□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يې شۇخۇڭ
2 - نۆۋەتلىك جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا باشلىقلار يىغىنى 6 - ئاينىڭ 17 - كۈنى قازاقسىتاننىڭ ئاستانىدا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈلدى. بۇ نۆۋەتلىك باشلىقلار يىغىنىنىڭ ئەڭ گەۋدىلىك يارقىن نۇقتىسى شۇكى، رەئىس شى جىنپىڭ «ئۆزئارا ھۆرمەتلەپ، ئۆزئارا ئىشىنىپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، ئۆزئارا ياردەم بېرىپ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئورتاق زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش» ئاساسىي مەزمۇن قىلىنغان «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى»نى جاكارلىدى ھەم ئۇنىڭ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇنىنى مۇنداق مۇپەسسەل يىغىنچاقلىدى: ئۆزئارا ھۆرمەتلەش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، بىردەك ماسلىشىشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىشتا چىڭ تۇرۇش؛ ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇشتا چىڭ تۇرۇش.
«جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى» ئۇزاق تارىخىي مۇساپىنى بېشىدىن ئۆتكۈزۈپ، دەۋرنىڭ بوران - چاپقۇنلىرىدا تاۋلىنىپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ دوستانە ئالاقىسىنىڭ ئەمەلىيەت مۇنبەت تۇپرىقىدا چوڭقۇر يىلتىز تارتىپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خەلقىنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشتىكى دەۋر چاقىرىقىغا چوڭقۇر جاۋاب قايتۇردى، تېخىمۇ مۇھىمى ئۆزىنىڭ روشەن ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش پەزىلىتى ۋە نۆل يىغىندىلىق كۈچ سىنىشىشتىن ھالقىغان ئەمەلىيەت لوگىكىسى ئارقىلىق، ئۆزگىرىش ۋە قالايمىقانچىلىق گىرەلىشىپ كەتكەن بۈگۈنكى دۇنيادا، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتى ئۈچۈن يېپيېڭى يول ئاچتى.
ئەمەلىيەتنى مەنبە قىلغان چوڭقۇر ئىخچاملىنىش: جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش ھەمكارلىق تارىخى
روھ دەرىخى جەزمەن ئەمەلىيەت مۇنبەت تۇپرىقىدا يىلتىز تارتىدۇ. «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى»نىڭ ھاياتىي كۈچى ئالدى بىلەن ئۆزىنىڭ قويۇق تارىخىي ئاساسى ۋە رېئاللىق تۇپرىقىدا بولىدۇ.
تارىخقا نەزەر سالساق، 2000 نەچچە يىللار ئىلگىرى جاڭ چيەننىڭ «يول ئېچىپ غەربىي يۇرتقا سەپەر قىلىشى» بىلەن جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا بىلەن بولغان دوستانە ئالاقىسىنىڭ ھەيۋەتلىك تارىخىي داستانى باشلانغان. مىڭ يىللاردىن ھالقىغان بۇ دوستلۇق بۈگۈنكى ھەمكارلىق ئۈچۈن پۇختا تارىخىي مەدەنىيەت ئاساسى سالدى. يېڭى دەۋرگە كىرگەندە، بۇ خىل دوستلۇق ئەنئەنىسى تېخىمۇ مۇرەككەپ بولغان خەلقئارا ئەندىزە ئىچىدە تاۋلاندى ۋە يۈكسەلدى. 30 نەچچە يىلدىن بۇيان، جۇڭگو باراۋەر كېڭىشىش، ئۆزئارا چۈشىنىش، ئۆزئارا يول قويۇش روھى بويىچە، ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن تارىختىن قېپقالغان چېگرا مەسىلىلىرىنى ئۈزۈل - كېسىل ھەل قىلدى، بۇنىڭ بىلەن ئۇزۇنلۇقى 3300 كىلومېتىردىن ئاشىدىغان ئورتاق چېگرا لىنىيەسى بىر - بىرىنى تۇتاشتۇرىدىغان تىنچلىق رىشتىسى ۋە ھەمكارلىق كۆۋرۈكىگە ئايلاندى. بۇ دەل «ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، باراۋەر مۇئامىلە قىلىش»نىڭ ئەڭ ئاددىي، شۇنداقلا ئەڭ مۇستەھكەم باشلىنىش نۇقتىسى.
بۇ قىممەتلىك سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىش رايون خەۋپسىزلىك خىرىسىغا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشتىكى كەسكىن سىناق جەريانىدا مۇستەھكەملەندى. «ئۈچ خىل كۈچ»نىڭ ئورتاق تەھدىتى ئالدىدا، جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسىدا، ئاخباراتلاردىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، بىرلەشمە مانېۋېر ئۆتكۈزۈپ، ماسلىشىپ زەربە بېرىپ، رايون خەۋپسىزلىكىنىڭ مۇستەھكەم توسۇقىنى ئورتاق بەرپا قىلدى. بۇ «بىردەك ماسلىشىش»نىڭ ئارقىسىدا بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنى قەتئىي قوللاش بار، «بىر - بىرىنىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىگە زىيان يەتكۈزىدىغان ھەرقانداق ئىش بىلەن شۇغۇللانماسلىق»تىن ئىبارەت تەنتەنىلىك ۋەدە بار. دەل ئۆزبېكىستاننىڭ سىياسىي كۆزەتكۈچىسى تۇراجانوف كۆرسەتكەندەك: جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە تەرەققىيات يولىغا ھۆرمەت قىلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ كەڭ دائىرىدە ئىشىنىشىگە ئېرىشتى. «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى» جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ھەمكارلىقىنىڭ قىممەت ئاساسى بولۇپلا قالماستىن، تېخىمۇ مۇھىمى رايون مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشتىكى قۇدرەتلىك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ بولۇپ قالدى.
2013 - يىلى رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا «يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى» تەشەببۇسىنى تۇنجى قېتىم ئوتتۇرىغا قويدى. ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، چوڭ قۇملۇقنى توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا تەبىئىي گاز تۇرۇبا يولىدىن تىيانشاننى كېسىپ ئۆتۈپ، تەبىئىي توسۇقنى راۋان يولغا ئايلاندۇرىدىغان جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈر يولىغىچە؛ قازاقىستاننىڭ «قورغاس − شەرقىي دەرۋازا» سۇسىز پورتىدىن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەردە كۈنسېرى ئومۇملىشىۋاتقان جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيەلىك ئاپتوموبىللىرىغىچە؛ قازاقىستان خەلق ئاممىسى كۆپ تەرىپلەيدىغان ئالمۇتا يورۇقلۇق ۋولت ئېلېكتىر ئىستانسىسىدىن تاجىكىستان جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان دۈشەنبە ئىسسىقلىق ئېلېكتىر ئىستانسىسىغىچە... كۆرگىلى بولىدىغان، تۇتقىلى بولىدىغان بۇ ھەمكارلىق نەتىجىلىرى دەل «ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش، ئورتاق تەرەققىي قىلىش»نىڭ جانلىق كارتىنىسى. ئۆزبېكىستان «خەلق مۇھاكىمە گېزىتى»نىڭ مۇئاۋىن باش مۇھەررىرى كېنجايېف مۇنداق قارىدى: جۇڭگو ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا پائال ئاتلىنىپ، ئۆز تەرەققىيات پۇرسىتىنى رايوننىڭ ئورتاق گۈللىنىشىنىڭ پايدىسىغا تولۇق ئايلاندۇرغان بولۇپ، «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى»نى ئەمەلدە كۆرسەتكۈچى.
يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى قاتارلىق دۇنياۋى خاراكتېرلىك كىرىزىس ئالدىدا، «ئۆزئارا ھەمدەم بولۇش، جاپا - مۇشەققەتتە بىللە بولۇش» مېھرى ئەڭ ھەقىقىي ئىزاھلاندى. جۇڭگو يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇۋاتقان ئەڭ مۈشكۈل پەيتتە، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى قىممەتلىك ماددىي ئەشيالارنى يەتكۈزۈپ بەردى؛ يۇقۇم ئوتتۇرا ئاسىيادا يامرىغاندا، جۇڭگو داۋالاش مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسى ۋە ۋاكسىنىلارنى بىرىنچى ۋاقىتتا تېزدىن ياردەمگە ئەۋەتتى. ئېغىر كۈنلەردە چىن ھېسسىياتنى كۆرگىلى بولىدىغان بۇ خىل قوشنىدارچىلىق يولى نوقۇل ھالدىكى پايدىنى ئويلىشىشتىن ھالقىپ، خەلقئارا مۇناسىۋەتكە ھاياتلىقنى ھەممىدىن ئەلا بىلىشنىڭ، چەكسىز مېھىر - مۇھەببەتنىڭ ئىللىقلىقىنى قوشتى. «گەرچە بىز ئوخشاش بولمىغان تىلدا سۆزلىسەكمۇ، قوشنىلار ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئىشىنىدىغان، ئۆزئارا قوللايدىغان دوستلۇق بىزنى بىر - بىرىمىزنىڭ ھال - ئەھۋالىغا قارىتا ئوخشاش تەسىراتقا ئىگە قىلدى» دېدى قازاقىستان «ئاتامېكىن» دۆلەت كارخانىچىلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى رايىمبېك باترالوۋ.
شۇنداق دېيىشكە بولىدۇكى، «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى»دىكى ھەربىر خەتتە جۇڭگونىڭ ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى بىلەن بولغان ئالاقىسىدىكى ھەقىقىي ئىزنالار قالدۇرۇلغان. ئۇ بىر سەمىمىيلىك ۋە سادىقلىق بىلەن پۈتۈلگەن ھەمكارلىق تارىخى، ئۇ چوڭقۇر تارىخ ۋە رېئال ئاساسقا يىلتىز تارتقانلىقتىن، ئۇلى مۇستەھكەم، ئاساسى پۇختا.
كەلگۈسى كۆزلەنگەن ئىدىيە يېتەكچىلىكى: ئورتاق زامانىۋىلاشتۇرۇشتىكى يېڭى يول
«جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى» ئۆتمۈشنى خۇلاسىلىگەنلىك، تېخىمۇ مۇھىمى كەلگۈسىنى پىلانلىغانلىق. ئۇ ئالتە دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى روشەن ھەرىكەت كۆرسەتمىسى بىلەن تەمىنلىدى، بولۇپمۇ «يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئارقىلىق ئورتاق زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىش»تىن ئىبارەت بۇ يادرولۇق مۇھىم مەزمۇن جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىغا تېخىمۇ كەڭ، تېخىمۇ دەۋر خاراكتېرىگە ئىگە يېڭى ئىستىقبال ئېچىپ بەردى.
جۇڭگو ئەزەلدىن ئۆزىنىلا ئويلاپ، باشقىلار بىلەن كارى بولمايدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئىنتىلمەيدۇ، بەلكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن ئورتاق تەرەققىي قىلىش، ھەمكارلىشىش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشقا كۈچ چىقىرىدۇ. جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى بەش دۆلەت ئوخشاشلا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەر، ئىزچىل زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىدىكى سەپەرداشلار. جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقى تەرەققىياتتىكى قىيىن مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى، ئورتاق ئىلگىرىلەش كۈچىنى مۇجەسسەملىدى، ئورتاق گۈللىنىشكە تىرەك بولدى. جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ۋە يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئارقىلىق، ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان دۇنيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تېخىمۇ كۆپ تەرەققىيات پۇرسىتى ئېلىپ كېلىپ، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن قول تۇتۇشۇپ، كەڭ بولغان ئورتاق زامانىۋىلاشتۇرۇش يولىغا ئاتلاندى.
«ئورتاق زامانىۋىلاشتۇرۇش»نىڭ ئۆزى بىر خىل ئىنتايىن ئىجادىيلىققا ئىگە ئىدىيە. ئۇ ئۈستۈنلۈككە ئېرىشكەنلەر ھەممىنى يەۋېتىدىغان، «گىرۋەك» «مەركەز»گە بېقىنىپ قېلىشنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدىغان كونىچە زامانىۋىلاشتۇرۇش لوگىكىسىنى بايرىقى روشەن ھالدا چۆرۈپ تاشلىدى. جۇڭگو قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش بىلەن بىللە، سەمىمىي ھالدا ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەمراھلىرى بىلەن تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىدارە قىلىش تەجرىبىلىرىنى ھەمبەھرىلەپ، ئالتە دۆلەتنىڭ زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە ھەمكارلىشىپ تۈرتكە بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ھەم «نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش» ناملىق كىتابنىڭ ئۆزبېك تىل - يېزىقى نۇسخىسىنى نەشر قىلىپ، نامرات نوپۇسنى ئازايتىش بويىچە جۇڭگو تەجرىبىلىرىنى ھەمبەھرىلەش بار، ھەم جۇڭگو تەرەپ تەسىس قىلىشنى قارار قىلغان نامرات نوپۇسنى ئازايتىش، مائارىپ جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش، چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشتىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ھەمكارلىق مەركىزى ۋە كەلگۈسى ئىككى يىلدا 3000 كىشىلىك تەربىيەلەش سانى بىلەن تەمىنلەش بار بولۇپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ گۈللىنىشكە تەشنا بولۇش، ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈشتىن ئىبارەت جىددىي ئېھتىياجىغا ئىنكاس قايتۇردى. بۇ خىل «ئۆزى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن باشقىلارنىمۇ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرىدىغان» شەرق ئەقىل - پاراسىتى ۋە كەڭ قورساقلىق «ئورتاق زامانىۋىلاشتۇرۇش»تىن ئىبارەت بۇ تېمىنى تېخىمۇ سىغدۇرۇشچان، ئومۇمىي مەنپەئەتدار بولغان جۇڭگو لايىھەسىگە ئىگە قىلدى. دەل كۇبا خەلقئارا سىياسەت تەتقىقات مەركىزىنىڭ جۇڭگو مەسىلىسى مۇتەخەسسىسى ئېدۋاردو رېگادو ئېيتقاندەك، «جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش»تىن «ئورتاق زامانىۋىلاشتۇرۇش»قا يۈزلىنىش جۇڭگونىڭ ئۆز تەرەققىيات نەتىجىلىرى ۋە تەجرىبىلىرىنى ھەمبەھرىلەشنى خالايدىغان چوڭ دۆلەت سالاپىتى ۋە ئېچىۋېتىلگەن قىياپىتىنى نامايان قىلىپ، سىغدۇرۇشچان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل ۋە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشقا تۈرتكە بولۇشتىكى قەتئىي ۋەدىسىنى ئىپادىلىدى.
«يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات» «ئورتاق زامانىۋىلاشتۇرۇش»قا كۈچلۈك ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇپ، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنىڭ مىقدار جەھەتتە جۇغلىنىشتىن سۈپەت جەھەتتە ھالقىشقا قەدەم قويۇشىغا تۈرتكە بولدى. ھەمكارلىقتىكى قىزىق نۇقتا پەقەت ئەنئەنىۋى ئېنېرگىيە ۋە ئۇل ئەسلىھە بولۇپلا قالماستىن، بەلكى يەنە يېشىل قېزىلما بايلىق، رەقەملىك ئىقتىساد، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار، زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى قاتارلىق يېڭى ئېشىش نۇقتىلىرىغا تېخىمۇ كۆپ يۆتكەلدى. مەسىلەن، جۇڭگونىڭ يېڭى ئېنېرگىيە تېخنىكىسى ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ سانائەتلىشىش مۇساپىسىدە يېشىل تەرەققىيات تېز سۈرئەتلىك يولىغا بىۋاسىتە كىرىش پۇرسىتىگە ئېرىشىشىگە ياردەم بەرمەكتە. چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا، تور مائارىپى قاتارلىق يېڭى كەسىپ ھالەتلىرى «رەقەملىك يىپەك يولى» ئارقىلىق مىڭلىغان، تۈمەنلىگەن ئائىلىگە نەپ يەتكۈزمەكتە. ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرگە تارقالغان «لۇبەن ھۈنەرخانىسى» شۇ جاي ئۈچۈن جىددىي ئېھتىياجلىق بولۇۋاتقان تېخنىكا ماھارەت ئىختىساسلىقلىرىنى زور مىقداردا يېتىشتۈرۈپ بېرىپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن پۇختا ئادەم كۈچى كاپىتالى مەدىتى بىلەن تەمىنلىدى. جەنۇبىي ئافرىقىدىكى داڭلىق ئالىم ساندىراي سۋانا مۇنداق قارىدى: جۇڭگو يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا قاراپ تىپ ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش جەريانىدا، تېخنىكا جەھەتتىن تەربىيەلەش، ئىختىساسلىقلارنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق، ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن نەتىجە ۋە تەرەققىيات تەجرىبىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، رايوننىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى ۋە زامانىۋىلاشتۇرۇش مۇساپىسىگە ئورتاق تۈرتكە بولماقتا.
ئىدىيە ئارقىلىق يېتەكلەش ۋە ئەمەلىي ھەمكارلىق مۇقىم، يۇقىرى ئۈنۈملۈك مېخانىزم ئارقىلىق مۇستەھكەملەش ۋە ئالغا سىلجىتىشقا ئېھتىياجلىق، ئۇنىڭ مەلۇم ۋاقىت، مەلۇم ئىش سەۋەبىدىن تەۋرىنىپ قالماسلىقىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ھەم ھەمكارلىقنىڭ كەڭلىكى ۋە چوڭقۇرلۇقىنى ئۈزلۈكسىز كېڭەيتىش كېرەك. «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى»نىڭ جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خەلقىگە بەخت يارىتىدىغان ماددىي كۈچكە ئايلىنىشى مېخانىزم كاپالىتىدىن ئايرىلالمايدۇ. دۆلەت باشلىقلىرى ئۇچرىشىش مېخانىزمىدىن ئومۇميۈزلۈك يۈرۈشتۈرۈلۈۋاتقان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا مېخانىزمى كاتىبات باشقارمىسىغىچە؛ 13 مىنىستىرلىق دەرىجىلىك ھەمكارلىق سۇپىسى ئارقا - ئارقىدىن قۇرۇلۇشتىن 100 جۈپتىن ئارتۇق دوستانە شەھەر مۇناسىۋىتى ئورنىتىلىشقىچە؛ تاكى بۇ قېتىمقى باشلىقلار يىغىنىدا قوشنىلار مەڭگۈ ئىناق - دوستانە ئۆتۈش ھەمكارلىق شەرتنامىسى ئىمزالىنىشقىچە ئەۋلادمۇئەۋلاد دوستانە ئۆتۈش پىرىنسىپى قانۇن شەكلىدە مۇقىملاشتۇرۇلدى... بۇلارنىڭ ھەممىسى شۇنى چۈشەندۈرۈپ بېرىدۇكى، «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى»نىڭ يېتەكچىلىكىدە، جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرىنىڭ ھەمكارلىقى تېخىمۇ قۇرۇلمىلىشىش، تۈزۈملىشىش، ئۇزاق مەزگىللىك بولۇش يۆنىلىشىگە قاراپ قەدەم تاشلىماقتا، ئۇنىڭدا چىڭ كۆزلەنگەن نىشان بەخت - سائادەتتىمۇ، جەبىر - جاپادىمۇ بىللە بولىدىغان، چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.
ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەشتىكى مۇھىم ئىلھام: دۇنياۋى قىيىن ۋەزىيەتنى ھەل قىلىشتىكى يېڭى لايىھە
«دۇنياغا نېمە بولدى، بىز قانداق قىلىشىمىز كېرەك؟» − بۇ دەۋر سوئالى ئالدىدا، «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى»نىڭ ئەھمىيىتى ئىككى تەرەپ ۋە رايون دائىرىسىدىن خېلىلا ھالقىپ كەتتى. يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق، زومىگەرلىك تەتۈر ئېقىمى ئەۋج ئېلىۋاتقان بۈگۈنكى كۈندە، ئۇ جۇڭگوچە چوڭ دۆلەت دىپلوماتىيەسى روھىنىڭ ئاساسىي رېڭىنى روشەن نامايان قىلىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشتىكى قىيىن ئەھۋالنى ھەل قىلىش، خەلقئارا مۇناسىۋەتنىڭ ساغلام تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى ئىنتايىن ئىلھام بېرىش ئەھمىيىتىگە ئىگە بولغان جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا لايىھەسى بىلەن تەمىنلىدى.
