گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسى 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى يىغىن ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى قەتئىي تەۋرەنمەي ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئېسىل پارتىيە ئىستىلى ئارقىلىق جەمئىيەت ئىستىلى، خەلق ئىستىلىغا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك» ناملىق مۇھىم ماقالىسى ئۆگىنىلدى، ئۆزلەشتۈرۈلدى، ئالاقىدار خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش ۋە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى خىزمىتى مۇھاكىمە قىلىندى، ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ باشلىقى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىلىرىدىن جاڭ جۇ، چېن مىڭگو يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا مەركىزىي كومىتېت پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپى ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، ئاپتونوم رايون قاتلىمىدىكى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى؛ ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ 2025 - يىلى ئالدىنقى يېرىم يىلدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلات ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، پۈتۈن يىللىق نۇقتىلىق ۋەزىپىلەر مۇھاكىمە قىلىندى، يىغىنغا قاتناشقان رەھبىرىي يولداشلار مۇزاكىرە ئېلىپ بېرىپ، شىنجاڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى ئالغا سىلجىتىشى توغرىسىدا پىكىر - تەكلىپ بەردى.
ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرى ئومۇملۇقىدىن چىقىش قىلىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش، پارتىيەنى گۈللەندۈرۈش، پارتىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇشقا دائىر بىر قاتار يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسى ۋە پارتىيەنىڭ ئۆزلۈك ئىنقىلابى توغرىسىدىكى مۇھىم ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈردى. باش شۇجى شى جىنپىڭ شىنجاڭنىڭ پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بەردى، بىر قاتار مۇھىم يوليورۇقلارنى بېرىپ، بىزنىڭ يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىشىمىزنى تۈپ قوللانما بىلەن تەمىنلىدى. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئۆزلەشتۈرۈپ، شىنجاڭ خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتىكى ئاچقۇچنىڭ پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇش، پارتىيە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ئىكەنلىكىنى چوڭقۇر تونۇپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيە قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت يېڭى ئۇلۇغ قۇرۇلۇشنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىشتىكى يېڭى نەتىجىلەر ئارقىلىق جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك سىياسىي كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى بۇ يىللىق پارتىيە قۇرۇلۇشىدىكى نۇقتىلىق ۋەزىپە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىشقا سىجىل كۈچەش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ پارتىيەنىڭ ئىستىل قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى ۋە مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسى ھەم ئۇنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسىنىڭ روھىنى ئۆگىنىشنى ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ پۈتكۈل جەريانىغا سىڭدۈرۈپ، مەسىلىلەرنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇر تەكشۈرۈپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ھەقىقىي قول سېلىپ قىيىنىغا تېگىش قىلىپ تۈزىتىپ - تۈزەپ، دېلو ئارقىلىق تۈزىتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۈزەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۆگىنىشنىڭ سۈپىتى بولۇش، تەكشۈرۈشنىڭ سالمىقى بولۇش، تۈزىتىشنىڭ ئۈنۈمى بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. بەلگىلىمىگە خىلاپ يەپ - ئىچىشنى مەركەزلىك تۈزەشنى گەۋدىلىك چىڭ تۇتۇپ، ئىنتىزام قىزىل سىزىقىنى چىڭىتىپ، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، سىياسىي ئۈنۈم، ئىنتىزام - قانۇن ئۈنۈمى ۋە جەمئىيەت ئۈنۈمىنىڭ ئورگانىك بىرلىكىگە يېتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك رەھبىرىي كادىرلار ھەقىقىي تۈردە ئۆگىنىش - تەربىيەسى داۋامىدا كۈچلۈك پارتىيەۋىلىكنى يېتىلدۈرۈپ، قاتتىق سىناقلاردىن ئۆتەلەيدىغان ئىستىلنى تاۋلاپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، راستچىل - ئەمەلىيەتچىل بولۇپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، ساختىپەزلىك قىلىش، نەتىجە قازىنىشقا ئالدىراپ كېتىش ۋە ئاددىيلاشتۇرۇۋېتىش، ھەممىنى بىر تاياقتا ھەيدەش، قاتلاممۇقاتلام يۈكلەش ئۇسۇللىرىنى قەتئىي تۈگىتىشى كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: ھەر دەرىجىلىك پارتىيە تەشكىلاتلىرى شىنجاڭنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىدا ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىدە دۇچ كەلگەن ۋەزىيەت، ۋەزىپىلەرنى سەگەكلىك بىلەن تونۇپ، مەڭگۈ داۋاملاشتۇرىدىغان قەتئىيلىك، كەسكىنلىك بىلەن پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىيدا تەرتىپلىك بولۇش، ھۆكۈمەت پاك بولۇش، كادىرلار پاك ۋە ئادىل بولۇش، جەمئىيەت ساپ بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك. بايراق روشەن ھالدا سىياسىيغا ئەھمىيەت بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنىڭ سىياسىي قۇرۇلۇشىنى باش ئورۇنغا قويۇپ، سىياسىي ئىنتىزام ۋە سىياسىي قائىدىگە قاتتىق رىئايە قىلىپ، ھەر ۋاقىت باش شۇجى شى جىنپىڭغا ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، يوليورۇق سوراش، دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى قاتتىق ئىجرا قىلىپ، ئەمەلىي ھەرىكەت ئارقىلىق «ئىككىنى تىكلەش»نى قەتئىي ھىمايە قىلىش، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بىلەن قوراللىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى ئارقىلىق ئىدىيەنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئىرادىنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ھەرىكەتنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، بولۇپمۇ يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى شىنجاڭ خىزمىتىنى ئۆلچەيدىغان مۇھىم ئۆلچەم قىلىپ، باشتىن - ئاخىر توغرا سىياسىي يۆنىلىشنى بويلاپ ئىلگىرىلەش كېرەك. يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ تەشكىلىي لۇشيەنىنى قەتئىي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئادەم تاللاش، ئادەم ئىشلىتىش توغرا يۆنىلىشىنى تۇرغۇزۇپ، يېڭى دەۋردىكى ياخشى كادىر ئۆلچىمى ۋە مىللەتلەر رايونىدىكى كادىرلار ئۆلچىمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، تەشكىلىي تەرتىپكە قاتتىق ئەمەل قىلىپ كادىرلارنى تاللاپ ئۆستۈرۈپ - تەيىنلەپ، تىرىشىپ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئاساسىي قاتلام پارتىيە تەشكىلاتلىرىنى كۈچلۈك قىلىپ قۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان يۇقىرى ساپالىق ھەر مىللەت كادىرلار قوشۇنىنى بەرپا قىلىش كېرەك. ئىستىلنى توغرىلاش، ئىنتىزامنى چىڭىتىشنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇشنى ئۇزاققىچە داۋاملاشتۇرۇپ، چىرىكلىشىشكە پېتىنالماسلىق، چىرىكلىشەلمەسلىك، چىرىكلىشىشنى ئويلىماسلىقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، سىياسىي مەسىلە بىلەن ئىقتىسادىي مەسىلە گىرەلىشىپ كەتكەن چىرىكلىك دېلولىرىنى قاتتىق تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ھوقۇق مەركەزلەشكەن، مەبلەغ كۆجۈملەشكەن، بايلىق توپلاشقان ساھەلەردىكى چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى تۈزەشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، «بىرىنچى باشلىق» ۋە رەھبەرلىك بەنزىسىگە بولغان نازارەتچىلىكنى كۈچەيتىپ، ئىستىل دۇرۇس، كەيپىيات توغرا بولغان سىياسىي ئېكولوگىيە بەرپا قىلىش كېرەك. بولۇپمۇ ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى ناتوغرا ئىستىل ۋە چىرىكلىك مەسىلىلىرىنى مەركەزلىك تۈزەشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دىققەتنى نۇقتىلىق ساھەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «نەپسانىيەتچى چىۋىن، چىرىكلەشكەن چۈمۈلە»لەرنى قاتتىق جازالاپ، ھەر مىللەت ئاممىغا چىرىكلىكنى تەكشۈرىدىغان ئادەم بارلىقىنى، مەسىلىلەرنى باشقۇرىدىغان ئادەم بارلىقىنى، مەنپەئەتنى قوغدايدىغان ئادەم بارلىقىنى ھەقىقىي ھېس قىلدۇرۇش كېرەك. پارتىيەنى باشقۇرۇش، پارتىيەنى ئىدارە قىلىش سىياسىي مەسئۇلىيىتىنى قەتئىي ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېت (پارتىيە گۇرۇپپا)لىرى پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيىتىنى ھەقىقىي تۈردە زىممىگە ئېلىپ، پارتىيە كومىتېتى (پارتىيە گۇرۇپپا) شۇجىلىرىنىڭ 1 - جاۋابكارلىق مەسئۇلىيىتى ۋە بەنزە ئەزالىرىنىڭ «بىر ئىش ئورنى، قوش مەسئۇلىيەت»ىنى كۈچەيتىپ، ھەر دەرىجىلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتلىرىنىڭ ئىنتىزامنى ئىجرا قىلىش، جاۋابكارلىقنى سۈرۈشتۈرۈشنى نازارەت قىلىش مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، كۆزىتىش خىزمىتىنى پۇختا، چوڭقۇر ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭدا پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشى كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: يۇقىرى سۈپەتلىك پارتىيە قۇرۇلۇشى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات بىلەن بىخەتەرلىكنى، ئېچىۋېتىش بىلەن خەۋپسىزلىكنى بىرتۇتاش پىلانلاش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مۇقىملىققا قەتئىي، كەسكىن كاپالەتلىك قىلىپ، بىر نىيەت، بىر مەقسەتتە تەرەققىياتنى كۆزلەپ، ئىدىيەدە ئازاد بولۇپ ئىسلاھاتنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تۈرلۈك چارە - تەدبىرلەر ئارقىلىق خەلق تۇرمۇشىغا نەپ يەتكۈزۈپ، كېيىنكى يېرىم يىللىق خىزمەتلەرنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشنى باشتىن - ئاخىر باش ئورۇنغا قويۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەشنى ئاساسىي لىنىيە قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قىلىپ، شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇشنى چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىپ، مىللەتلەر ئىتتىپاقلىقى، دىنلار ئىناقلىقىغا دائىر تۈرلۈك خىزمەتلەرنى پۇختا، ياخشى ئىشلەپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن كېڭەيتىپ، ئىستېمال يوشۇرۇن كۈچىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئەۋزەل كەسىپلەرنى زورايتىپ، ئىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ كىرىمنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى قەتئىي تەۋرەنمەي جانلاندۇرۇپ، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ساھەلەردىكى يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تۈگىتىشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى ئەلا نەتىجىلەر بىلەن كۈتۈۋېلىش كېرەك.
تيەن شياڭلى، چېن ۋېيجۈن، ۋاڭ جيەنشىن، يۈسۈپجان مەمەت، ئېلزات ئەخمەتجان، قادېن كەبىن، ۋاڭ لىن، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە قۇرۇلۇشى خىزمىتى رەھبەرلىك گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى ھەم ئەزا ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، ئاپتونوم رايون ۋە مەركەزنىڭ شىنجاڭدىكى ئالاقىدار ئورۇنلىرىدىكى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەردىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.