ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى مېھرىگۈل ناسىرنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 6 ـ ئاينىڭ 30 ـ كۈنىگىچە، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندا يېڭىدىن ئاشقان كېمەيتىلگەن باج، تۆۋەنلىتىلگەن ھەق ۋە قايتۇرۇلغان، كېچىكتۈرۈلگەن باج ـ ھەق جەمئىي 46 مىليارد يۈەندىن ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، قوشۇلما قىممەت بېجى بويىچە بېجىرىلگەن باجنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىپ قايتۇرۇلغان باج 38 مىليارد 620 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى پۈتۈن يىلدىكىنىڭ 3.6 ھەسسىسىگە توغرا كېلىپ، 40 مىڭدىن ئارتۇق باج تاپشۇرغۇچىغا نەپ يەتكۈزۈلگەن؛ يېڭىدىن ئاشقان كېمەيتىلگەن باج، تۆۋەنلىتىلگەن ھەق 4 مىليارد 140 مىليون يۈەن بولغان؛ بېجىرىلگەن كېچىكتۈرۈپ تاپشۇرۇلغان باج ـ ھەق 3 مىليارد 350 مىليون يۈەن بولغان.
ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا ئاپتونوم رايون بويىچە قايتۇرۇلغان باجغا ئېرىشكەن بازار سۇبيېكتلىرى ئىچىدە، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلارنىڭ سانى %93.2نى ئىگىلىگەن، جەمئىي قايتۇرۇلغان باج 15 مىليارد 410 مىليون يۈەن بولۇپ، سوممىسى %42.7نى ئىگىلىگەن، بۇلار سىياسەتتىن نەپكە ئېرىشكەن ئاساسلىق توپ ئىكەن.
بۇ يىلدىن بۇيان، ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى «1000 كادىر 10 مىڭ كارخانىنى زىيارەت قىلىپ، خەلققە نەپ يەتكۈزۈش، قىيىنچىلىقلىرىنى ھەل قىلىپ بېرىش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، بەش چوڭ تۈردىكى 121 تۈرلۈك 193 ماددىلىق ئىنچىكىلەشتۈرۈلگەن تەدبىرنى يولغا قويۇپ، كارخانىلارنى تور ۋە تور سىرتىدا جەمئىي 168 مىڭ كارخانا قېتىم زىيارەت قىلدى؛ ئېلېكتىرونلۇق باج ئىدارىسى، «كارخانا ئۇششاق بېجى» باج ـ كارخانا ھەمتۈرتكە سۇپىسى قاتارلىقلارغا تايىنىپ، سىياسەت مۇھىم نۇقتىسىنى 10 مىليوندىن ئارتۇق كارخانا قېتىم دەل جايىدا يەتكۈزۈپ، باجنى توغرىلاپ چىقىرىۋېتىپ باج قايتۇرۇش بويىچە باج تاپشۇرغۇچىلارغا بىرگە بىر، دەل جايىدا يېتەكچىلىك قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئاپتونوم رايونلۇق باج ئىدارىسى دىققەتنى ئاپتونوم رايوننىڭ ئىقتىسادنى مۇقىم ئاشۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىشقا دائىر توققۇز جەھەتتىكى 46 تۈرلۈك سىياسەت، تەدبىرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، «باجنىڭ فۇنكسىيەلىك رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىقتىسادنى مۇقىملاشتۇرۇش، تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچ قوشۇش توغرىسىدىكى بىرقانچە تەدبىر»نى ئېلان قىلىپ، ئىقتىساد ئومۇمىي گەۋدىسىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچ قوشۇش، ئاپتونوم رايوننىڭ زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىشنى قوللاش، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىش سالمىقىنى زورايتىشقا كۈچ قوشۇش، پۇقراۋى ئىگىلىك، ئوتتۇرا، كىچىك، ئۇششاق كارخانىلار ۋە يەككە سودا ـ سانائەتچىلەرنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان باج، تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بەرپا قىلىش قاتارلىق جەھەتلەردە 18 تۈرلۈك كونكرېت تەدبىرنى يولغا قويۇپ، يېڭى بىرىكمە شەكىلدىكى باج ـ ھەق جەھەتتە قوللاش سىياسىتىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈردى، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈردى.