ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، 12 ـ ئاينىڭ 23 ـ كۈنىگىچە، شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ يۈك توشۇش مىقدارى 201 مىليون 700 مىڭ توننىغا يەتكەن بولۇپ، 201 مىليون 300 مىڭ توننىلىق يىللىق نىشان ـ ۋەزىپىنى مۇددەتتىن سەككىز كۈن بۇرۇن ئىشقا ئاشۇرغان، بۇ ھەم شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ يىللىق يۈك توشۇش مىقدارىنىڭ تارىختا تۇنجى قېتىم 200 مىليون توننىلىق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈشى ھېسابلىنىدۇ.
«شىنجاڭ تۆمۈر يولىنىڭ يىللىق يۈك توشۇش مىقدارى 2018 ـ يىلى تۇنجى قېتىم 100 مىليون توننىلىق چوڭ ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتكەن بولۇپ، شۇنىڭدىن كېيىن يۈك توشۇش مىقدارى 100 مىليون توننا بولۇش ئاساسىدا يىلدىن ـ يىلغا ئاشتى، بۇ يىل تېخىمۇ ئېشىپ 200 مىليون توننىلىق ئۆتكەلنى بېسىپ ئۆتۈپ، تۆت يىل ئىچىدە يۈك توشۇش مىقدارى ھەسسىلەپ كۆپەيدى، بۇ، بازار ئېھتىياجىنىڭ جانلانغانلىقى، يول تورى قۇرۇلمىسىنىڭ مۇكەممەللەشكەنلىكى، تۆمۈريول تارماقلىرىنىڭ تىرانسپورت يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قازغانلىقى قاتارلىقلارنىڭ نەتىجىسى» دېدى جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى يۈك توشۇش بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى لى شىڭ.
كۆمۈر تۆمۈريول يۈك تىرانسپورتىدىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ». بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى دۆلەتنىڭ چاقىرىقىغا پائال ئاۋاز قوشۇپ، توشۇش كۈچى سېلىنمىسىنى زورايتىپ، ئىقتىدارنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇپ، تەمىناتنى كۆپەيتىش ئارقىلىق كەسىپ زەنجىرى، تەمىنات زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىغا تۈرلۈك چارە ـ ئاماللار بىلەن كاپالەتلىك قىلىپ، خەلق تۇرمۇشى ئېھتىياجىنى قاندۇردى.
شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى شۇ جايدىكى ھۆكۈمەت، يۇقىرى، تۆۋەن ئېقىندىكى كارخانىلار بىلەن ئۇدۇللىشىش، ئالاقىلىشىشنى كۈچەيتىپ، تەمىناتقا كاپالەتلىك قىلىش تەدبىرلىرىنى ھەرىكەت ھالىتىدە ئەلالاشتۇرۇپ، شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشتا ئالدىن بوش ۋاگون سەپلەپ، ئالدىن ۋاگونغا قاچىلاپ، شىنجاڭ ئىچىدىكى كۆمۈر تىرانسپورتى ۋە شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇشتا مۇقىم ئېشىش ۋەزىيىتىنى ساقلىدى. 200 مىليون توننىدىن ئارتۇق يۈك توشۇش مىقدارى ئىچىدە، شىنجاڭ تومۈريولىدا توشۇلغان كۆمۈر 120 مىليون توننا بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %29 ئاشتى؛ بۇنىڭ ئىچىدە، 52 مىليون 330 مىڭ توننا شىنجاڭ كۆمۈرى سىرتقا توشۇلغان بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %45.7 ئاشتى.
يۈك مەنبەسى يىلدىن ـ يىلغا كۆپەيدى، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يېقىنقى يىللاردىن بۇيان بىر تەرەپتىن گولمۇد ـ كورلا، خوتەن ـ چاقىلىق، ئاقسۇ ـ ئارال تۆمۈريولى قاتارلىق يېڭى لىنىيەلەرنىڭ قۇرۇلۇشىنى پۇختا ئالغا سىلجىتتى؛ بىر تەرەپتىن ئۈرۈمچى ـ جياڭجۈنمياۋ تۆمۈريولى، جەنۇبىي شىنجاڭ تۆمۈريولى، ئۈرۈمچى غەربىي ۋوگزالى ۋوگزال مەيدانى قاتارلىق ئاساسلىق تىرانسپورت يولى ۋە ۋوگزاللارنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىپ ئۆزگەرتىشنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىپ، ۋوگزال بىلەن لىنىيە ئىقتىدارى يۈرۈشلەشمەسلىكتەك كەمتۈكلۈكلەرنى ھەل قىلىپ، يۈك توشۇشتا كۆپ توشۇش، تېز يۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇردى.
شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى يەنە تىرانسپورت يوشۇرۇن كۈچىنى چوڭقۇر قېزىپ، قىسمەن يولۇچىلار پويىزى شوپۇرلىرىنى ۋاقتىدا ئاجرىتىپ يۈك پويىزى شوپۇرلىرى قوشۇنىغا تولۇقلاپ، پاراۋۇز سەپلەش سانىنى كۆپەيتىپ، پاراۋۇز، پاراۋۇز بەنىنىڭ ئىشلىتىلىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، پويىزنىڭ يۈرۈشۈش يولىنى ئەلالاشتۇرۇپ، يۈك توشۇش مىقدارىنىڭ ئېشىشىنى چەكلەپ تۇرۇۋاتقان كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، يۈك توشۇش مىقدارىنى ئاشۇرۇشنى تېخىمۇ كۆپ توشۇش كۈچى تىرىكى بىلەن تەمىنلىدى.