دولاتا پورتىدا، لىق يۈك بېسىلغان ئاپتوموبىللار تاموژنىدىن تەرتىپلىك ئۆتمەكتە (6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى تىزگىنەكلىك ئۇچقۇدا تارتىلغان). □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سەي زېڭلې فوتوسى
ساۋما قىلىپ مەخسۇس تېمىنى كۆرۈڭ
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رايىدە
يۈز يىللىق پورت قورغاس پەقەت 19 يىللىق تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش تارىخىغا ئىگە دولاتا پورتى بىلەن قول تۇتۇشسا، قانداق ئۇچقۇن چاقنايدۇ؟
6 - ئاينىڭ 19 - كۈنى، «چېگرانى بويلاپ تۈمەن چاقىرىملىق سەپەر قىلىش − ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت پائالىيىتى»نىڭ ئەزالىرى دولاتا پورتىغا كىردى. چېگرادىن كىرىش - چىقىشنى تەكشۈرۈش يولىدا يۈك ئاپتوموبىللىرى تەرتىپلىك ئۆچرەتتە تۇراتتى، دولاتا چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىدىكى خەلق ساقچىلىرى چېگرادىن كىرىدىغان - چىقىدىغان يۈك ئاپتوموبىللىرىنى تەكشۈرۈش ۋە يېتەكلەش بىلەن ئالدىراش ئىدى.
«ئىلگىرى بۇنداق ئالدىراش ئەمەس ئىدۇق.» دولاتا چېگرادىن كىرىش - چىقىش چېگرا مۇداپىئە تەكشۈرۈش پونكىتىنىڭ 27 ياشلىق خەلق ساقچىسى لى جىڭياڭ تەرىنى سۈرتۈپ تۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2023 - يىلىدىن ئىلگىرى، ئىش ئانچە كۆپ ئەمەس ئىدى، «ئۇ چاغدا ھەر كۈنى ھەربىر ئادەم ساناقلىقلا ئاپتوموبىلنى تەكشۈرەتتى، ھازىر ھەرگىز ساناپ بولالمايمىز».
بۇلتۇر دولاتا پورتىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى 41 مىليارد 650 مىليون يۈەنگە يەتتى؛ مال ئىمپورت - ئېكسپورت مىقدارى 670 مىڭ توننا بولدى؛ جەمئىي چېگرادىن كىرگەن - چىققان ئاپتوموبىل 57 مىڭ ئاپتوموبىل قېتىمدىن ئېشىپ، 2023 - يىلىدىكىدىن %40.1 ئاشتى، يەككە كۈندە تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈلگەن ئاپتوموبىل ئەڭ كۆپ بولغاندا 573كە يەتتى.
بۇ بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتنىڭ ئارقىسىدا «قورغاس پورتى بىلەن دولاتا پورتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئېلىپ كەلگەن كېپىنەك ئۈنۈمى بار.
«قورغاس پورتى بىلەن دولاتا پورتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» ئارىلىقى 100 كىلومېتىرمۇ كەلمەيدىغان قورغاس بىلەن دولاتاغا «ھەمكارلىق كۆۋرۈكى» سېلىپ بەردى. قورغاسنىڭ تەجرىبىسى مول، 24 سائەت تاموژنىدىن ئۆتكۈزىدۇ؛ دولاتانىڭ مەيدانى كەڭ بولۇپ، چوڭ بۇيۇملارنى توشۇشقا ماس كېلىدۇ. ئاپتوموبىللار ئىككى پورت ئارىسىدا ئۆزئارا قاتنىيالايدۇ، مال تارقاقلاشتۇرۇلۇپ توشۇلىدۇ، كەسىپلەر ئۆز ئارتۇقچىلىقىنى جارى قىلدۇرۇپ، قول تۇتۇشۇپ تاشقى سودا تىجارىتىنى زورايتالايدۇ.
2023 - يىلى 6 - ئايدا، «قورغاس پورتى بىلەن دولاتا پورتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ يۈرۈشتۈرۈشنى باشقۇرۇش لايىھەسى (سىناق تەرىقىسىدە يولغا قويۇلىدۇ)» تەستىقلىنىپ يولغا قويۇلدى.
