شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدىكى يىڭتەيدە بېيجىڭغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىشكە كەلگەن شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى لى جياچاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ شياڭگاڭنىڭ نۆۋەتتىكى ۋەزىيىتى ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: لى جياچاۋ باش مەمۇر بولغاندىن بۇيان، يېڭى بىر نۆۋەتلىك شياڭگاڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنى يېتەكلەپ، مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، ئەمەلىي ئىش قىلىپ نەتىجە يارىتىپ، جەمئىيەتتىكى ھەر ساھەدىكىلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قەتئىي قوغداپ، ئىقتىسادنىڭ ھاياتىي كۈچىنى زور كۈچ بىلەن ئەسلىگە كەلتۈرۈپ، ئامما كۆڭۈل بۆلۈۋاتقان مەسىلىلەرگە پائال جاۋاب قايتۇردى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، «شياڭگاڭنى ۋەتەنپەرۋەرلەر ئىدارە قىلىش» يېڭى كەيپىياتىنى نامايان قىلدى، شياڭگاڭ «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» توغرا يولىدا پۇختا ئالغا ئىلگىرىلىدى. مەركەز باش مەمۇر لى جياچاۋ ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمىتىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيىدا يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدىكى پارتىيە ۋە دۆلەتنىڭ تۈرلۈك ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتى توغرىسىدا ئومۇميۈزلۈك ئورۇنلاشتۇرما ئوتتۇرىغا قويۇلدى. «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» جۇڭگوچە سوتسىيالىزمنىڭ ئۇلۇغ ئىجادىيىتى، شياڭگاڭ، ئاۋمېننىڭ ۋەتەن قوينىغا قايتۇرۇپ كېلىنگەندىن كېيىنكى ئۇزاق مۇددەتلىك ئاۋاتلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ساقلايدىغان ئەڭ ياخشى تۈزۈم ئورۇنلاشتۇرمىسى. مەركەز «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، باش مەمۇر ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇن بويىچە مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ، شياڭگاڭنىڭ ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، خەلقئارا ھەمكارلىقنى كەڭ قانات يايدۇرۇپ، دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ئومۇمىي ۋەزىيىتىگە تېخىمۇ ياخشى سىڭىشىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىدە يېڭى، تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، شياڭگاڭ چوڭ ئىشلارنى قىلالايدۇ، ئىستىقبالى چەكسىز!
خەن جېڭ، دىڭ شۆشياڭ، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 12 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى تېلېگراممىسى دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ 12 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى چۈشتىن كېيىن جۇڭنەنخەيدىكى يىڭتەيدە بېيجىڭغا خىزمىتىدىن دوكلات بېرىشكە كەلگەن ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ باش مەمۇرى خې يىچېڭ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئۇنىڭ ئاۋمېننىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتى ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەت ئەھۋالىدىن بەرگەن دوكلاتىنى ئاڭلىدى.
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ بىر يىلدا، باش مەمۇر خې يىچېڭ ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنى يېتەكلەپ، سالماقلىق بىلەن مەمۇرىيەت يۈرگۈزۈپ، ھەقىقىي تۇتۇپ ئەمەلىي ئىشلەپ، جەمئىيەت ئومۇمىي ۋەزىيىتىنىڭ مۇقىملىقىنى ساقلىدى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، تەشۋىق قىلىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاۋمېندا دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش قانۇنىغا تۈزىتىش كىرگۈزۈشنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، ئاۋمېن لاتارىيە قانۇنىنى ئۆزگەرتىش ۋە يېڭى بىر نۆۋەتلىك لاتارىيە تىجارىتى ھوقۇقىغا خېرىدار چاقىرىپ مەبلەغ سېلىشنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلدى، خېڭچىن گۇاڭدۇڭ ـ ئاۋمېن چوڭقۇر ھەمكارلىق رايونى قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى. مەركەز باش مەمۇر خې يىچېڭ ۋە ئالاھىدە مەمۇرىي رايون ھۆكۈمىتىنىڭ خىزمەتلىرىنى تولۇق مۇئەييەنلەشتۈرىدۇ.
شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: مەركەز «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» فاڭجېنىنى ئومۇميۈزلۈك، دەل جايىدا، قەتئىي تەۋرەنمەي ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئاۋمېن ئالاھىدە مەمۇرىي رايونىنىڭ ئۆز ئەۋزەللىكى ۋە ئالاھىدىلىكىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئاۋمېنچە «بىر دۆلەت ئىككى تۈزۈم» ئەمەلىيىتىنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى جاسارەت بىلەن يارىتىپ، سوتسىيالىستىك زامانىۋىلاشقان قۇدرەتلىك دۆلەتنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن قوللايدۇ.
خەن جېڭ، دىڭ شۆشياڭ، شيا باۋلۇڭ قاتارلىقلار كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.