ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شيې خۇيبيەننىڭ ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 2022 ـ يىلى، شىنجاڭدا يېڭىدىن بېكىتىلگەن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانا 639 بولۇپ، 414ى ساپ كۆپىيىپ، ئالدىنقى يىلىدىكىدىن %43.4 ئېشىپ، ئومۇمىي سانى 1368گە يېتىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلغان. بېكىتىشتىن ئۆتكەن يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ كۈچكە ئىگە مۇددىتى گۇۋاھنامە تارقىتىلغان كۈندىن باشلاپ ئۈچ يىل بولىدىكەن.
بۇ يىل ئېچىلغان ئاپتونوم رايوننىڭ پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش يىغىنىدا «شىنجاڭدا يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى ھەسسىلەپ كۆپەيتىش ھەرىكىتىنى يولغا قويۇپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار توپىنى زورايتىش» ئېنىق ئوتتۇرىغا قويۇلدى. ئارقىدىن ئاپتونوم رايون قاتلىمىدىن كۆپ قېتىم يىغىن ئېچىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى بېكىتىش داۋامىدىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىپ، يۇقۇمنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش شارائىتىدىكى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى بېكىتىش خىزمىتىنىڭ قولايلىق دەرىجىسىنى ئاشۇرۇپ، جايلار(ئوبلاست، شەھەر)لەرنىڭ سىياسەتنى كۈچەيتىش، مۇھىتنى ئەلالاشتۇرۇش، مۇلازىمەتنى ئۆستۈرۈشكە كۈچىشىگە ھەيدەكچىلىك قىلىپ، يوشۇرۇن كۈچى بار كارخانىلارنى قېزىپ، خىزمەتتىكى كەمتۈكلۈكلەرنى تولۇقلاپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى بېكىتىشتىكى تۈرلۈك خىزمەتلىرىنى تەرتىپلىك ئالغا سىلجىتتى.
يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش سالمىقىنى زورايتىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايون يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار تەرەققىيات مەخسۇس مەبلىغى تەسىس قىلىپ، تۇنجى قېتىم يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى بېكىتىش ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى بويىچە مۇكاپاتلاش ئېلىپ باردى، ھازىر جەمئىي 243 مىليون يۈەن مۇكاپات تارقىتىلىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىش ئاكتىپلىقى زور دەرىجىدە قوزغىتىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا، قاراماي شەھىرى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، تۇرپان شەھىرى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتى قاتارلىق ۋىلايەت (ئوبلاست، شەھەر)لەرنى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى مۇكاپاتلاش سىياسىتىنى يولغا قويۇشقا پائال يېتەكلەپ، ئاپتونوم رايوننىڭ يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى مۇكاپاتلاش سىياسىتى بىلەن ئۈستىلەپ قوللىدى.
يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار پەن ـ تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشتىكى باشلامچى، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنى يېتىشتۈرۈش، بەرپا قىلىش تۈرلۈك بازار سۇبيېكتلىرىنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ھاياتىي كۈچىنى قوزغىتىشقا پايدىلىق. سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، 2021 ـ يىلى، پۈتۈن شىنجاڭدىكى كارخانا قانۇنىي ئىگىلىرىنىڭ %0.34ىنى ئىگىلەيدىغان يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلار پۈتۈن شىنجاڭ GDPسىنىڭ %8.97ىنى يارىتىپ، %24.14لىك باج كىرىمى تۆھپىسى قوشقان، كارخانىلارنىڭ پايدا نىسبىتى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭكىدىن 2.06 پىرسەنت پوئېنت يۇقىرى بولغان، كىشى بېشىغا توغرا كېلىدىغان ئەمگەك ئۈنۈمدارلىقى كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت كارخانىلىرىنىڭ 1.43 ھەسسىسىگە توغرا كەلگەن.
بۇ يىلدىن بۇيان، يۇقۇمنىڭ تەسىرىنى يېڭىش ئۈچۈن، ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا نازارىتى تور ۋە تور سىرتىنى بىرلەشتۈرۈش شەكلى ئارقىلىق، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارغا ئېتىبار بېرىش سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، يېشىپ چۈشەندۈرۈش ۋە يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىشى بويىچە تەربىيەلەش، يېتەكلەشنى نۇقتىلىق كۈچەيتىپ، مۇتەخەسسىسلەرنى تەشكىللەپ، «بىرگە بىر» شەكلىنى قوللىنىپ، كارخانىلارنىڭ ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى تەكشۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ دۆلەت ئۆلچىمىگە توغرىلىنىشى بويىچە يوچۇقلارنى تەكشۈرۈپ يېتەرسىزلىكلەرنى تولۇقلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، ئىلتىماس ماتېرىياللىرىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئىلتىماس قىلىش سۈپىتىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
ئاپتونوم رايونلۇق پەن ـ تېخنىكا نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: كېيىنكى قەدەمدە، پەن ـ تېخنىكا نازارىتى دىققەتنى يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ زاپاس كۈچىنى يېتىلدۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ ئىلتىماس قىلىش ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى ئۇرغۇتۇپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ يېڭىلىق يارىتىش ئېڭى، يېڭىلىق يارىتىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ھەم ئالاقىدار ئېتىبار بېرىش سىياسەتلىرىنى جايىدا، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە سىستېمىلىق كۈچ چىقىرىپ، يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ سىجىل، مۇقىم ئېشىش مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈپ، «14 ـ بەش يىللىق پىلان»نىڭ ئاخىرىدا يۇقىرى، يېڭى تېخنىكىلىق كارخانىلارنىڭ سانىنى بىر قاتلاش نىشانىنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرىدۇ.