□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن، ئىختىيارىي مۇخبىر جاڭ جىنمېي
8 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى سائەت 8دىن باشلاپ، ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ نۇقتىلىق شەھەر رايونىدا ۋاقىتلىق تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇش تەدبىرى يولغا قويۇلدى. ھەرقايسى نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىلىرى يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش ئالدىنقى شەرتىدە، يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئىشلەپچىقىرىشنىڭ نورمال يۈرۈشۈشىگە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلدى.
8 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى سەھەر سائەت 4تە، شىنجاڭ تىيانشان يۇڭ توقۇمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى خىزمەتچىلەرنى ئىش ئورنىغا قايتىشقا پائال تەشكىللىدى، 400دىن ئارتۇق كادىر، ئىشچى ـ خىزمەتچى ناھايىتى تېزلا زاۋۇت رايونىغا قايتىپ كەلدى. سائەت 8دە، تىيانشان توقۇمىچىلىق باش ئىشتابى ھەم ھەرقايسى شۆبە شىركەتلەر جىددىي يىغىن ئېچىپ، شىركەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋە ئىشلەپچىقىرىش، تىجارىتىنى ئورۇنلاشتۇردى، ئورۇنلاشتۇرما قىلدى.
سائەت 9دا، ئۈرۈمچى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كەسىپلەر تەرەققىيات رايونى (يېڭىشەھەر رايونى)نىڭ شىمالىي رايون سانائەت باغچىسىدىكى تىيانشان توقۇمىچىلىق سانائەت باغچە رايونىدا، تىۋىت يۇيۇش، تاراش، بوياش، ئېگىرىش، توقۇش قاتارلىق ھەرقايسى ئىش ھالقىلىرى تەرتىپلىك ئېلىپ بېرىلىپ، توقۇمىچىلىق، كىيىم ـ كېچەك مەھسۇلاتلىرىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىپ، زاكاز مالنىڭ ۋاقتىدا تاپشۇرۇلۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىندى.
تىيانشان يۇڭ توقۇمىچىلىق پاي چەكلىك شىركىتى قارىمىقىدىكى شىنجاڭ جىنتيەنشەن داۋالاش ئۈسكۈنىلىرى چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايوندىكى ماسكا ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئەڭ چوڭ كارخانا، نۆۋەتتە، بۇ شىركەت بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن مەھسۇلات قۇرۇلمىسىنى تەڭشەپ، زېھنىنى مەركەزلەشتۈرۈپ داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا ۋە مۇداپىئە كىيىمى ئىشلەپچىقىرىشقا ئاتلاندى. شىركەت ھازىر 11 مىليون دانە داۋالاشتا ئىشلىتىلىدىغان ماسكا، 8000 يۈرۈش مۇداپىئە كىيىمى تەييارلىدى.
شىنجاڭ يىندولەن دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى سانائەت ـ ئۇچۇرلاشتۇرۇش مىنىستىرلىقى ۋە ئاپتونوم رايون بېكىتكەن يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەشتىكى ماددىي ئەشيا ئىشلەپچىقىرىدىغان نۇقتىلىق كارخانا بولۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ كەسىپ زەنجىرى تەمىنلەش زەنجىرىدىكى نۇقتىلىق كارخانىلار «ئاق تىزىملىك»ىگە كىرگۈزۈلگەن. 8 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى سەھەر سائەت 4تە، يىندولەن دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتى ئىشچى ـ خىزمەتچىلەرنى زاۋۇتقا قايتىشقا پائال تەشكىللىدى، سائەت 8 بولمايلا، نۇقتىلىق ئىشلەپچىقىرىشقا كاپالەتلىك قىلىش ئىش ئورنىدىكى خادىملار تولۇق ئىش ئورنىغا قايتتى.
«يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش دورىلىرىنى ئىشلەپچىقىرىش، تەمىنلەشكە چوقۇم كاپالەتلىك قىلىپ، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىشىگە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن ماسلىشىپ، كارخانىنىڭ مەسئۇلىيىتىنى زىممىمىزگە ئېلىشىمىز كېرەك!» يىندولەن دورىگەرلىك پاي چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لى جۈننىڭ ئىلھاملاندۇرۇشى بىلەن، زاۋۇتتا تۇرۇۋاتقان بارلىق خىزمەتچىلەر تولۇق قىزغىنلىق بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشىپ كەتتى، يېزىخو ئەمىنىدىن ئايرىۋېلىنغان ماددا دورا ياساش سېخىغا ئۈزلۈكسىز توشۇلۇپ، ئاپتوماتلاشقان دانىچە دورا ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە دانىچىلەشتۈرۈلدى، قاپقا سېلىندى، ئوراپ قاچىلاندى، ساندۇق ـ ساندۇق مۇرەككەپ رېتسېپلىق يېزىخو ئەمىنى دانىچە دورىلىرى ئىسكىلاتقا كىرگۈزۈلۈپ، ئاندىن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا تارقىتىلدى.
