورتاق تىل ـ يېزىقىنى قوللىنىش ئىقتىدارىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈپ، شىنجاڭنىڭ ئەدەبىي ئەسەر ئەسلىي ئىجادىيىتى ۋە ئاز سانلىق مىللەتلەر تىلىدىكى ئەسەرلەر بىلەن خەنزۇ تىلىدىكى ئەسەرلەرنى ئۆزئارا تەرجىمە قىلىش، مۇنەۋۋەر ئەسەرلەرنى تەرجىمە قىلىش، ئاز سانلىق مىللەتلەر ئەدەبىياتىدىكى كىلاسسىك ئەسەرلەرنى تەھرىرلەش ـ تەرجىمە قىلىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىمىز كېرەك. ھەرقايسى مىللەتلەرنىڭ تىل ـ يېزىقىنى ئىلمىي قوغداپ، نوپۇسى بىرقەدەر ئاز مىللەتلەرنىڭ تىل ـ يېزىقىنى تەتقىق قىلىش، قوغداشنى سىجىل كۈچەيتىشىمىز كېرەك. مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىشنى يول قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ھەر مىللەت ياش ـ ئۆسمۈرلەر ئالاقە باغلاش پىلانى، ھەر مىللەت ئامما ئارىلىشىپ تەرەققىي قىلىش پىلانى، ساياھەت ئارقىلىق مىللەتلەرنىڭ ئارىلىشىشى، ئالماشتۇرۇشى، يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش پىلانىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى ـ تەرەققىياتى بويىچە بەرپا قىلىشنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، «مىللەتلەر ئىتتىپاقلىشىپ بىر ئائىلە كىشىلىرىدىن بولۇش» ۋە مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى بىرلەشمە دوستلۇق پائالىيىتىنى ئەلالاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مىللەتلەر ئۆزئارا سىڭىشكەن، ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان، چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان ۋەزىيەتنى ئۈنۈملۈك مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. ئەدەبىيات ـ سەنئەت ئىجادىيىتىنى گۈللەندۈرۈش، جۇڭخۇا مەدەنىيلىكى ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەشنى تۇتقا قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئەدەبىيات ـ سەنئەت نادىر ئەسەرلىرى ئىجادىيەت پىلانىنى يولغا قويۇپ، بىر تۈركۈم «ياخشى كۆرۈشكە، ياخشى باھاغا ئېرىشىدىغان» نادىر ئەسەرلەرنى تىرىشىپ يارىتىشىمىز كېرەك. «كەنت ئاممىۋى بىرلەشمە كۆڭۈل ئېچىش كېچىلىكى»، كەنتلەر ۋاسكېتبول مۇسابىقىسى قاتارلىق ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەدەنىيەت ـ تەنتەربىيە پائالىيەتلىرىنى كەڭ قانات يايدۇرۇشىمىز كېرەك. مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىپ، بىر تۈركۈم چوڭ ـ چوڭ مەدەنىيەت كەسىپلىرى تۈرلىرىنى يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت كەسپىنىڭ يېڭى كەسىپ ھالىتى، يېڭى ئەندىزىسىنى پائال يېتىلدۈرۈشىمىز كېرەك.
بەشىنچى، ئىدېئولوگىيە خىزمىتى مەسئۇلىيەت تۈزۈمىنى قاتتىق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بالدۇر تۇتۇش، كىچىكىدە تۇتۇش، دائىم تۇتۇشقا كۈچەپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئۆزگىرىشنى تونۇيدىغان، ئۆزگىرىشكە ھازىرلىنىدىغان، ئۆزگىرىش ياسايدىغان، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئالىدىغان ۋە ئۇنى تۈگىتىدىغان ئىدېئولوگىيە خىزمىتى ئەندىزىسىنى تېز شەكىللەندۈرۈشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ: قۇدرەتلىك ئۇيۇشۇش كۈچى ۋە يېتەكلەش كۈچىگە ئىگە سوتسىيالىستىك ئىدېئولوگىيەنى كۈچەپ بەرپا قىلىش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. يېڭى مۇساپىدە، بىز جەزمەن تۆۋەن چەك تەپەككۇرى، ئاخىرقى چەك تەپەككۇرىدا چىڭ تۇرۇپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسىنىڭ بىخەتەرلىكىنى ھەقىقىي قوغدىشىمىز كېرەك. ئىدېئولوگىيە ساھەسىدىكى بۆلگۈنچىلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، «دائىم غېمىدە بولىدىغان» ھوشيارلىق، سەزگۈرلۈكنى باشتىن ـ ئاخىر ساقلاپ، بىر قولدا رەزىللىكنى تۈگىتىپ، بىر قولدا ئادالەتنى ياقلاپ، تەشۋىقات ـ ئىدىيە بازىسى قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى باشقۇرۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، «ئىككى