12 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ CZ5193 نۆۋەتچى ئايروپىلانى تاشقورغان قونجىراپ ئايرودۇرۇمىغا سىلىق قوندى، بۇ، شىنجاڭدىكى تۇنجى يۇقىرى ئېگىزلىك ئايرودۇرۇمىدا رەسمىي قاتناش باشلانغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. □گۈەن تاۋ فوتوسى
ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ما يىنىڭ خەۋەر قىلىدۇ: 12 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنى سائەت 10دىن 59 مىنۇت ئۆتكەندە، جۇڭگو جەنۇب ئاۋىياتسىيە گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىنىڭ CZ5193 نۆۋەتچى ئايروپىلانىنىڭ تاشقورغان قونجىراپ ئايرودۇرۇمىغا سىلىق قونۇشىغا ئەگىشىپ، شىنجاڭدىكى تۇنجى يۇقىرى ئېگىزلىك ئايرودۇرۇمىدا رەسمىي قاتناش باشلاندى.
جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ بەلگىلىمىسىگە ئاساسەن، دېڭىز يۈزىدىن ئېگىزلىكى 2438 مېتىر ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى بولغان ئايرودۇرۇملار يۇقىرى ئېگىزلىك ئايرودۇرۇمى ھېسابلىنىدۇ. تاشقورغان قونجىراپ ئايرودۇرۇمىنىڭ بەلگە ئېگىزلىكى 3258.4 مېتىر بولۇپ، جۇڭگونىڭ ئەڭ غەربىدىكى ئايرودۇرۇم، شۇنداقلا شىنجاڭدىكى تۇنجى يۇقىرى ئېگىزلىك ئايرودۇرۇمى ھېسابلىنىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، مۇنارنىڭ قوماندانلىق تەلىپىنى قاندۇرۇش ئۈچۈن، ئايرودۇرۇم مۇنارىنىڭ ئېگىزلىكى 39.8 مېتىر بولۇپ، شىنجاڭدىكى تارماق لىنىيە ئايرودۇرۇملىرى مۇنارى بويىچە ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى.
ئىگىلىنىشىچە، جۇڭگو خەلق ئاۋىياتسىيە ئىدارىسىنىڭ، شۇنداقلا شىنجاڭنىڭ «13 ـ بەش يىل»دىكى نۇقتىلىق ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇش تۈرىنىڭ بىرى بولغان تاشقورغان قونجىراپ ئايرودۇرۇمى يىلىغا 160 مىڭ ئادەم قېتىم يولۇچى توشۇش، 400 توننا يۈك، پوچتا يوللانمىسى توشۇش ئېھتىياجىنى قاندۇرالايدىكەن.
«چاراس ـ چۇرۇس...» چاڭشالىق ساياھەتچى يۈ سىتې ئىككى يېقىن دوستى بىلەن ئايروپىلان دېرىزىسى يېنىدا تۇرۇپ ئاپپارات كۇنۇپكىسىنى توختىماي باستى، «بەك گۈزەل ئىكەن، بىز تۇنجى تۈركۈمدىكى مۇز تاغقا <ئۇچۇپ> كەلگەن مېھمان. سەھەردە بېلەتنى تالىشىپ سېتىۋالغاندىن كېيىن ھاياجانلانغانلىقىمدىن ئۇخلىيالمىدىم، بۇ سەپىرىم ھەقىقەتەن نەتىجىلىك بولدى.» يۈ سىتې مۇنداق دېدى: دوستلىرىم بىلەن شىنجاڭدا ساياھەت قىلىۋاتقانىدىم، تۇنجى قېتىملىق نۆۋەتچى ئايروپىلاننىڭ ئۇچۇشىدىن خەۋەر تاپقاندىن كېيىن، بېلەت سېتىش سىستېمىسىغا ئىزچىل دىققەت قىلىپ، ئاخىرى ئارزۇيۇمغا يەتتىم. يۈ سىتې ھەر يىلى شىنجاڭغا ساياھەتكە كېلىدۇ، ئىلگىرى ئۈچ قېتىم ئۆزى ئاپتوموبىل ھەيدەپ تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىگە بارغان، ئىلگىرى توردىكى سۈرەتلەردىنلا مۇزتاغ چوققىسىنى كۆرەتتى، بۈگۈنكى كۈندە بوشلۇقتىن ئۆز كۆزى بىلەن كۆرۈپ، ئارمىنىغا يەتتى.
تاشقورغان تاجىك ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ غەربىي شىمالى، غەربىي جەنۇبى، جەنۇبى ئايرىم ـ ئايرىم ھالدا تاجىكىستان، ئافغانىستان، پاكىستاندىن ئىبارەت ئۈچ دۆلەت بىلەن تۇتاشقان بولۇپ، مول ساياھەت بايلىقىغا ئىگە، «ئېگىزلىكتىكى مەرۋايىت» دېگەن گۈزەل نامى بار، ئايروپىلان قاتناشتىن بۇرۇن، ساياھەتچىلەر ئادەتتە قەشقەر شەھىرىدىن ئاپتوموبىلغا ئولتۇرۇپ بەش سائەتتىن ئالتە سائەتكىچە يول يۈرۈپ ئاندىن يېتىپ بارالايتتى.
تاشقورغان قونجىراپ ئايرودۇرۇمى پۈتۈپ قاتناش باشلاندى، بۇ، شىنجاڭدىكى پۇقراۋى تىرانسپورت ئايرودۇرۇم سانىنىڭ كۆپىيىپ 25كە يېتىپ، مەملىكەت بويىچە ئايرودۇرۇم سانىدا داۋاملىق ئالدىنقى ئورۇندا تۇرىدىغانلىقىدىن دېرەك بېرىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ پۈتۈن ئاپتونوم رايون تىرانسپورت ئايرودۇرۇملىرىنىڭ جايلىشىشىنى يەنىمۇ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شىنجاڭ ئايرودۇرۇملىرىنىڭ ئاۋىياتسىيە لىنىيەسى تورىنى ئەلالاشتۇرۇپ، رايون قاتناش ـ تىرانسپورت مۇلازىمەت سەۋىيەسىنى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈردى، بۇ، ھەر مىللەت يولۇچىلارنىڭ ئايروپىلانغا ئولتۇرۇپ سەپەرگە چىقىشىغا قولايلىق يارىتىپ، رايون ئىقتىساد، جەمئىيىتىنىڭ ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە پايدىلىق بولۇپلا قالماي، يەنە ئاپتونوم رايوننىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش ـ تىرانسپورت سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، يېزا ـ كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈش ۋە ساياھەتچىلىكنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا كۈچ قوشۇش، دۆلەت مۇداپىئەسى، چېگرا مۇداپىئەسىنى مۇستەھكەملەش، جەمئىيەت مۇقىملىقىنى قوغداشتا مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
«ئايرودۇرۇمنىڭ پۈتۈپ قاتناش باشلىنىشى پامىر ئېگىزلىكىنىڭ دۆلەت ئىچىدىكى ھەرقايسى ئۆلكىلەر ۋە ئوتتۇرا ئاسىيا، جەنۇبىي ئاسىيا، ياۋروپا بىلەن بولغان ئارىلىقىنى قىسقارتتى، بۇ، يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش، سىرتقا ئېچىۋېتىش قاتلىمىنى ئۆستۈرۈش، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇشتا مۇھىم، زور ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيەتكە ئىگە» دېدى قەشقەر ۋىلايەتلىك مەمۇرىي مەھكىمىنىڭ مۇئاۋىن ۋالىيسى گۈلزار ئابدۇراخمان.