شىنجاڭ جىنشۆچى پەن ـ تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى ئاپتونوم رايون بويىچە تۇنجى تۈركۈمدە دۆلەت دەرىجىلىك نۇقتىلىق «كەسىپلەشكەن، سەر خىل، ئالاھىدە، يېڭى» كىچىك گىگانت كارخانا قاتارىغا كىرگۈزۈلگەن سىلىقلاش مېيى كارخانىسى. 8 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، شىركەتنىڭ ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، تۆت ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسى پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقىرىشقا كىرىشتۈرۈلدى، نۆۋەتتە، كۈنلۈك ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 100 توننىغا يەتتى.
«ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، شىركەت خىزمەتچىلىرى تېزدىن ئىش ئورنىغا قايتتى. بىز يۇقىرى دەرىجىلىك باشقۇرۇش تارماقلىرى بىلەن پائال ئالاقىلىشىپ، كەسىپ زەنجىرى، تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا، راۋانلىقىغا كاپالەتلىك قىلدۇق. يەنە بىر مەزگىلدىن كېيىن شىنجاڭنىڭ پاختا يىغىش پەسلى يېتىپ كېلىدۇ، نۆۋەتتە، شىركىتىمىز پاختا يىغىش ماشىنىسىنىڭ ئۇرچۇق سىلىقلاش مېيى ۋە يۇيۇش سۇيۇقلۇقىنى جىددىي ئىشلەپچىقىرىپ، پاختا يىغىش ئۈچۈن ياخشى تەييارلىق قىلىۋاتىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئاپتوموبىل سىلىقلاش مېيى ۋە سانائەت سىلىقلاش مېيى مەھسۇلاتلىرىنى پائال ئىشلەپچىقىرىپ، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلىمەكتە» دېدى شىنجاڭ جىنشۆچى پەن ـ تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى سېتىش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن باش نازارەتچىسى دۇڭ جۈنكۈي تونۇشتۇرۇپ.
ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە شىنجاڭنىڭ ئىچى ـ سىرتىدىكى بازارلارنى سۈت مەھسۇلاتلىرى بىلەن تەمىنلەشكە پۈتۈن كۈچ بىلەن كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شىنجاڭ «شىيۈچۇن» سۈتچىلىكى چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتىنىڭ 500دىن ئارتۇق خىزمەتچىسى زاۋۇتتا تۇرۇپ يېپىق ھالەتتە باشقۇرۇشنى يولغا قويدى، نۆۋەتتە، كۈنىگە 350 توننىدىن ئارتۇق ھەر خىل سۈت مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىۋاتىدۇ.
8 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى سائەت 7دە، شۇاڭچيەن گۇرۇھى (شىنجاڭ) كوئېنلۇن بالون چەكلىك شىركىتىدىكى 1280 خىزمەتچىنىڭ ھەممىسى 8 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى سائەت 7دە زاۋۇتقا يېتىپ كەلدى. سائەت 9دا، كوئېنلۇن بالون ئەقلىي ئىقتىدارلىق ئىشلەپچىقىرىش سېخىدا، نەچچە ئون چېدىر لىم ماشىنا ئادىمى بوشلۇقتا «ھەرىكەت» قىلىۋاتاتتى، يەر يۈزىدە ماسكا تاقىۋالغان ئىشچىلار كاۋچۇك ئېرىتىش، چاپلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى تەرتىپلىك قىلىۋاتاتتى.
«ئۇقتۇرۇشنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن، خىزمەتچىلەر قىلچە ئىككىلەنمەستىن كېچىلەپ شەھەرنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىن زاۋۇتقا كەلدى.» كوئېنلۇن بالون چەكلىك شىركىتى ئۇنىۋېرسال بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى جاڭ يى مۇنداق دېدى: ھازىر دەل سېتىشنىڭ ئاۋات مەزگىلى، كوئېنلۇن بالونىنىڭ سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6 ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە كان يۈك ئاپتوموبىلى بالونىنىڭ سېتىلىش مىقدارى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %34 ئاشتى، «نۆۋەتتە سېتىلىش مىقدارى مەھسۇلات مىقدارىدىن كۆپ، ئامبار زاپىسى تارىختىكى ئەڭ تۆۋەن ھالەتتە تۇرۇۋاتىدۇ، بىز پەقەت پۈتۈن كۈچ بىلەن ئىشلەپچىقارساقلا، بازارنى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلالايمىز».
كارخانا ئىشلەپچىقىرىشنى تېزلەتتى، ھۆكۈمەت ئالدىغا ئۆتۈپ مۇلازىمەت قىلدى. جاڭ يى مۇنداق تونۇشتۇردى: 8 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنى، كارخانا تۇرۇشلۇق تەۋەلىك رايونى باشقۇرۇش كومىتېتى، سانائەت باغچە رايونىنىڭ بىز بىلەن ۋاقتىدا ئالاقىلىشىپ، كارخانىنىڭ نۆۋەتتىكى ئىشلەپچىقىرىشتا قىيىنچىلىققا دۇچ كەلگەن ـ كەلمىگەنلىكىنى ئىگىلىدى ھەم مەسىلە بولسا ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىدىغانلىقىنى ئۇقتۇردى، بۇ، كارخانىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا بولغان ئىشەنچىنى يەنىمۇ ئاشۇردى.