گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتىنىڭ 36 - قېتىملىق رەئىسلەر يىغىنى ئېچىلدى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 11 - يىغىنىنى 6 - ئاينىڭ 26 - كۈنىدىن 27 - كۈنىگىچە ئېچىش قارار قىلىندى. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى. نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەكىتلىدى: «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «تۆت ئاڭ»نى كۈچەيتىپ، «تۆت ئىشەنچ»نى چىڭىتىپ، «ئىككىنى قوغداش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپىنىڭ سىياسىي كېڭەشنىڭ مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش خىزمىتىدە ئىزچىللاشتۇرۇلۇشى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلۈشىگە ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك. شى جىنپىڭ دىپلوماتىيە ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك. باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى مۇھىم تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆگىنىش، تەكشۈرۈش، تۈزىتىشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالغا سىلجىتىپ، ئۆگىنىش - تەربىيەسىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك.
نۇرلان ئەبىلمەجىن مۇنداق تەلەپ قىلدى: شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسى ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنى مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش توغرىسىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرمىسىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونلۇق 10 - نۆۋەتلىك پارتىيە كومىتېتىنىڭ ھەر قېتىملىق ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ئورۇنلاشتۇرمىسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، دائىمىي كومىتېت يىغىنىنىڭ سۈپەت ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، ئۇنى يۇقىرى سۈپەتتە مەسئۇلىيەتنى ئادا قىلىپ تەكلىپ بېرىدىغان، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەيدىغان بىر قېتىملىق يىغىن قىلىپ ئېچىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ تۈزۈم - مېخانىزم قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كېڭىشىش خىزمىتى قائىدىسىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، خىزمەتنى تۈزۈملەشتۈرۈش، قېلىپلاشتۇرۇش، تەرتىپلەشتۈرۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. كېڭىشىش شەكلىنى بېيىتىپ، كېڭىشىش، ھاكىمىيەت ئىشلىرىنى مۇھاكىمە قىلىش ئەندىزىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، مەخسۇس تېمىدا كېڭىشىش، نىشانلىق كېڭىشىش، تەكلىپ بېجىرىش بويىچە كېڭىشىشنى تېخىمۇ جانلىق، تېخىمۇ دائىملاشتۇرۇپ ياخشى قانات يايدۇرۇپ، كېڭىشىش دېموكراتىيەسىنىڭ كەڭ دائىرىلىك، كۆپ قاتلاملىق تۈزۈملەشكەن تەرەققىياتىغا ئۈزلۈكسىز تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 11 - يىغىنىنىڭ قارالمىسى (لايىھە) ۋە كۈنتەرتىپى، كادىرلار ئىشلىرى (لايىھە) قاتارلىقلار قاراپ چىقىپ ماقۇللاندى؛ «ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ جەمئىيەت ئەھۋالى، خەلق رايى ئۇچۇرلىرىنى ئىنكاس قىلىش خىزمىتى نىزامى (ئۆزگەرتىلگەن لايىھەسى)» «ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ نىشانلىق كېڭىشىش خىزمىتى قائىدىسى»، يېڭىدىن ئۆزگەرتىلگەن «ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى خىزمەت قائىدىسى» «ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ ئايلىق كېڭىشىش سۆھبەت يىغىنى مەشغۇلات چارىسى» ۋە «ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش ئورگىنىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ھۆكۈمەت ئىشى بىلەن كۈتۈۋېلىشنى يولغا قويۇش تەپسىلىي قائىدىسى» ماقۇللاندى، يۇقىرىقى ھۆججەت لايىھەلىرىنى ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش 13 - نۆۋەتلىك كومىتېتى دائىمىي كومىتېتى 11 - يىغىنىنىڭ قاراپ چىقىشىغا سۇنۇش قارار قىلىندى.
يىغىندا يەنە ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەش رەئىسلەر يىغىنىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ 2025 - يىلىنىڭ ئالدىنقى يېرىم يىللىق خىزمەت ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتىنى تەييارلاش ئەھۋالى، 2024 - يىللىق ياخشى تەكلىپلەرنى باھالاش خىزمىتى ئەھۋالى توغرىسىدىكى دوكلاتى قاتارلىقلار ئاڭلاپ ئۆتۈلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسلىرىدىن جارۇللا ھېسامىدىن، كۇڭ شىڭلۇڭ، ياڭ يۇڭ، ئابدۇرېقىپ تۆمۈرنىياز، نۇرۇم ئىسمايىلقان، ئېزىز مۇسا، پۇ شۆمېي، شۈ شيەنيى، ھەسەنجان ئەخمەت، جىن جىجېن، باش كاتىپ رېن چېڭ يىغىنغا قاتناشتى.