ئۆز خەۋىرىمىز يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى مەخسۇس تېمىلىق خىزمەت يىغىنى ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۇ تىزگىنلەش، سۇچىلىقنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايوننىڭ سۇچىلىق تەرەققىياتى، سۇ بىخەتەرلىكىگە ئائىت ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانى مۇھاكىمە قىلىندى، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ يۆتكەش خىزمىتىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشنى ئالغا سىلجىتىپ، شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مۇلازىمەت قىلىش، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى سۇ بىخەتەرلىكى، سۇ كاپالىتى، سۇ تىرىكى بىلەن تەمىنلەش ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى ما شىڭرۇي يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى ھەم سۆز قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى لى يىفېي، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى خې جۇڭيوۋ قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.
سۇچىلىق مىنىستىرلىقىنىڭ سۇچىلىق ـ سۇ ئېلېكتىر ئىشلىرىنى پىلانلاش ـ لايىھەلەش باش يۇرتىدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداش ئاپتونوم رايوننىڭ سۇچىلىق تەرەققىياتى، سۇ بىخەتەرلىكىگە ئائىت ئىستراتېگىيەلىك يىرىك پىلانىنىڭ باسقۇچلۇق تەتقىقات نەتىجىلىرى توغرىسىدا تەپسىلىي دوكلات بەردى، شىنجاڭ سۇ بايلىقىنىڭ ھازىرقى ئەھۋالى ۋە ۋەزىيىتى، سۇ بايلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئومۇمىي تەلىپى، سۇ بايلىقىنى ئىلمىي تەقسىملەش، ئېكولوگىيەنى قوغداش ۋە ئەسلىگە كەلتۈرۈش، سۇ تورى قۇرۇلۇشىنى ئورۇنلاشتۇرۇش، سۇچىلىقنى باشقۇرۇش ئىسلاھاتى قاتارلىق مەسىلىلەرنى چۆرىدەپ چوڭقۇر چۈشەندۈردى. ئەركىن تۇنىياز، لى يىفېي، خې جۇڭيوۋ، قادېن كەبىن، مەڭلىك سىيىت، ياڭ شيۇلى قاتارلىقلار باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۇنى تىزگىنلەش، سۇچىلىقنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى ئۆگىنىش، ئىزچىللاشتۇرۇش، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى چۆرىدەپ، سۇ بايلىقىنىڭ شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك بايلىقى بولۇشتەك ئاچقۇچلۇق رولىنى چوڭقۇر تونۇش، سۇ بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش ۋە مۇۋاپىق پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئۆستۈرۈش، يېپيېڭى سۇ بىخەتەرلىكى ئىستراتېگىيەلىك ئەندىزە بەرپا قىلىش قاتارلىقلار توغرىسىدا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى، مۇزاكىرە قىلدى.
ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: سۇ شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ جان تومۇرى، ئۇل خاراكتېرلىك تەبىئىي بايلىق ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئىقتىسادىي بايلىق، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىش ئۈنۈمى قانچە يۇقىرى بولسا، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات بوشلۇقى شۇنچە چوڭ بولىدۇ. سۇچىلىق خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش، ئېكولوگىيەنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلاش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش ۋە ياخشىلاش قاتارلىقلارغا قارىتا ئىنتايىن مۇھىم، زور رېئال ئەھمىيەتكە ۋە چوڭقۇر تارىخىي ئەھمىيەتكە ئىگە.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: سىياسىي يۈكسەكلىكنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، سۇچىلىق تەرەققىياتى، سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى سىياسىي، ئىستراتېگىيە، پۈتۈن ۋەزىيەت جەھەتتىن تونۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ۋە مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەگە مۇلازىمەت قىلىش، كاپالەتلىك قىلىشنى كۆزلەپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ئىتتىپاق ـ ئىناق، ئاۋات ـ باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال ـ خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىشنى كۆزلەپ، سۇ بايلىقىدىن پايدىلىنىشنى ئىلمىي پىلانلاپ، سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق تەرەققىياتى، سۇ بىخەتەرلىكىنى ئومۇمىي دۆلەت خەۋپسىزلىكى قارىشىنى ئىزچىللاشتۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاپ، سۇچىلىق تەرەققىياتى، سۇ بىخەتەرلىكىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى پۈتۈن