گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى خېي خۇڭۋېينىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سودا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 ـ ئايدىن 2 ـ ئايغىچە، پۈتۈن شىنجاڭدا ئىستېمال بازىرىنىڭ ھاياتىي كۈچى سىجىل جارى قىلدۇرۇلۇپ، ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش ئومۇمىي سوممىسى 62 مىليارد 145 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.6 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 6.2 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان.
نورمىدىن يۇقىرى كۆلەمدىكى ئورۇنلار ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى جەھەتتىكى ئىپادىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئىشقا ئاشۇرغان سوممىسى 29 مىليارد 792 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.8 ئاشقان، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 10.3 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى كۆتۈرۈلۈپ، 2024 ـ يىلى پۈتۈن يىلغا سېلىشتۇرغاندا 3.7 پىرسەنت پوئېنت تېزلىشىپ، ئىستېمال بازىرىنىڭ جانلىنىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى. دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، 2 ـ ئاي بىر ئايدىلا نورمىدىن يۇقىرى كۆلەمدىكى ئورۇنلارنىڭ ئىجتىمائىي ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 13 مىليارد 957 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %16.1 ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 30.7 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلەپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيانقى ئوخشاش مەزگىلدىكى يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.
نورمىدىن يۇقىرى كۆلەمدىكى ئورۇنلار ئىستاتىستىكا قىلغان 18 تۈرلۈك ئاساسلىق تاۋارلار ئىچىدە، ئاساسىي تۇرمۇش تۈرىدىكى تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولدى، بۇنىڭ ئىچىدە، ئاشلىق، ياغ، يېمەكلىك تۈرىدىكىلەر بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %21.1 ئاشتى. ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ كونىسىنى يېڭىسىغا ئالماشتۇرۇش سىياسىتىنىڭ تەسىرى گەۋدىلىك بولۇپ، خەۋەرلىشىش ئۈسكۈنىلىرى تۈرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرى ۋە ئۈن ـ سىن ئۈسكۈنىلىرى تۈرى، بىناكارلىق ھەم بېزەك ماتېرىياللىرى تۈرىدىكى تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسىدا شىددەت بىلەن ئېشىش كۆرۈلۈپ، ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا %192، %28.8 ۋە %15.6 ئېشىپ، ئىستېمال دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە تۈرتكە بولىدىغان مۇھىم موتورغا ئايلاندى.
بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، پۈتۈن شىنجاڭدىكى شەھەر ـ يېزا ئىستېمال بازارلىرى ماسلىشىپ كۈچ چىقىرىپ، شەھەر ـ يېزا ئىستېمالى ماس قەدەمدە ئەسلىگە كېلىپ، يېزا ـ كەنت ئىستېمالىنىڭ ئېشىش سۈرئىتى ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى. سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، ئالدىنقى ئىككى ئايدا، شەھەر ـ بازار ئىستېمال بۇيۇملىرىنىڭ پارچە سېتىلىش سوممىسى 28 مىليارد 649 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.6 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 9.8 پىرسەنت پوئېنت ئۆرلىگەن؛ يېزا ـ كەنتلەرنىڭ ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچى تېز جارى قىلدۇرۇلۇپ، پارچە سېتىش سوممىسى 1 مىليارد 143 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.3 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 20.3 پىرسەنت پوئېنت تېز ئۆرلىگەن.
ئىستېمال ھالىتى بويىچە ئايرىغاندا، ئالدىنقى ئىككى ئايدا تاۋارلارنىڭ پارچە سېتىلىشىنىڭ تۆھپىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، ئومۇمىي سوممىسى 27 مىليارد 735 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 10.6 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى كۆتۈرۈلگەن؛ يېمەك ـ ئىچمەك ئىستېمالى سىجىل ئېشىپ، يېمەك ـ ئىچمەك كىرىم سوممىسى 2 مىليارد 57 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.4 ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتىنى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا 6.7 پىرسەنت پوئېنت تېز بولغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئالدىنقى ئىككى ئايدىكى ئىستېمال بازىرىدا تۇنجى ئىشنىڭ غەلىبىلىك باشلىنىشى ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇشقا دائىر سىياسەتنىڭ سىجىل كۈچ چىقىرىشى، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتىدە دەل جايىدا تەدبىر قوللىنىش ھەم ئاھالىلەرنىڭ كىرىمىنىڭ مۇقىم ئېشىشىدىن بولغان. كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايوننىڭ سودا تارماقلىرى دىققەتنى يېشىل، ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىنى يېزىلارغا يەتكۈزۈش، يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللارنى سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش قاتارلىق ساھەلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنىڭ ياخشىلىنىش ئۇلىنى مۇستەھكەملەيدۇ.