□ شۈ چىڭگۇاڭ
ھازىر، شىنجاڭدىكى يۇقۇمغا ئائىت ھەربىر خەۋەر سانسىزلىغان كىشىگە تەسىر كۆرسەتمەكتە.
كېسەللىك ئالامىتى كۆرۈلمىگەن يۇقۇملانغۇچىلارنىڭ سانى ئۈزلۈكسىز ئاشتى، تەسىرگە ئۇچرىغان رايونلار ئۈزلۈكسىز كېڭەيدى، ئوتتۇرا، يۇقىرى خەۋپ ـ خەتەر رايونى كۆپەيدى، ۋىرۇسنىڭ كېلىش مەنبەسى ئېنىق ئەمەس، كۆپ زەنجىر تەڭ كۆرۈلدى، شىنجاڭدىكى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋەزىيىتى مۇرەككەپ، كەسكىن بولماقتا. مانا بۇ بىز بىۋاسىتە يۈزلىنىدىغان يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش رېئاللىقى. ھىيلىگەر، ئۆزگىرىشچان يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسنى شامال ئۇچۇرۇپ كېتەلمەيدۇ، يامغۇر يوقىتىۋېتەلمەيدۇ، ئۇنىڭ تارقىلىش يولى ئادەمنىڭ ئىرادىسى بىلەن يۆتكىلىپ كەتمەيدۇ. ھەرقانداق سەل قاراش ـ ئېتىبارسىز قاراش، ھەرقانداق بىخوتلۇق قىلىش، ھەرقانداق ئىككىلىنىپ كېچىكتۈرۈۋېتىشنىڭ ھەممىسى جەڭ پۇرسىتىگە دەخلى يەتكۈزۈپ، ۋەزىيەتنى بارغانسېرى كەسكىنلەشتۈرۈۋېتىشى مۇمكىن.
دۆلەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى تەتقىقاتلاردا بايقىلىشىچە، ئومىكېروننىڭ ئۆزگەرگەن تۈپى ھەرگىزمۇ «چوڭ تىپتىكى تارقىلىشچان زۇكام» ئەمەس، ئۇنىڭ بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتى ئادەتتىكى تارقىلىشچان زۇكام بىلەن يۇقۇملانغانلارنىڭ ئوتتۇرىچە ئۆلۈپ كېتىش نىسبىتىنىڭ يەتتە ـ سەككىز ھەسسىسىگە توغرا كېلىدىكەن، ياشانغانلار توپى بولۇپمۇ 80 ياشتىن يۇقىرى كىشىلەر توپىدا تېخىمۇ شۇنداق بولىدىكەن. ئەگەر مەيلىگە قويۇۋېتىلسە، خەۋپ يېتىدىغىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ھاياتىي بىخەتەرلىكى ۋە تەن ساغلاملىقى بولىدۇ، زەربىگە ئۇچرايدىغىنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىي قىلغان چوڭ ياخشى ۋەزىيىتى بولىدۇ.
ۋاقىت تەخىرسىز، ۋەزىپە مۈشكۈل، مەسئۇلىيەت ئېغىر، زور، بۇ بىزدىن جەزمەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشنى ياخشى تۇتۇشنى ئەڭ مۇھىم ئىش دەپ بىلىپ، قاتتىق جەڭ قىلىشنىڭ ئىدىيەۋى تەييارلىقى، خىزمەت تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلەپ، ئايرىپ باشقۇرۇش ـ تىزگىنلەش، داۋالاش ـ قۇتقۇزۇش قاتارلىق يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خېسۇەن تەكشۈرۈش، تارقىلىشچان كېسەللىك ئىلمى بويىچە مەنبەدىن تەكشۈرۈش، ماددىي ئەشيالارنى زاپاس ساقلاش قاتارلىق تۈرلۈك خىزمەتلەرنى مىنۇت ـ سېكۇنتنى قولدىن بەرمەي ئىنچىكە تۇتۇش، پۇختا تۇتۇشنى تەلەپ قىلىدۇ. خەۋپنى تېخىمۇ بالدۇر بايقاپ، يۇقۇمنى تېخىمۇ تېز بىر تەرەپ قىلىپ، ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش تەدبىرلىرىنى تېخىمۇ پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاممىغا تېخىمۇ دەل جايىدا مۇلازىمەت قىلىپ، تېز كېڭىيىۋاتقان يۇقۇمنى تېز ھەرىكەت قوللىنىپ تىزگىنلەپ، تېز ھەرىكەت قوللىنىپ تىزگىنلەشتە غەلىبە قىلىپ، ئەڭ زور تىرىشچانلىق كۆرسىتىپ، ئەڭ قىسقا ۋاقىت ئىچىدە يۇقۇمنى تۈگىتىش كېرەك.
يۇقۇمنى تېزدىن تۈگىتىش، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ يۈرۈشۈشىنى ئۆز يولىغا قايتۇرۇش ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەڭ تەخىرسىز ئارزۇسى. ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جەڭگىۋارلىقنى ئۇرغۇتۇپ، دەل جايىدا، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىشلەپ، مىنۇت ـ سېكۇنتنى قولدىن بەرمىسەكلا، بىز چوقۇم ئەڭ قىسقا ۋاقىتتا جەمئىيەت قاتلىمىدىن نۆللەشتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، ئەڭ ئاز بەدەل تۆلەش ئارقىلىق ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى ئەڭ زور ئۈنۈمنى ئىشقا ئاشۇرالايمىز.
(«سۆز ھەممىگە» ماقالە ئەۋەتىش پوچتا ساندۇقى: xjrbplb@126.com)