ۋەزىيىتىدىكى ئالاھىدە مۇھىم ئورنىنى چوڭقۇر تونۇپ، سۇ بايلىقى بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنى ئەڭ مۇھىم ئورۇنغا قويۇش، دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە قويۇپ ئويلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، سۇ بايلىقىنى يۇقىرى ئۈنۈملۈك تەقسىملەش ۋە مۇۋاپىق پايدىلىنىش ئىقتىدارى، سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، شىنجاڭنىڭ ئىجتىمائىي مۇقىملىقى ۋە ئەبەدىي ئەمىنلىكىنى پۇختا سۇچىلىق كاپالىتى بىلەن تەمىنلەش كېرەك. شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق تەرەققىياتى، سۇ بىخەتەرلىكىنى يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭنى كۆزدىن كەچۈرگەندە قىلغان مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۇچىلىق تەرەققىياتى، سۇ بىخەتەرلىكى مەسىلىسىنى ھەل قىلىشنى ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت ئۇزاق مۇددەت تۇتىدىغان بىر تۈرلۈك مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە قىلىپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، يىراق كەلگۈسى خىزمەت قىلىپ، سۇدىن ئىبارەت بۇ «تۇتقا»نى مەھكەم تۇتۇپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ يۆتكەشتىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى ئىشلەش كېرەك. شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق تەرەققىياتى، سۇ بىخەتەرلىكىنى يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا ئائىت ئىستراتېگىيەلىك بېكىتكەن ئورنىنى مەھكەم ئىگىلەپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تېخىمۇ كۆپ سىياسىي مەنە يۈكلەپ، مەۋقەنى رايون ئەھۋالى، سۇ ئەھۋالى، خەلق ئەھۋالىغا قويۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى بىلەن سۇ بايلىقىنى تەقسىملەشنىڭ مۇناسىۋىتىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىپ، سۇ بايلىقىدىن تۈجۈپىلىك، تېجەشلىك پايدىلىنىش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئاپتونوم رايونىمىز ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ تېخىمۇ يۇقىرى سۈپەتلىك، تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تېخىمۇ بىخەتەر تەرەققىي قىلىشىغا تىرەك بولۇپ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، نېفىت ـ تەبىئىي گاز، كۆمۈر، قېزىلما بايلىق، ئاشلىق، پاختا، مېۋە ـ كۆكتات قاتارلىق خاس، ئەۋزەل بايلىقلار ۋە كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى بوغما ھالەت چەكلىمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، ھەر مىللەت خەلققە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىش كېرەك. شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق تەرەققىياتى، سۇ بىخەتەرلىكىنى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاپ، سۇ بايلىقىنى ئېچىش، تەقسىملەش بىلەن ئىقتىسادىي تەرەققىيات، ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداشنىڭ مۇناسىۋىتىنى توغرا بىر تەرەپ قىلىپ، ئېكولوگىيە سىستېمىسىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكىنى چىقىش قىلىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى ئالغا سىلجىتىپ، دەريا ـ كۆل باشلىقى تۈزۈمىنى ئومۇميۈزلۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، دەريا، كۆللەرنىڭ ئېكولوگىيەسىنى قوغداش، ئەسلىگە كەلتۈرۈش ۋە ئۇنىۋېرسال تۈزەشنى تېزلىتىپ، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، جەمئىيەت ئۈنۈمى، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم، بىخەتەرلىك ئۈنۈمىنىڭ بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش كېرەك. شىنجاڭنىڭ سۇچىلىق تەرەققىياتى، سۇ بىخەتەرلىكىنى يېڭى دەۋردىكى سۇنى تىزگىنلەش فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇش سىياسىي يۈكسەكلىكىدە تۇرۇپ پىلانلاپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۇنى تىزگىنلەش، سۇچىلىقنى گۈللەندۈرۈش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇش، بوشلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، سىستېمىلىق تۈزەش، ئىككى قولدا كۈچەش»تە چىڭ تۇرۇپ، ھەقىقىي تۈردە سۇ تېجەشنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتىن ئىبارەت تۈپ فاڭجېن، بوشلۇقنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇشتىن ئىبارەت مۇھىم، زور پىرىنسىپ، سىستېمىلىق تۈزەشتىن ئىبارەت ئىدىيەۋى ئۇسۇل، ئىككى قولدا كۈچەشتىن ئىبارەت ئاساسىي تەلەپنى سۇنى تىزگىنلەش، سۇچىلىقنى گۈللەندۈرۈشنىڭ ھەرقايسى