گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى رەن خۇنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى سىجىل ياخشىلىنىشقا قاراپ تەرەققىي قىلىپ، مالىيە كىرىمىنىڭ سۈپىتى مۇقىملىق ئاساسىدا ئۆسكەن، جەمئىي ئورۇندالغان ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى 194 مىليارد 780 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن 27 مىليارد 720 مىليون يۈەن كۆپىيىپ، %16.6 ئېشىپ، ئېشىش نىسبىتى مەملىكەت بويىچە 4 - ئورۇندا تۇرغان.
ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر ليۇ خەييەن مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلدىن بۇيان، ئېشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش سىياسەتلىرىنىڭ جۇغلانما ئۈنۈمىنىڭ تېز سۈرئەتتە قويۇپ بېرىلىشىگە ئەگىشىپ، شىنجاڭنىڭ ئىقتىسادى مۇقىملىق ئاساسىدا ياخشىلاندى ھەم ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملەندى، ئاساسلىق ئىقتىسادىي كۆرسەتكۈچلەرنىڭ ئىپادىسى ياخشى بولدى، مالىيە كىرىمىدىكى يارقىن نۇقتىلار گەۋدىلىك بولدى. مالىيە كىرىمى يىل بېشىدىن بۇيان سىجىل تېز ئېشىپ، كېيىنكى يېرىم يىلدا %16تىن يۇقىرى ئېشىش نىسبىتىنى مۇقىم ساقلىدى. 11 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، ئاپتونوم رايوننىڭ ئادەتتىكى ئاممىۋى خامچوت كىرىمى كۆلىمى بۇلتۇرقى پۈتۈن بىر يىلدىكىدىن ئېشىپ كەتتى. ئالتاي ۋىلايىتى، تارباغاتاي ۋىلايىتى، ئۈرۈمچى شەھىرى ۋە قىزىلسۇ قىرغىز ئاپتونوم ئوبلاستى ئېشىش نىسبىتى جەھەتتە بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكى ئېشىش نىسبىتىگە سېلىشتۇرغاندا ئالدىنقى ئورۇندا تۇردى.
ئالدىنقى 11 ئايدا، پۈتۈن شىنجاڭنىڭ باج كىرىمى جەمئىي 127 مىليارد 610 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن% 12.4 ئاشتى، باج كىرىمىنىڭ ئېشىش نىسبىتى ئۈزلۈكسىز ئۆستى، ھەرقايسى باج تۈرلىرىنىڭ ئېشىش نىسبىتى مۇقىم ئاشتى، قىسمەن باج تۈرلىرىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، مىقدارنىڭ مۇۋاپىق ئېشىشى ۋە سۈپەتنىڭ ئۈنۈملۈك ئۆسۈشى ئىشقا ئاشۇرۇلدى.
بۇنىڭ ئىچىدە، قوشۇلما قىممەت بېجىنىڭ تولۇقلىما ئۈنۈمى سىجىل گەۋدىلەندى. شەخسلەر تاپاۋەت بېجى ۋە شەھەر ئاسراش قۇرۇلۇشى بېجى قاتارلىق كۆپ قىسىم باج تۈرلىرىنىڭ ئېشىش نىسبىتى يەنىمۇ ئاشتى؛ ئۆي - زېمىنگە ئالاقىدار باج ئىچىدە، يەر قوشۇلما قىممەت بېجى، يەر خېتى بېجى ۋە ئۆي - مۈلۈك بېجىنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتى كۈچلۈك بولۇپ، 11 - ئايدىلا ئايرىم - ئايرىم 6 ھەسسە، 4.2 ھەسسە ۋە 1.1 ھەسسە ئاشتى؛ كارخانا تاپاۋەت بېجى ۋە بايلىق بېجىنىڭ تۆۋەنلەش نىسبىتى كىچىكلىدى.
ئالدىنقى 11 ئايدا، شىنجاڭنىڭ باجدىن باشقا كىرىمى جەمئىي 67 مىليارد 170 مىليون يۈەن ئورۇندىلىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %25.5 ئاشتى. ليۇ خەييەن مۇنداق بىلدۈردى: باجدىن باشقا كىرىمنىڭ ئېشىش ۋەزىيىتىنىڭ كۈچلۈك بولۇشى شىنجاڭنىڭ يېڭى بىر نۆۋەتلىك كان ئىزدەشتە بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئىستراتېگىيەلىك ھەرىكىتىنى تېز يولغا قويغانلىقىنىڭ، ئېنېرگىيە، قېزىلما بايلىقلارنى ئېچىشنى كۈچەيتىپ، بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇشنى تېزلەتكەنلىكنىڭ پايدىسىدىن بولدى.
ئالدىنقى 11 ئايدا، شىنجاڭنىڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن قىلىنغان كىرىم 11 مىليارد 50 مىليون يۈەن ئورۇندىلىنىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %99.5 ئېشىپ، شىنجاڭنىڭ باجدىن باشقا كىرىمىنىڭ 21 پىرسەنت پوئېنت ئېشىشىغا تۈرتكە بولدى. بۇنىڭ ئىچىدە، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك كانچىلىق ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن قىلىنغان كىرىم 8 مىليارد 770 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %84.2 ئاشتى؛ ھەر قايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەرنىڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن قىلىنغان كىرىم 1 مىليارد 660 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %118.4 ئاشتى. ئالتاي ۋىلايىتى، بايىنغولىن موڭغۇل ئاپتونوم ئوبلاستى، ئاقسۇ ۋىلايىتىنىڭ كانچىلىق ھوقۇقىنى ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن قىلغان كىرىمى 100 مىليون يۈەندىن ئېشىپ، ئۆتۈنۈپ بېرىشتىن قىلغان كىرىمى ئايرىم - ئايرىما 760 مىليون يۈەن، 180 مىليون يۈەن ۋە 120 مىليون يۈەن ئورۇندالدى.