ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەزگىلىدە، تىيانشاننىڭ جەنۇبى ۋە شىمالىغا نەزەر سالساق، شوپۇرسىز تىراكتور بېيدوۋ يول باشلاش تېخنىكىسى ئارقىلىق تۈجۈپىلىك ئۇرۇق سېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى؛ تىزگىنەكلىك ئۇچقۇ «بىر كۇنۇپكا بىلەن ئۇچۇپ»، قار كېچىپ يەر ئوغۇتلىدى؛ پارنىك، مايسا يېتىشتۈرۈش زاۋۇتىدا، يۇمران مايسىلارنىڭ ئۆسۈش نەملىكى AI ھېسابلاش ئۇسۇلى ئارقىلىق تەكشۈرۈپ بېكىتىلدى... زامانىۋى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى بىلەن نەرسە تورى، سۈنىئي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ئۇچۇر تېخنىكىسى بىلەن ئورتاق سۈرەتلەپ چىققان ئەتىيازلىق تېرىلغۇ مەنزىرىسى شىنجاڭنىڭ يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇش تەرەققىياتىنىڭ مەزمۇت قەدىمىنى نامايان قىلدى.
«جابدۇق» جەھەتتە كىچىك بىر قەدەم بېسىلسا، كەسىپ جەھەتتە چوڭ بىر قەدەم ئىلگىرىلىگىلى بولىدۇ. پەن ـ تېخنىكا ئۈمىدلىك دالىدا «كارامىتىنى كۆرسىتىپ»، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا قولاي شارائىت، يۇقىرى ئۈنۈم ئېلىپ كەلگەندە، بىز قانداق قىلىپ تېخىمۇ كۆپ پەن تەتقىقات نەتىجىلىرىنى كەڭ دالىدا يىلتىز تارتقۇزۇپ، شىنجاڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا مول نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش توغرىسىدا ئويلىنىشىمىز كېرەك.
پەن ـ تېخنىكىنى لاي ـ توپىدا يىلتىز تارتقۇزۇشتا، جەزمەن «لاي ـ توپا ھىدى» بولۇشى كېرەك، بۇنىڭدا ھەم يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش، تىجارەت ئېھتىياجىنى ھەقىقىي قاندۇرۇش، ھەم تېخىمۇ كۆپ يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنى كىرگۈزۈش، يېتىشتۈرۈش، ئاساسىي قاتلام يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكا قوشۇنىنى جانلاندۇرۇش ۋە ئۇنىڭدىن ياخشى پايدىلىنىش، يەنە پەن ـ تېخنىكا ئاتالغۇلىرىنى دېھقان ـ چارۋىچىلار ئارىسىدا «ئاڭلاپ چۈشىنەلەيدىغان، كەڭ تارقىلىدىغان» قىلىش كېرەك. يەنىمۇ چوڭقۇر قىلىپ ئېيتقاندا، ئىلغار تېخنىكىنى يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدا كەڭ قوللىنىش، تېخىمۇ مۇھىمى، بىر خىل يېڭىلىق يارىتىش ئېكولوگىيەسىنى يېتىلدۈرۈش كېرەك − پەن تەتقىقات خادىملىرى يېزا ئىگىلىك ئېھتىياجىنى بىلىشى، دېھقان ـ چارۋىچىلار پەن ـ تېخنىكىنى چۈشىنىشى، تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش بىلەن كەسىپ ئېھتىياجى ماس قەدەمدە ئىلگىرىلىشى كېرەك.
يېزا ئىگىلىكىنى زامانىۋىلاشتۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش پەن ـ تېخنىكىدىن ئايرىلالمايدۇ. بىز شۇنىڭغا ئىشىنىمىزكى، تېخىمۇ كۆپ يېڭىلىق يارىتىش نەتىجىلىرى تەجرىبىخانىدىن ئېتىزلارغا يۈزلەنگەندە، شىنجاڭنىڭ كەڭ ئېتىزلىرىدا مۇقەررەركى كۈچلۈك «يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچى» يېتىلدۈرۈلۈپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنىڭ ئەتىسىگە تىرەك بولىدۇ.
(«جياڭ شياۋيەن» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)