ھالقىلىرى، پۈتكۈل جەريانىدا كەم ـ كوتسىز ئەمەلىيلەشتۈرۈش كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەلەپ قىلدى: تەشكىلىي رەھبەرلىكنى كۈچەيتىش كېرەك. ئاپتونوم رايونلۇق سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش كومىتېتى قۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن سۇ بايلىقىنى تەڭشەپ ئورۇنلاشتۇرۇش، باشقۇرۇش سىستېمىسىنى بەرپا قىلىپ، ئومۇميۈزلۈك ئويلىشىپ، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ باشقۇرۇپ، بىرتۇتاش پىلانلاپ تۈرتكە بولۇپ، ئىنچىكىلەشكەن، قېلىپلاشقان، قانۇنچىللاشقان باشقۇرۇش سەۋىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئۆستۈرۈش كېرەك. بىڭتۇەن بىلەن يەرلىك بىر گەۋدە بولۇش، ماس ئالغا سىلجىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ـ ئىسلاھات، مالىيە، تەبىئىي بايلىق، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا، ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق، سۇچىلىق قاتارلىق تارماقلارنىڭ ماسلىشىشى، بىرلىشىپ ھەرىكەتلىنىشنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىلىنىشنى ئالغا سىلجىتىپ، ۋادىنى ئۇنىۋېرسال پىلانلاش، كەلكۈندىن مۇداپىئەلىنىشنى ئورۇنلاشتۇرۇش، سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش قاتارلىق ساھەلەردىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىر پۈتۈن ھەمتۈرتكە بولىدىغان قۇدرەتلىك خىزمەت بىرىكمە كۈچىنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. سىستېما قارىشىنى كۈچەيتىش كېرەك. ۋادى رايونىنى ئىلمىي بىرتۇتاش پىلانلاش، سۇ مەنبەسىنى ئېچىش بىلەن ئېقىننى تىزگىنلەشكە تەڭ ئەھمىيەت بېرىش، قىسقا مەزگىل، ئۇزاق مەزگىل تەڭ ئېتىبار بېرىشتە چىڭ تۇرۇپ، سۇ تېجەشنى سۇ بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىشنىڭ تۈپ چىقىش يولى قىلىش، سۇ ساقلاش قۇرۇلۇشىنى سۇ بايلىقىنى تەڭشەش ـ تىزگىنلەشنىڭ ئاساسى قىلىش، سۇ يۆتكەش قۇرۇلۇشىنى ئىستراتېگىيەلىك سۇ مەنبەسى تولۇقلىمىسى قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، مۇھىم، زور سۇ بايلىقىنى تەقسىملەش قۇرۇلۇشى ۋە سۇ بايلىقىنى تەڭشەش ـ ساقلاش ئىقتىدار قۇرۇلۇشىنى سىستېمىلىق ئالغا سىلجىتىپ، رايون خاراكتېرلىك، پەسىل خاراكتېرلىك، قۇرۇلۇش خاراكتېرلىك، قۇرۇلما خاراكتېرلىك سۇ كەمچىل بولۇش مەسىلىسىنى ھەقىقىي ھەل قىلىپ، ۋادىنىڭ سۇ بىخەتەرلىكىگە ئۈنۈملۈك كاپالەتلىك قىلىش، سۇ بايلىقىدىن يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىش، سۇ ئېكولوگىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلاشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. دادىل ئىسلاھ قىلىپ يېڭىلىق يارىتىش كېرەك. ئىدىيەدە يەنىمۇ ئازاد بولۇپ، پىكىر يولىنى ئېچىپ، ۋادى باشقۇرۇش، رايون باشقۇرۇش، ئايرىپ باشقۇرۇشتىن ئىبارەت سۇ بايلىقىنى باشقۇرۇش تۈزۈلمىسىنى بۇزۇپ تاشلاپ، بازار مېخانىزمىنىڭ سۇ بايلىقىنى تەقسىملەشتىكى ھەل قىلغۇچ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش كېرەك. ھۆكۈمەت ماكرولۇق تەڭشەش ـ تىزگىنلەش ۋاسىتىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سۇچىلىقتىكى نۇقتىلىق ساھە ۋە ئاچقۇچلۇق ھالقىلاردىكى ئىسلاھاتتا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، ھۆكۈمەت يېتەكچىلىكىدىكى پۈتۈن جەمئىيەت ماسلىشىپ سۇ تىزگىنلەيدىغان، سۇچىلىقنى گۈللەندۈرىدىغان بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈش كېرەك. سۇ ھوقۇقى، سۇ بازىرى مېخانىزمىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىلمىي، مۇۋاپىق بولغان سۇ باھاسىنى شەكىللەندۈرۈش مېخانىزمى بەرپا قىلىپ، سۇچىلىق تەرەققىياتىنىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچى ۋە ھاياتىي كۈچىنى تولۇق قويۇپ بېرىش كېرەك. پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئاقىل سۇچىلىق قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىپ، يۇقىرى ساپالىق، كەسىپلەشكەن سۇچىلىق كادىرلىرى، ئىختىساسلىقلار قوشۇنى قۇرۇپ چىقىش كېرەك. شىنجاڭ سۇچىلىق تەرەققىياتىغا مەبلەغ سېلىش گۇرۇھىنىڭ زورىيىپ، كۈچىيىپ، سۇ تېجەش، سۇ ساقلاش، سۇ يۆتكەش سىستېمىسى بەرپا قىلىشتا باشلامچىلىق، تۈرتكىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشىنى قوللاپ، شىنجاڭ سۇچىلىق ئىشلىرىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇپ، گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.
ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار تارماقلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار يىغىنغا قاتناشتى.