پان» خاتا ئىدىيەسىنىڭ زەھىرىنى سىجىل تازىلاپ، خاتا ئىدىيەلەرنىڭ قايتا باش كۆتۈرۈشىنىڭ قەتئىي ئالدىنى ئېلىشىمىز كېرەك. خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ھەم ئۇنى تۈگىتىش ئىقتىدارىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، «قارا قۇ» «كۈل رەڭ كەركىدان» ۋەقەلىرىدىن يۈكسەك ھوشيار بولۇپ، كۈرەش قىلىش روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، مەنبەدىن تۈزەشنى كۈچەيتىپ، ئاممىۋى پىكىر جەھەتتىكى مەسىلىلەرنى بىر تەرەپ قىلىش سەۋىيەسىنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، خەۋپ ـ خەتەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى تۈگىتىشتىكى تەشەببۇسكارلىق، دەل جايىدا بولۇشنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، ئىدېئولوگىيە ساھەسى كۈرىشىدىكى ئىستراتېگىيەلىك تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك. تورنى ھەر تەرەپلىمە ئىدارە قىلىش سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، مۇكەممەللەشتۈرۈپ، رەقەملىك يېڭى تاراتقۇ قۇرۇلۇشى ۋە ئۇنى باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، توردا ئۇچۇر تارقىتىش تەرتىپىنى قاتتىق قېلىپلاشتۇرۇپ، تور ئۇچۇر مەزمۇنىنى باشقۇرۇش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈشىمىز كېرەك.
ئالتىنچى، خەلقئارا تارقىتىش ئىقتىدارى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، قايتا يارىتىش، قايتا تەرتىپكە سېلىش، قايتا قۇرۇشقا كۈچەپ ئەجىر سىڭدۈرۈپ، ماس، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، دەل جايىدا تارقىتىدىغان شىنجاڭغا ئالاقىدار تاشقى تەشۋىقات خىزمىتى ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈشكە تېز تۈرتكە بولۇشىمىز كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭ: شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى قىياپىتى، يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭ ھېكايىسىنى كۆپ يول، كۆپ شەكىلدە ياخشى سۆزلەش كېرەك، دەپ تەكىتلىدى. يېڭى مۇساپىدە، بىز «تاشقى تەشۋىقات كەسپىنى قايتا يارىتىش، تاشقى تەشۋىقات تەرتىپىنى قايتا تەرتىپكە سېلىش، تاشقى تەشۋىقات ئەندىزىسىنى قايتا قۇرۇش»قا كۈچەپ، كۈچنى بىرتۇتاش پىلانلاشنى كۈچەيتىپ، خىزمەت مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە شىنجاڭنىڭ ياخشى ئوبرازىنى يارىتىشىمىز كېرەك. خەلقئارا تارقىتىش «ساداسى»نى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇپ، سۆز سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تارقىتىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، «شىنجاڭ ياخشى جاي» «شىنجاڭ ياخشى ھەمراھ» قاتارلىق سىنلىق تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش يىغىنلىرىنى دائىملىق ئۆتكۈزۈپ، دۇنياغا ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، ئومۇميۈزلۈك بولغان شىنجاڭنى نامايان قىلىشىمىز كېرەك. «دوستلار چەمبىرىكى»نى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىپ، «تەكلىپ قىلىش» «سىرتقا چىقىش»نىڭ كەڭلىكى، چوڭقۇرلۇقىنى كېڭەيتىپ، چەت ئەللىك سىياسىي ئەربابلار، دىپلوماتىيە ئەلچىلىرى، چېگرا سىرتىدىكى تاراتقۇلار، ئاقىللار ئامبىرى مۇتەخەسسىسلىرى، مەدەنىيەت ساھەسىدىكى داڭلىق شەخسلەر قاتارلىق كىشىلەر توپىنى شىنجاڭغا كېلىپ نەق مەيداندا ئېكسكۇرسىيە قىلىش، سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، زىيارەت قىلىپ ئىجادىيەت بىلەن شۇغۇللىنىشقا كەڭ كۆلەمدە تەكلىپ قىلىپ، دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى ساياھەتچىلەرنى شىنجاڭغا كېلىپ ساياھەت قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، خەلقئارا جەمئىيەتنى شىنجاڭنى تېخىمۇ ياخشى، چوڭقۇر چۈشىنىشكە يېتەكلىشىمىز كېرەك. شىنجاڭغا ئالاقىدار ئاممىۋى پىكىر كۈرىشى ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، تۈرلۈك ساختا ئاممىۋى پىكىر، سەلبىي ئاممىۋى پىكىر، زىيانلىق سۆزلەرگە قاراتمىلىق ھالدا رەددىيە بېرىپ، دۈشمەن كۈچلەرنىڭ زەھەرخەندىلىك بىلەن ھۇجۇم قىلىشى، قارا چاپلىشىغا قەتئىي قايتۇرما زەربە بېرىپ، تەشەببۇسكارلىقنى كۈچەيتىپ، تەشەببۇسكارلىق جېڭىنى ياخشى قىلىشىمىز كېرەك.