گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ لېي خەۋەر قىلىدۇ: 3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن، ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 19 ـ يىغىنى يېپىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
دائىمىي كومىتېت تەركىبىدىكىلەردىن 55 كىشى يىغىنغا قاتناشتى، بۇ، قانۇندا بەلگىلەنگەن ئادەم سانىغا ئۇيغۇن.
يىغىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ سانلىق مەلۇمات نىزامى، ئاپتونوم رايوننىڭ ئېتىز سۇ ئىنشائاتى نىزامى، ئاپتونوم رايوننىڭ قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ جىنايەت ئۆتكۈزۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش نىزامى، ئاپتونوم رايوننىڭ ماناس غەيرىي ماددىي مەدەنىيەت مىراسىنى قوغداش نىزامى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.
يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئۈرۈمچى شەھەرلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ «ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ رېلىسلىق قاتناشنى باشقۇرۇش نىزامى»غا تۈزىتىش كىرگۈزۈش توغرىسىدىكى قارارى، ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى ھەم ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ بېيتىڭ قەدىمكى شەھىرى خارابىسىنى قوغداش نىزامى، بورتالا موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ «بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ يەككە، خۇسۇسىي ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە قوغداش نىزامى» قاتارلىق تۆت يەككە نىزامنى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيى ۋە ئۇنىڭ دائىمىي كومىتېتىنىڭ نىزام چىقىرىش نىزامى، قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستلىق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش قائىدىسى، يەنجى خۇيزۇ ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ مەدەنىي ھەرىكەتنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى، تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ تاش شەھەر خارابىسىنى قوغداش نىزامى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ ئىش قائىدىسى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ يېزا ئىستىلى مەدەنىيلىكىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى، چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ «چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ دىنلار ئىناقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» «چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى»نى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارى، باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ «باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سۇلۇق يەرنى قوغداش نىزامى»نى بىكار قىلىش توغرىسىدىكى قارارىنى تەستىقلاش توغرىسىدىكى قارارى ئاۋازغا قويۇپ ماقۇللاندى.
يىغىندا ئايرىم ۋەكىللەرنىڭ ۋەكىللىك سالاھىيىتى توغرىسىدىكى دوكلات، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ تاڭئاتار كىرىمئاخۇننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى مۇھىت ۋە بايلىق قوغداش كومىتېتىنىڭ مۇدىر ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ۋە ياۋ چياڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق 14 ـ نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسىلىق ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بېرىش ئىلتىماسىنى قوبۇل قىلىش توغرىسىدىكى قارارى ھەم كادىرلارنى تەيىنلەش ـ قالدۇرۇش ئىشلىرى ئاۋازغا قويۇلۇپ ماقۇللاندى.
يىغىندا، ئاپتونوم رايوننىڭ يېڭىدىن ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەن دۆلەت خىزمەتچىلىرىگە تەيىننامە تارقىتىپ بېرىلدى ھەم ئاساسىي قانۇن قەسىمى بېرىش مۇراسىمى ئۆتكۈزۈلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرلىرىدىن ۋاڭ مىڭشەن، لى نىڭپىڭ، توختى ياقۇپ، دىلشات قىدىرخان، پىڭ شىنلەي، ۋاڭ گوخې، مەمتىمىن قادىر، باش كاتىپ ۋاڭ جياڭ يىغىنغا قاتناشتى.
ئاپتونوم رايوننىڭ مۇئاۋىن رەئىسى قەيسەر ئابدۇكېرىم، ئاپتونوم رايونلۇق يۇقىرى خەلق سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى دىلشات سايىم، ئاپتونوم رايونلۇق رېۋىزىيە كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق تەپتىش مەھكىمىسىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا سىرتتىن قاتناشتى.
يىغىندىن كېيىن، يەنە «يېڭىدىن تۈزىتىش كىرگۈزۈلگەن ۋەكىللەر قانۇنىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى خەلق قۇرۇلتىيى خىزمىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولايلى» دېگەن تېمىدا لېكسىيە ئۆتكۈزۈلدى.
3 ـ ئاينىڭ 25 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ 51 ـ قېتىملىق مۇدىرلار يىغىنىدا دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ تۈرلۈك قارالمىلىرىنى قاراپ چىقىش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، دائىمىي كومىتېت ئومۇمىي يىغىنىدا ئاۋازغا قويۇشقا تاپشۇرۇلىدىغان تەكلىپلەر قارار قىلىندى.