ئۇ بىر «تىنچلىق ئەينىكى» بولۇپ، «ئورمان قائىدىسى»گە تۈپتىن ئوخشاش بولمىغان ئالاقە يولىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بەردى. بەزى دۆلەتلەر يەنىلا ئەمەلىي كۈچى، ئورنىغا قارىغۇلارچە ئىشىنىپ، ھە دېسىلا تاموژنا بېجى كالتىكىنى پۇلاڭلىتىپ، جۇغراپىيەلىك قارشىلىشىشقا قۇتراتقۇلۇق قىلىۋاتقاندا، «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى» تەشەببۇس قىلغان «دۆلەتلەرنى چوڭ - كىچىك دەپ ئايرىماي ئوخشاش مۇئامىلە قىلىپ، ئىش بولسا كۆپچىلىك مەسلىھەتلىشىپ بېجىرىش» ئېنىقلا بىر سۈزۈك ئېقىن بولۇپ قالدى. ئۇ «تىنچ بىللە تۇرۇشنىڭ بەش پىرىنسىپى»غا ۋارىسلىق قىلىپ ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، «زوراۋانلىق دېمەك ھەققانىيەت دېمەكتۇر» دەيدىغان زومىگەرلىك لوگىكىسىغا جەڭ ئېلان قىلىپ، ئوخشاش بولمىغان جەمئىيەت تۈزۈمى، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيەت ئارقا كۆرۈنۈشى، ئوخشاش بولمىغان تەرەققىيات باسقۇچىدىكى دۆلەتلەرنىڭ ئۆزئارا ھۆرمەتلەيدىغان، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان داغدام يولنى تامامەن تېپىپ چىقالايدىغانلىقىنى قايىل قىلارلىق ھالدا ئىسپاتلىدى. پاكىستانلىق ئالىم مەھمۇد ھاسان خان مۇنداق قارىدى: «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى» دۇنيانىڭ ئىتتىپاقلىق ۋە ھەققانىيەت ساداسىنى مۇجەسسەملەپ، توقۇنۇش كىرىزىسىغا چوڭقۇر پېتىپ قالغان رايون دۆلەتلىرىنى قوشنىلار بىلەن ياخشى ئۆتىدىغان، قول تۇتۇشۇپ تەرەققىي قىلىدىغان قىممەتلىك تەجرىبىلەر بىلەن تەمىنلىدى.
ئۇ بىر «مەدەنىيلىك كۆزنىكى» بولۇپ، «ئىناق بىللە ئۆتۈش»تىن ئىبارەت شەرق ئەقىل - پاراسىتىنى نامايان قىلدى. «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى»نىڭ ئىچكى يادروسى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ «ئىناۋەتكە ئەھمىيەت بېرىپ ئىناق ئۆتۈش»، «باشقىلارنىمۇ ئۆزىنى سۆيگەندەك سۆيۈپ ھۇجۇم قىلماسلىق»، «ئۆزى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشىش ئۈچۈن، ئالدى بىلەن باشقىلارنىمۇ مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈش»تىن ئىبارەت مەدەنىيەت گېنىنى ئۆز ئىچىگە ئالدى. ئۇ مەدەنىيلىك توقۇنۇشى نەزەرىيەسىنىڭ تار نەزەر دائىرىسىدىن ھالقىپ، دۇنيانىڭ كۆپ خىللىقىغا ھۆرمەت قىلىپ، ئالماشتۇرۇش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش داۋامىدا ئورتاق ئالغا بېسىشنى تەشەببۇس قىلدى. ئۆزئارا مەدەنىيەت مەركىزى تەسىس قىلىشتىن «تاغ - دېڭىز مۇھەببىتى» «مېنىڭ ئالتىيىم» قاتارلىق كىنو - تېلېۋىزىيە فىلىملىرىنىڭ ئوتتۇرا ئاسىيادا داڭق چىقىرىشىغىچە، بۇ مول ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ئەمەلىيىتى جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى خەلقىنىڭ «قەلبىنى تۇتاشتۇرۇش» ھېسسىيات رىشتىنى چىڭىتماقتا، شۇنداقلا دۇنيادىكى ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەرنىڭ قانداق قىلىپ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى جانلىق ئۈلگە بىلەن تەمىنلىمەكتە.
ئۇ «تەرەققىيات كۆۋرۈكى» بولۇپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىنىڭ ئىتتىپاقلىشىپ ئۆزىنى قۇدرەت تاپتۇرۇشىنى مۇھىم ئىلھام بىلەن تەمىنلىدى. جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ھەمكارلىقى باراۋەر، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان جەنۇب - جەنۇب ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى. ئۇ ياردەم بەرگۈچى دۆلەتنىڭ ئىلتىپاتىمۇ ئەمەس، شۇنداقلا جۇغراپىيەلىك سىياسىينىڭ بېقىندىسىمۇ ئەمەس، بەلكى تەرەققىيات ھەمراھلىرى ئارىسىدىكى باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، بىر - بىرىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈرۈشتۇر. كۇبانىڭ سىياسىيشۇناسلىق مۇتەخەسسىسى رېگادو باھا بېرىپ مۇنداق دېدى: جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيا دۆلەتلىرى تۈرتكە بولغان «ئورتاق زامانىۋىلاشتۇرۇش» ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ دۆلەت ئەھۋالىغا ھۆرمەت قىلىپ، رايونلارنىڭ ماسلىشىشىغا ئەھمىيەت بېرىپ، دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە تېخىمۇ تەڭپۇڭ بولغان خەلقئارا تەرتىپكە تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن تۆھپە قوشتى. بۇ مۇۋەپپەقىيەتلىك ئەمەلىيەت كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرگە زور ئىلھام بېرىپ، ئۇلارنىڭ ئىتتىپاقلىشىش - ھەمكارلىشىش، ئۆز ئالدىغا تەرەققىي قىلىپ نامراتلىقتىن قۇتۇلۇش، گۈللىنىشنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىشەنچى ۋە كۈچىنى ئاشۇرىدۇ.
«جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى»نىڭ ئوتتۇرىغا قويۇلۇشى تارىخىي مۇقەررەرلىك، شۇنداقلا دەۋرنىڭ چاقىرىقى. ئۇنىڭغا ئىككى مىڭ يىلدىن ئارتۇق مەدەنىيلىك جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنىڭ چوڭقۇر ئاساسى يۈكلەنگەن بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەمكارلىق، تەرەققىياتنىڭ يېپيېڭى ئىدىيەسىنى نامايان قىلماقتا، ئىنسانىيەت جەمئىيىتى تەرەققىياتىنىڭ گۈزەل ئىستىقبالىنى كۆرسىتىپ تۇرماقتا. خىرىس ۋە پۇرسەتكە تولغان بۇ دەۋردە، بىز مۇشۇنداق مەنىۋى كۈچنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىمىزنى كۆرسىتىپ بېرىشىگە، ھەمكارلىق يولىمىزنى يورۇتۇشىغا تېخىمۇ ئېھتىياجلىق. دەل مەھمۇد ھاسان خان ئېيتقاندەك «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى» دۇنياغا ئىلھام ئېلىپ كەلدى، ئۇ بولسىمۇ پۈتكۈل ئىنسانىيەتنىڭ بەخت - سائادىتىدىن چىقىش قىلىپ، قارشىلىشىش تەپەككۇرى ۋە زومىگەرلىك ئېڭىنى چۆرۈپ تاشلاپ، دۇنيادىكى تىنچلىق كۈچلىرى لاگېرىغا ھەقىقىي قاتنىشىپ، قول تۇتۇشۇپ زامانىۋىلاشتۇرۇشقا ئورتاق ئاتلىنىپ، ئادىل، مۇۋاپىق، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان خەلقئارا تەرتىپنى ئورتاق بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت.
داغدام يولدا ماڭغانلار قەلبلەرنى مايىل قىلىدۇ، ئىرادىنى مۇجەسسەملىگەنلەر يىراق مەنزىلگە يېتىپ بارالايدۇ. رەئىس شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: تارىخنى كەينىگە ياندۇرسا بولمايدۇ، ئالغا ئىلگىرىلىشى كېرەك؛ دۇنيا بۆلۈنۈپ كەتسە بولمايدۇ، ئىتتىپاقلىشىشى كېرەك؛ ئىنسانىيەت ئورمان قائىدىسىگە قايتسا بولمايدۇ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشى كېرەك. «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى»دىن ئىبارەت ئەمەلىيەتتىن كەلگەن، كەلگۈسىگە يېتەكچىلىك قىلالايدىغان، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملىگەن بۇ ئىدىيەۋى بايلىق دەل بۇ ئۇلۇغ مەنزىلنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتى ۋە كۈچلۈك ئىسپاتى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، «جۇڭگو − ئوتتۇرا ئاسىيا روھى» جەزمەن تېخىمۇ كەڭ دائىرىدە مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى قوغداش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشىدۇ.
(قاتناشقان مۇخبىرلار: لى ئاۋ، جېڭ يۈ، بەي گې، جياڭ چاۋ، جياڭ بياۋ)
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى تېلېگراممىسى)