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو ئىلغار مەدەنىيىتىنىڭ ئاكتىپ يېتەكلىگۈچىسى ۋە ئەمەلدە كۆرسەتكۈچىسى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ سادىق ۋارىسلىق قىلغۇچىسى ۋە ئەۋج ئالدۇرغۇچىسى، شۇنداقلا جۇڭگو روھىنىڭ مۇھىم تۆھپىكارى ۋە ئۈلگە كۆرسەتكۈچىسى. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش ۋە ئۇنى كۈچەيتىش تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشنىڭ تۈپ كاپالىتى، جەزمەن پارتىيە تەشۋىقاتنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئىدېئولوگىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيە تاراتقۇلارنى باشقۇرۇش، پارتىيە ئالاقە تورىنى باشقۇرۇش پىرىنسىپىنى باشتىن ـ ئاخىر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يۇقىرى ساپالىق تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت كادىرلىرى قوشۇنىنى كۈچەپ بەرپا قىلىشىمىز كېرەك. بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىنى تۇتۇشنى مۇھىم سىياسىي مەسئۇلىيەت قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، كەڭ كۆلەملىك تەشۋىقات خىزمىتى ئىدىيەسىنى تۇرغۇزۇپ، تەڭ تۇتۇپ ئورتاق باشقۇرۇپ، كۈچنى بىرلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىنى باشتىن ـ ئاخىر پارتىيەنى خاتىرجەم قىلىدىغان، خەلق ئىشىنىدىغان كۈچلۈك قورغانغا ئايلاندۇرۇشىمىز كېرەك. دادىل ئىش قىلىپ، ماھىرلىق بىلەن نەتىجە يارىتىپ، يېڭىلىق يارىتىشنى كۆزلەپ، تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت سېپىدىكى كەڭ كادىرلارنى چىتلاقلارنى بۇزۇپ تاشلاش، دادىل بۆسۈش ھاسىل قىلىشقا ئىلھاملاندۇرۇپ، ئالاقە تورى تەپەككۇرىنى كۈچەيتىپ، ئىدىيە، ئۇسۇل، ۋاسىتە، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، مەدەنىيەت تۈزۈلمە ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئىچكى ھاياتىي كۈچنى ئۇرغۇتۇشىمىز كېرەك. كۈچلۈك قوشۇن قۇرۇپ، ئاساسنى مۇستەھكەملىشىمىز كېرەك. ھەر دەرىجىلىك تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت ئورۇنلىرى رەھبەرلىك بەنزىلىرىگە ئەلالارنى تاللاپ، كۈچلۈكلەرنى سەپلەپ، ھەقىقىي تۈردە پارتىيەنىڭ تەشۋىقات، فاڭجېن، سىياسەتلىرىنى پىششىق بىلىدىغان، بىرىنچى سەپ تەشۋىقات خىزمىتى ئىشلەش تەجرىبىسىگە ئىگە، تۇتۇشقا جۈرئەت قىلىدىغان، باشقۇرۇشقا ماھىر كادىرلارنى رەھبەرلىك ئورۇنلىرىغا قويۇشىمىز كېرەك. «تىيانشان تالانتلىقلىرى» تەربىيەلەش پىلانى، پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن ئىختىساسلىقلىرى ۋە شىنجاڭ مەدەنىيەت مەشھۇر ئەربابلىرى تۈرى قاتارلىقلارنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، مەدەنىيەت، ئەدەبىيات ـ سەنئەت ۋە پەلسەپە، ئىجتىمائىي پەن ئىختىساسلىقلىرى قوشۇنىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىشىمىز كېرەك. راستچىل ـ ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ئىستىلنى ياخشىلاپ، شەكىلۋازلىق، بىيۇروكراتلىقتىن قاتتىق ساقلىنىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئېڭىنى كۈچەيتىپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈپ، دەرھال بېجىرىش ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق مەسئۇلىيەتنى سادىقلىق بىلەن ئادا قىلىپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان، ۋاقىت ساقلاپ تۇرمايدۇ دېگەن كۈرەش قىلىش ھالىتى بىلەن، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەمەلىي ھەرىكەتكە ئايلاندۇرۇپ، توغرىلىرىنى ساقلاپ يېڭىلىق يارىتىش داۋامىدا مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، قاتمال ھالەتنى بۇزۇپ تاشلاپ، شىنجاڭنىڭ تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشىمىز كېرەك.