ئىككى پورت قول تۇتۇشقاندىن كېيىنكى ئۆزگىرىشلەرگە قارىتا، شىنجاڭ چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى دولاتا پورتى تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ۋېڭ يوۋلىڭ چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە، 1999 - يىلى، ئۇ بۇ يەرگە يېڭى كەلگەندە، دولاتا پورتى چۆللۈك بولۇپ، بىر تۈپمۇ دەرەخ يوق ئىدى. 2023 - يىلىدىن ئىلگىرى، پورتنىڭ تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈشنى يۈرۈشتۈرگىنىگە كۆپ يىل بولغان بولسىمۇ، ئەتراپتا پەقەت تۆت دۇكان، بەش ئاشخانا، ئىككى مېھمانخانا بار ئىدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بىر مېھمانخانىنى ئۇ ئاچقانىدى، «شىركىتىمىز سالغان 50 دۇكاننىڭ ھەربىرىنىڭ يىللىق ئىجارە ھەققى 2000 يۈەندىن 5000 يۈەنگىچە ئىدى، لېكىن ھېچكىم سوراپمۇ قويمايتتى».
بۈگۈنكى كۈندە، قۇپقۇرۇق دۇكانلارنى ھەر خىل ئاشخانا، تاللا بازارلىرى ئىجارىگە ئېلىپ بولدى. «ھەربىر دۇكاننىڭ يىللىق ئىجارىسى 18 مىڭ يۈەنگە ئۆسكەن بولسىمۇ، يەنىلا تالىشىپ ئىجارىگە ئالدى. ھازىر پورت ئەتراپىنى ئاشخانا، تاللا بازىرى، ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى قاپلىغان بولۇپ، ئىلگىرىكىگە پۈتۈنلەي ئوخشىمايدۇ» دېدى ۋېڭ يوۋلىڭ.
بۇ ئۆزگىرىشنىڭ يادروسى ئىككى پورتنىڭ ئۆز ئالدىغا جەڭ قىلىش ۋەزىيىتىنى بۇزۇپ تاشلىغانلىقىدا. ئارىلىقى 100 كىلومېتىرمۇ كەلمەيدىغان قورغاس بىلەن دولاتا ئۇزاق مەزگىل «سىفون ئۈنۈمى»گە دۇچ كەلگەنىدى − قورغاس پۈتۈن شىنجاڭنىڭ بايلىقىنى سىفون قىلغان بولۇپ، دولاتا ئىقتىدار جەھەتتە گىرەلىشىپ كەتكەچكە تەرەققىياتى بوغما ھالەتكە چۈشۈپ قالغانىدى. بىر گەۋدىلەشتۈرۈش مېخانىزمى يولغا قويۇلغاندىن كېيىن، قورغاس پورتى پىشىپ يېتىلگەن ئاساسىي قۇرۇلۇشقا تايىنىپ دائىملىق سودىنى ئۈستىگە ئالدى، دولاتا پورتى دىققەتنى خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملارنى توشۇش، چوڭ ئۈسكۈنىلەرنى توشۇش، چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا يېڭى مەيدانىدىن ئىبارەت ئۈچ چوڭ ئالاھىدە يولغا مەركەزلەشتۈرۈپ تەرەققىياتنى كۆزلىدى.
بۇ خىل پەرقلىق ئورۇن بەلگىلەش دولاتا پورتىنى 2024 - يىلى قورغاس يۆنىلىشىدىكى چېگرادىن كىرىپ چىقىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ دولاتا پورتىدىكى چېگرادىن كىرىپ چىقىدىغان ئومۇمىي ئاپتوموبىللارنىڭ %30ىنى ئىگىلىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ھەم ئوخشاش سۈپەتلىك رىقابەتتىن ساقلاندى، ھەم يىللىق سودا سوممىسى 40 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىغان يېڭى ئېشىش قۇتۇپىنى شەكىللەندۈردى.
