گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 3 ـ ئاينىڭ 26 ـ كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز مەملىكەتلىك ئىككى يىغىن روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتىكى نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پۇختا تۇتۇش، ياخشى تۇتۇش توغرىسىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى قانات يايدۇردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، ئالدىن ئويلاش، ئالدىدا مېڭىش، ئالدىن ئىشلەشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، پۇختا، ئەستايىدىل بولۇپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تۇتۇپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىش كېرەك.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئۈرۈمچى شەھەرلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى جاڭ جۇ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.
ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق مېتېئورولوگىيە ئىدارىسىگە كېلىپ، مېتېئورولوگىيەلىك كۆزىتىش، ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىش، كېڭىشىش مېخانىزمى، مېتېئورولوگىيە + ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا كۈچ قوشۇش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى. ئۇ يەنە شىنجاڭ ھاۋارايىغا سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش ئىشخانىسىغا كېلىپ، سۈنئىي تەسىر كۆرسىتىش خىزمىتى ۋە شىنجاڭ ھاۋا بوشلۇقى بۇلۇت سۇ بايلىقىنى ئېچىش ۋە ئۇنىڭدىن پايدىلىنىشتا يېڭىلىق يارىتىش تەتقىقات ئورنىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىنى ئاڭلىدى. ئەركىن تۇنىياز مۇنداق دېدى: كېڭىشىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ھاۋارايى ئۆزگىرىشىنى چىڭ كۆزلەپ، سۇچىلىق، قاتناش، تەبىئىي بايلىق، جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش ـ باشقۇرۇش، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا، مەدەنىيەت ـ ساياھەت قاتارلىق تارماقلار بىلەن ماسلىشىپ ھەمتۈرتكە بولۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپەتتىن ئۇنىۋېرسال ئالدىن مەلۇمات بېرىش، ئالدىن سىگنال بېرىش مۇلازىمەت ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش تىرىكىنى كۈچەيتىپ، ئاساسىي قاتلام مېتېئورولوگىيە ئىستانسىسى ـ پونكىتلىرىنىڭ قاپلاش نىسبىتىنى ئۆستۈرۈش، بولۇپمۇ ئېنېرگىيە، مەدەنىيەت ـ ساياھەت، قاتناش قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سۈنئىي ئۇسۇلدا سۇ كۆپەيتىش بويىچە ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان ۋە يادرولۇق بولغان تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېز قانات يايدۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى كۆپەيتىش، تولۇقلاش بوشلۇقىنى ئېچىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ھەر تەرەپلىمە مېتېئورولوگىيە مۇلازىمىتى تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ئۈرۈمچى خەلقئارا ئايروپورتىنىڭ شىمالىي رايون ئاۋىياتسىيە بىناسىدا، ئەركىن تۇنىياز ئايروپىلانغا چىقىش رەسمىيىتىنى بېجىرىش رايونى، دۆلەت ئىچى بىخەتەرلىك تەكشۈرۈش رايونى، يۈك ـ تاق ئايرىش رايونى، ئۇنىۋېرسال قاتناش مەركىزى قاتارلىق رايونلارنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈرۈپ، يۆتكەش ـ ئىشقا كىرىشتۈرۈش تەييارلىق ئەھۋالى ۋە ھازىرقى خىزمەتلەردە ساقلىنىۋاتقان مۇھىم نۇقتا، قىيىن نۇقتا مەسىلىلىرىنى ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق بىلدۈردى: ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار، ئورۇنلار ئىش مۇددىتىنى تەتۈر ساناق بويىچە تىزىپ، تۈرلۈك خىزمەتلەرنى قاتلاممۇقاتلام ئالغا سىلجىتىپ، مەسىلە يوشۇرۇن خەۋپىنى ئومۇميۈزلۈك رەتلەپ، كۆرسەتمە بەلگىسى، يول قاتنىشى، ئېلېكتىر ئالاقىسى قاتارلىق ئۇل ئەسلىھەلەرنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىنچىكە ھالقىلارغا كۈچ سەرپ قىلىپ، يولۇچىلار مۇلازىمىتى تەرتىپىنى يەنىمۇ ئەلالاشتۇرۇشى كېرەك. مەيدان سىرتى يول تورى ھەم يۈرۈشلۈك ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى مەھكەم تۇتۇپ، ئۇنىۋېرسال قاتناش ئالمىشىشىنى يوچۇقسىز جىپسىلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئايرودۇرۇمنىڭ ئۇنىۋېرسال مۇلازىمەت كاپالىتى ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشى كېرەك. دۆلەت ئىچى ـ سىرتىدىكى يۆتكەشكە دائىر ئىلغار تەجرىبىلەردىن ئۆرنەك ئېلىپ، ئاۋىياتسىيە بىناسىنى ئىشقا كىرىشتۈرۈش، ئاۋىياتسىيە شىركىتى نۆۋەتچى ئايروپىلاننى يۆتكەش قاتارلىقلارنى چۆرىدەپ قاراتمىلىققا ئىگە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى تۈزۈپ، جىددىي تاقابىل تۇرۇش مانېۋىرىنى ياخشى قانات يايدۇرۇپ، بىخەتەر ئىشقا كىرىشتۈرۈشتە ھېچقانداق چاتاق چىقماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تەشۋىق قىلىش، يېتەكلەش خىزمىتىنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، گېزىت، تېلېۋىزىيە، رادىيو ھەم يېڭى تاراتقۇ سۇپىسى ئارقىلىق ئۇچۇرلارنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، ئاممىغا شىمالىي رايون ئاۋىياتسىيە بىناسىنىڭ يۈرۈشۈش مۇھىتى ۋە ئايروپىلانغا چىقىش تەرتىپىنى دەل جايىدا بىلدۈرۈشى كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز جۇڭگو پاختا ـ پاختا يىپ سودا مەركىزىگە كېلىپ، بۇ مەركەزنىڭ يۈرۈشۈش ۋە نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالىنى ئىگىلىدى ھەم سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. ئۇ مۇنداق دېدى: شىنجاڭدا دۆلەت دەرىجىلىك پاختا ـ پاختا يىپ سودا مەركىزى قۇرۇش شىنجاڭنىڭ پاختا ۋە توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك كەسىپ توپىنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ پاختا توقۇمىچىلىق كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. ھەرقايسى ئالاقىدار تارماقلار يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، ھەقىقىي تۈردە «سىياسىي ھېسابات»نى ياخشى قىلىپ، بىر مەقسەتتە ئويلاپ، بىر مەقسەتتە كۈچ چىقىرىپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىگە ئېلىپ نەتىجە يارىتىپ، ئاساسىي زىددىيەتنى چىڭ تۇتۇپ، گەۋدىلىك مەسىلىلەرنى ھەل قىلىپ، سودا مەركىزىنىڭ ماھىيەتلىك تىجارىتىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئادەتكە ئايلىنىپ قالغان تەپەككۇردىن قۇتۇلۇپ، ئىدىيەدە پائال ئازاد بولۇپ، ئىشلەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇپ، ئالدىن يولغا قويۇپ ئالدىن سىناق قىلىپ، پاختا سودىسى ئەندىزىسىدە پائال يېڭىلىق يارىتىپ، سۇپا ئەۋزەللىكىنى كۈچەپ بەرپا قىلىپ، تەرەققىيات سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پاختا ـ پاختا يىپ سودىسىنى تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇش، بازارنى تېخىمۇ ئاشكارا بولۇش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىشى كېرەك.
مۇقىيات جارمۇقامەت، جىن جىجېن، خا زېڭيوۋ قاتارلىقلار ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.