□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرلىرى
8 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، يېڭى كۆكتات، مېۋە ـ چېۋىلەر لىق قاچىلانغان يۈك ئاپتوموبىللىرى قاتتىق تەكشۈرۈش دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش ئارقىلىق، تەرتىپ بىلەن شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى توپ سېتىش سودا بازىرىغا كىرىپ يۈك چۈشۈردى. بازاردا، 150 نەچچە خىل كۆكتات ۋە 200 نەچچە خىل مېۋە ـ چېۋە كۆزنى قاماشتۇراتتى. نۆۋەتتە، بازاردا مال مەنبەسى يېتەرلىك، تۈرلىرى تولۇق، باھاسى مۇقىم بولماقتا.
ھازىر، ئاپتونوم رايونىمىزدا يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش ۋەزىيىتى مۇرەككەپ، كەسكىن، بىر قىسىم ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋاقىتلىق تىنچ ھالەتتە باشقۇرۇش تەدبىرىنى يولغا قويدى، ھەرقايسى جايلاردىكى ھۆكۈمەتلەر پۈتۈن كۈچ بىلەن ئاتلىنىپ ئاممىنىڭ ئاساسىي تۇرمۇش ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلدى.
جيۇدىڭ بازىرى پۈتۈن شىنجاڭغا تەسىر كۆرسىتىدىغان ئەڭ چوڭ كۆكتات، مېۋە ـ چېۋە سودا بازىرى، نۆۋەتتە، بازارنىڭ كۈندىلىك كۆكتات، مېۋە ـ چېۋە سودا مىقدارى 6000 توننىدىن ئاشىدۇ. 8 ـ ئاينىڭ 10 ـ كۈنىدىن باشلاپ، جيۇدىڭ بازىرى تىجارەتچىلەرنى 2 ـ، 3 ـ دەرىجىلىك توپ سېتىش بازارلىرى ھەمدە ھەرقايسى چوڭ سودا سارايلار، تاللا بازارلىرى، خەلققە قولاي كۆكتات دۇكانلىرى بىلەن ئۇدۇللاشتۇرۇپ، تور ۋە تور سىرتىدا «كۆكتات سېۋىتى»نىڭ ئاخىرقى ئۇچىدا نورمال تىجارەت قىلىشىغا كاپالەتلىك قىلىپ، ئاھالىلەرنى يېڭى، باھاسى مۇۋاپىق بولغان كۆكتات، مېۋە ـ چېۋە بىلەن تەمىنلىدى ھەم بازار ئېھتىياجىغا ئاساسەن بازارغا سېلىش مىقدارىنى ھەرىكەت ھالىتىدە تەڭشەپ، ئۆكسۈپ قالماسلىق، تەمىنلەش ئۈزۈلۈپ قالماسلىقنى ئىشقا ئاشۇردى.
شىنجاڭ جيۇدىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى سېتىش ـ باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ مۇئاۋىن باش دىرېكتورى فېڭ جۈەن مۇنداق تونۇشتۇردى: «بىز مەخسۇس خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، باھانى نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، سودا ئورۇنلىرى بېسىپ قويۇپ ھايانكەشلىك قىلىش، مال باھاسىنى بىردىنلا ئۆستۈرۈۋېلىش قاتارلىق بازار تەرتىپىنى قالايمىقانلاشتۇرىدىغان قانۇنسىز قىلمىشلارغا قاتتىق زەربە بېرىپ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى، بازاردىكى سېتىش تەرتىپى بىنورمال بولۇش ئەھۋالىنى دوكلات قىلىش تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، بازار بىخەتەرلىكى مۇداپىئە سېپىنى مۇستەھكەملىدۇق».
شىنليەن يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى ئۇنىۋېرسال بازىرى ئۈرۈمچى شەھىرىنىڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، پۈتۈن شەھەردىكى 600دىن ئارتۇق مەھەللە كۆكتات، قوشۇمچە يېمەكلىك بىۋاسىتە سېتىش نۇقتىسىغا كۆكتات تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىشنى ئۈستىگە ئالغان. 8 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، بۇ بازارنىڭ كۆكتات كىرگۈزۈش مىقدارى 2356 توننىغا يەتكەن بولۇپ، ئالدىنقى كۈنىدىكىدىن 1000 توننىدىن كۆپرەك ئاشقان.
