ئانار بۇلۇت\ شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لياڭ لىخۇا خەۋەر قىلىدۇ: يېقىندا، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستىنىڭ مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسى، گۇچۇڭ ناھىيەسى، جىمىسار ناھىيەسىگە بېرىپ، ئېنېرگىيە كەسپى، يېزا ئىگىلىكى، جابدۇق ياسىمىچىلىقى، مۇھىم، زور تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار بويىچە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى، كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەش توغرىسىدىكى پىكىر ـ تەكلىپلەرنى ئاڭلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: پارتىيە 20 ـ قۇرۇلتىيى روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنىنىڭ تۈرلۈك ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش، جايىدا ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا ئىزچىللاشتۇرۇپ، «ئىككىنى بىرتۇتاش پىلانلاش»نى يۇقىرى ئۈنۈمدە ياخشى ئىشلەپ، ئەۋزەللىكنى جارى قىلدۇرۇپ، پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، تەرەققىيات ئىشەنچىنى ئۇرغۇتۇپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىدا يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز مورى قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ خەلق تۇرمۇشى سانائەت باغچە رايونىدا، خۇاديەن شىركىتىنىڭ 250 مىڭ كىلوۋاتلىق يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى توك چىقىرىش تۈرى ۋە دۇڭفاڭ ئېلېكتىرىك يېڭى ئېنېرگىيە جابدۇق بازىسى تۈرى قۇرۇلۇش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى ئېنېرگىيە كەسپىنىڭ تەرەققىياتىنى تېزلىتىپ، كاربون قويۇپ بېرىشنى چوققا قىممەتكە يەتكۈزۈش، كاربوننى نېيتراللاشتۇرۇش نىشانىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، بازارنىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىپ، يېڭى ئېنېرگىيە پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز گۇچۇڭ جامبۇلاق ئايرودۇرۇمى قۇرۇلۇشى نەق مەيدانىغا كېلىپ، تۈرنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى نەق مەيداندا كۆزدىن كەچۈردى. ئۇ مۇنداق كۆرسەتتى: قاتناش كۈچلۈك دۆلىتى قۇرۇلۇشى سىناق رايونى پۇرسىتىنى چىڭ تۇتۇپ، خىزمەت مەخسۇس بەنى قۇرۇپ، بىرلىشىپ ھەمكارلىشىپ، قۇرۇلۇش سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش، ئايرودۇرۇمنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىغا كاپالەتلىك قىلىش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش ئالدىنقى شەرتىدە، تۈر قۇرۇلۇشىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز جىمىسار ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ چۇاڭشىڭ يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى تەرەققىيات گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدە، كارخانا مەسئۇللىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش، سېتىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا ئىگىلىكىنى سۈپەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى يېشىل تەرەققىيات ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش، يېزا ئىگىلىكىنى ماركا ئارقىلىق كۈچەيتىشتە چىڭ تۇرۇپ، باشلامچى كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كەسپىنى زورايتىپ، 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تېخىمۇ كۆپ دېھقاننىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىپ كىرىمىنى ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
جىمىسار ناھىيەسىدىكى شىنجاڭ باۋمىڭ كانچىلىق سانائەت باغچە رايونىدا، ئەركىن تۇنىياز شىنجاڭ باۋمىڭ كانچىلىق چەكلىك شىركىتى ۋە شىنجاڭ خۇيىڭ كارخانا باشقۇرۇش چەكلىك شىركىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇللىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، ئېچىش تەرتىپى، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى، مەھسۇلات مىقدارى، مۇھىت قوغداش، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش قاتارلىق ئەھۋاللارنى تەپسىلىي ئىگىلىدى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: دىققەتنى «قوش كاربون» نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى گەۋدىلەندۈرۈپ، ئاقىل، پاكىز، يېشىل تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، ئېنېرگىيەدىن پاكىز، تۆۋەن كاربونلۇق، بىخەتەر، يۇقىرى ئۈنۈملۈك پايدىلىنىشنى تېزلىتىش كېرەك.
ئەركىن تۇنىياز تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش جەريانىدا مۇنداق تەكىتلىدى: كېلەر يىللىق ئىقتىساد خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە، ھەقىقىي تۈردە ئىدىيە ۋە ھەرىكەتنى مەركەز ئىقتىساد خىزمىتى يىغىنى، بولۇپمۇ باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىغا بىرلىككە كەلتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ توغرىسىدىكى بىر قاتار مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشكە بىرلەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما ـ تەلەپلىرى بويىچە، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تېز ئەسلىگە كېلىش ۋەزىيىتىنى سىجىل مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر ـ ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنىڭ شىنجاڭدا ئەمەلىيلىشىپ ئۈنۈم ھاسىل قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. ئەنئەنىۋى كەسىپلەرنى ئۆزگەرتىش، دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈش ۋە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش، زورايتىشنى چىڭ تۇتۇپ، «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى ياخشى تۇتۇپ، زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. ئىسلاھاتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئېچىۋېتىشنى كېڭەيتىپ، خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچىدىن ئىبارەت ئىككى بازار، ئىككى خىل بايلىقتىن تېخىمۇ ياخشى پايدىلىنىپ، ئەتراپتىكى دۆلەتلەر بىلەن بولغان ھەمكارلىقنى كېڭەيتىش كېرەك. بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ قىيىنچىلىقىنى پائال ھەل قىلىپ، بازارلاشقان، قانۇنچىللاشقان، خەلقئارالاشقان تىجارەت ـ سودا مۇھىتى بەرپا قىلىپ، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش سالمىقىنى زورايتىش كېرەك. ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ مەسئۇلىيىتىنى چىڭىتىپ، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى ياخشى تۇتۇش كېرەك. يۇقىرى ئۆلچەملىك ئېتىز قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، يېزا ئىگىلىك پەن ـ تېخنىكىسى تىرىكىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئاشلىق بىخەتەرلىكىگە كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇش كېرەك.