دولاتا پورتى باشقۇرۇش كومىتېتى پورت باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى جاڭ جې مۇنداق تونۇشتۇردى: قورغاستا نوپۇس زىچ، ئامباردا ساقلاش بىخەتەرلىك بېسىمىغا دۇچ كەلگەندە، دولاتا ئۆز ئەتراپىنىڭ نوپۇس زىچلىقى تۆۋەن بولۇش ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، خەتەرلىك خىمىيەلىك بۇيۇملار ۋە شامال ئېلېكتىر ئۈسكۈنىلىرى قاتارلىق چوڭ تىپتىكى يۈكلەرنى چېگرادىن چىقىرىدىغان ئاساسلىق يولغا ئايلاندى. قورغاسنىڭ ئەنئەنىۋى سودا ئەندىزىسى تويۇنۇشقا قاراپ يۈزلەندى، دولاتانىڭ چېگرا ئاھالىلىرى ئۆزئارا سودا بازىرى سودا سۇپىسى ۋە چېگرا ھالقىغان ئېلېكتىرونلۇق سودا كەسىپلەر باغچىسى رايون ئىقتىسادىغا يېڭى ھاياتىي كۈچ قوشتى.
بۇلتۇر دولاتا شىنجاڭغا ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن 55 مىليون 720 مىڭ يۈەن ئاجرىتىپ، «N + 123» ئاقىل پورت سىستېمىسى قۇرۇپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ھالقىسىنى 12 تۈردىن تۆت تۈرگە ئىخچاملىدى. H986 ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈش ئۈسكۈنىسى يەككە ئاپتوموبىلنى تەكشۈرۈش ۋاقتىنى 15 مىنۇتتىن بەش مىنۇتقا قىسقارتتى، سەككىز يوللۇق ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەكشۈرۈش سىستېمىسى يەككە كۈندە تاموژنىدىن ئۆتىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ چوققا قىممىتىنى 573كە يەتكۈزدى. ئىككى پورت يەنە جىددىي ئىشلارغا تاقابىل تۇرۇش بويىچە ماسلىشىش مېخانىزمى ئورناتتى، قورغاس تۇيۇقسىز يۈزبەرگەن ئەھۋالغا يولۇققاندا، دولاتا دەرھال %30تىن ئارتۇق يۈك توشۇشنى تارقاقلاشتۇرۇشنى ئۈستىگە ئېلىپ، رايون خەۋپ - خەتەرگە تاقابىل تۇرۇش ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈرەلەيدۇ.
كارخانىلارنىڭ ئەشيا ئوبوروت تەننەرخى %35 تۆۋەنلىدى، ئۇنىۋېرسال تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمى %40 ئاشتى، بۇنىڭ ئارقىسىدا تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنىڭ ئېشىشى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى باشقۇرۇش لوگىكىسىنىڭ قايتا بەرپا قىلىنىشى بار. دولاتا مەمۇرىي رايون ئايرىمىسىنىڭ توسالغۇسىغا ئۇچرىمايدۇ، بارلىق تارماقلار تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش مۇلازىمىتىنى چۆرىدەپ، كارخانىلارنى ئەنگە ئالدۇرۇش، تۈرلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى «بىر پونكىت شەكلى»دە بېجىرەلەيدىغان بولدى، بۇ خىل ئىخچاملاپ باشقۇرۇش ئەۋزەللىكى «ئالاھىدە ئىشنى ئالاھىدە بېجىرىش، جىددىي ئىشنى جىددىي بېجىرىش، كىچىك ئىشنى تېز بېجىرىش»نى دائىملىق ھالەتكە ئايلاندۇرۇپ، ئادەتتىكى ئىشنى بىر كۈندە بېجىرىپ بولۇشنى دائىملاشتۇردى.
«يالغۇز كۈرەش قىلىش»تىن «ماسلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىش»قىچە، «قورغاس پورتى بىلەن دولاتا پورتىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» شۇنى كۆرسىتىپ بەردىكى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىدا، پورتنىڭ تەرەققىياتى ئاددىي ھالدىكى جۇغراپىيەلىك گىرەلىشىش بولماستىن، بەلكى تەرتىپنى قايتا يارىتىش، كەسىپلەرنى ماسلاشتۇرۇش ۋە ئىدارە قىلىشتا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق، «2<1+1» بولۇش ھەمتۈرتكە ئۈنۈمى بارلىققا كېلىدۇ.
قورغاسنىڭ «كاتتا»لىقى بىلەن دولاتانىڭ «كىچىك ئەمما مۇكەممەللىكى» ئۇچرىشىپ بۇ ماسلىشىش سىنىقىدا، ئېنىقكى تېخىمۇ كۆپ ئۈنۈم بارلىققا كېلىدۇ.