بۇ بازار يەنە پۈتۈن شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ كالا ـ قوي گۆشى 1 ـ دەرىجىلىك توپ سېتىش بازىرى بولۇپ، نۆۋەتتە كالا ـ قوي گۆشى زاپاس مىقدارى يېتەرلىك ئىكەن. بازاردىكى كالا ـ قوي گۆشى رايونىنىڭ مەسئۇلى ما شياۋيى مۇنداق بىلدۈردى: «نۆۋەتتە قوي گۆشى زاپاس مىقدارى 180 توننا، كالا گۆشى زاپاس مىقدارى 70 توننا بولۇپ، ھەرقايسى جايلارنىڭ ئېھتىياجىغا كاپالەتلىك قىلغىلى بولىدۇ».
مۇخبىرلارنىڭ شىنجاڭ خۇالىڭ دېھقانچىلىق ـ چارۋىچىلىق پەن ـ تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ شىركەت بىرىنچى ۋاقىتتا يېڭى مەھسۇلاتلارنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىش يول خېتى بېجىرگەن. 8 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، بۇ شىركەت توپ ساتقان كالا گۆشى 26 توننىغا، توپ ساتقان قوي گۆشى 23 توننىغا يېقىنلاشقان بولۇپ، نۆۋەتتە كالا ـ قوي گۆشىنى تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىشى نورمال بولماقتا.
ئۈرۈمچى شەھىرى بېييۈەنچۇن بازىرى سۇ مەھسۇلاتلىرى سودا رايونىنىڭ مۇئاۋىن دىرېكتورى ياڭ جېنكەي مۇنداق تونۇشتۇردى: بازاردا جەمئىي 230دىن ئارتۇق دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرى ساتىدىغان تىجارەتچى بار، توشۇش ئاپتوموبىللىرىنىڭ ھەممىسىگە يول خېتى بېجىرىلگەن بولۇپ، دېڭىز مەھسۇلاتلىرى ۋە سۇ مەھسۇلاتلىرىنى ھەرقايسى سودا سارايلار، تاللا بازارلىرى، ئولتۇراق رايونلارغا بىۋاسىتە تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرەلەيدۇ.
ئاقسۇ شەھىرىنىڭ شىمالىي شەھەر ئەتراپى رايونىدىكى شىنجاڭ (ئاقسۇ) يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەركىزىنىڭ كۆكتات، ئاشلىق، ياغ قاتارلىق تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلىشى يۇقۇمنىڭ تەسىرىگە ئۇچرىمىدى. 8 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى سەھەردە، كۆكتات تەقسىملەپ يەتكۈزۈپ بېرىدىغان ئاپتوموبىللارنىڭ ئايىغى ئۈزۈلمىدى، خىزمەتچى خادىملار رەتلىك، تەرتىپلىك ھالدا تېمپېراتۇرا ئۆلچەش، دېزىنفېكسىيەلەپ مىكروب ئۆلتۈرۈش، پاكىزلىقنى ساقلاش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئېلىپ باردى.
بۇ سودا مەركىزىنىڭ مەسئۇلى ۋاڭ شىنچى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يەر جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئەڭ چوڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى سودا مەركىزى بولۇپ، بازار تەمىناتى جەنۇبىي شىنجاڭدىكى ئۈچ ۋىلايەت، بىر ئوبلاست، ھەتتا شىزاڭدىكى ئالىغىچە تەسىر كۆرسىتىدۇ. بازار تەمىناتىنىڭ تەسىرگە ئۇچرىماسلىقىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، بىز ئاقسۇغا كىرىپ چىقىدىغان يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توشۇش ئاپتوموبىللىرىغا يېشىل يول ئېچىپ بەردۇق، خېسۇەن تەكشۈرۈش ئورنى تەسىس قىلدۇق.
ئاقسۇ ۋىلايەتلىك سودا ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، بازار قۇرۇلۇشى ۋە يۈرۈشتۈرۈش بۆلۈمىنىڭ بۆلۈم باشلىقى ۋۇ تيەنپىڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: يېقىندا ئىدارىمىز ئاقسۇ ۋىلايىتىدىكى كۆكتات توپ سېتىش بازارلىرى ھەم سودا سارايلار، تاللا بازارلىرى كارخانىلارنىڭ تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرىنى كىرگۈزۈش، سېتىش ۋە ئامبار زاپىسى ئەھۋالىغا قارىتا ھەر ۋاقىت تەكشۈرۈپ ئېلىپ باردى. ئىككى چوڭ كۆكتات توپ سېتىش بازىرىنىڭ مال بىلەن تەمىنلىشى يېتەرلىك، باھاسى تەكشى، مۇقىم، ھەرقايسى چوڭ سودا سارايلار، تاللا بازارلىرى كەمچىل بولغان ماددىي ئەشيالارنى ۋاقتىدا تولۇقلاپ، بازار تەمىناتىنى قاندۇرالايدۇ، 29 سودا شىركىتى(ۋاكالەتچى سودىگەر)نىڭ كۆپ مىقدارلىق ئامباردىكى زاپاس تاۋارلىرى ھەرقايسى چوڭ سودا سارايلار، تاللا بازارلىرىنىڭ تەمىنلەش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدۇ، 25 ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش كارخانىسىنىڭ ھەممىسى نورمال ئىشلەپچىقىرىش، تىجارەت بىلەن شۇغۇللىنىۋاتىدۇ، تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى زاپىسى تولۇق، ۋاقتىنچە يېتەرلىك.
8 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنى، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى 4 ـ شى كۆكدالا شەھىرىنىڭ 66 ـ تۇەنىدىكى ھەرقايسى چوڭ تاللا بازارلىرى، كۆكتات بازارلىرىدا، كۆكتات، گۆش، مېۋە ـ چېۋە قاتارلىق كۈندىلىك تۇرمۇش ماددىي ئەشيالىرى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك، باھا تەكشى، مۇقىم بولدى. ئىگىلىنىشىچە، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش ـ قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى سودا ئىدارىسى تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بويىچە جىددىي ۋەقەلەرگە تاقابىل تۇرۇش، تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش دەسلەپكى لايىھەسىنى قوزغىتىپ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بازىرىدىكى بىنورمال ئەھۋاللارنى 24 سائەت «نۆل دوكلات قىلىش» تۈزۈمىنى يولغا قويۇپ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بازىرىنى نازارەت قىلىش ـ تەكشۈرۈشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، يۈك توشۇش يوللىرىنى ماسلاشتۇرۇپ، راۋانلاشتۇرۇپ، بازاردىكى تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىدىغان تايانچ كارخانىلارغا تايىنىپ، تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بازىرىنىڭ مۇقىم يۈرۈشۈشىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلغان. بىڭتۇەن سودا ئىدارىسى يەنە ھەرقايسى شى، شەھەرلەرنىڭ سودا سارايلىرى، تاللا بازارلىرى، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى توپ سېتىش بازارلىرى، دېھقانچىلىق مەھسۇلاتلىرى بازىرى قاتارلىقلارنىڭ مال مەنبەسىنى تەشكىللەش خىزمىتىنى ياخشى ماسلاشتۇرۇشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، سېتىۋېلىش يوللىرىنى كېڭەيتىپ، ئامبار زاپىسىنى تولۇقلاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، تۈرلۈك تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرىنىڭ بازار تەمىناتىنى ياخشى ئىشلىدى. نۆۋەتتە، بىڭتۇەنگە قاراشلىق رايونلاردا تۇرمۇش لازىمەتلىكلىرى بىلەن تەمىنلەش يېتەرلىك، تۈرلىرى مول، توشۇش راۋان بولماقتا.
(مۇخبىر گو لىڭ، قاتناشقان مۇخبىرلار جاڭ جىلى، گەن شىڭخۇا، يۈ جياڭيەن، مېھرىگۈل غوپۇر)