گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى فەن چيۇڭيەننىڭ شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئايدىن 11 - ئايغىچە، شىنجاڭ پوچتا كەسپى جەمئىي ئورۇندىغان ئەۋەتىش - يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 779 مىليون 627 مىڭ 600 پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %24.29 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، جەمئىي ئورۇندالغان تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى (پوچتا شىركىتىنىڭ پوسۇلكا كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 272 مىليون 933 مىڭ 800 پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %92.5 ئاشقان. تېز يەتكۈزۈش كەسىپ سانلىق مەلۇماتىنىڭ ئېشىشى ئاھالىلەرنىڭ ئىستېمال ئېھتىياجىنىڭ يەنىمۇ ئېشىشىدىن كەلگەن بولۇپ، شىنجاڭ ئىستېمال بازىرىنىڭ سىجىل ياخشىلىنىشقا يۈزلىنىش ھالىتىنى ئىپادىلەپ، ئىقتىسادنىڭ كۈچلۈك چىدامچانلىقى ۋە تولۇپ تاشقان ھاياتىي كۈچىنى نامايان قىلغان.
شىنجاڭ پوچتا كەسپىنىڭ يۈرۈشۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، 11 - ئايدا، شىنجاڭ پوچتا كەسپىدە ئورۇندالغان ئەۋەتىش - يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 82 مىليون 959 مىڭ 600 پارچە بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %88.58 ئاشقان؛ ئورۇندالغان كەسىپ كىرىمى 956 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %375.57 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، ئورۇندالغان تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى 34 مىليون 477 مىڭ 200 پارچە بولۇپ، ئورۇندالغان كەسىپ كىرىمى 687 مىليون يۈەن بولغان، 10 - ئايدىكى بىلەن سېلىشتۇرغاندا، كەسىپ مىقدارى 5 مىليون 543 مىڭ پارچە كۆپەيگەن، كەسىپ كىرىمى 102 مىليون يۈەن ئاشقان.
ئالدىنقى 11 ئايدا، شىنجاڭ پوچتا كەسپىدە جەمئىي ئورۇندالغان كەسىپ كىرىمى (پوچتا پۇل ئامانەت بانكىسىنىڭ بىۋاسىتە تىجارەت كىرىمىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ) 8 مىليارد 314 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %58.01 ئاشقان. بۇنىڭ ئىچىدە، تېز يەتكۈزۈش كەسپىدە جەمئىي ئورۇندالغان كىرىم 5 مىليارد 552 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %81.27 ئاشقان.
ئالدىنقى 11 ئايدا، ئوخشاش بىر شەھەر، باشقا يەر، خەلقئارا ھەم شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن بىلەن بولغان تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى ئايرىم - ئايرىم ھالدا بارلىق تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارىنىڭ %16.88، %83.05 ۋە %0.07ىنى ئىگىلىگەن؛ ئوخشاش بىر شەھەر، باشقا يەر، خەلقئارا ھەم شياڭگاڭ، ئاۋمېن، تەيۋەن بىلەن بولغان ۋە باشقا تېز يەتكۈزۈش كەسپى كىرىمى ئايرىم - ئايرىم ھالدا تېز يەتكۈزۈش كىرىمىنىڭ %7.2، %57.48، %1.21 ۋە %34.11ىنى ئىگىلىگەن. بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىگە سېلىشتۇرغاندا، باشقا يەر بىلەن بولغان تېز يەتكۈزۈش كەسىپ كىرىمىنىڭ ئىگىلىگەن نىسبىتى 2.42 پىرسەنت پوئېنت ئاشقان.
شىنجاڭ پوچتا باشقۇرۇش ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق تونۇشتۇردى: بۇ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تېز يوللانما كەسپىدە تېز ئېشىش ئىشقا ئاشتى، تېز يوللانما كەسپىنىڭ ئىشلەپچىقىرىشقا مۇلازىمەت قىلىش، ئىستېمالنى ئىلگىرى سۈرۈش، تۇرمۇشقا قولايلىق يارىتىش، ئايلىنىشنى راۋانلاشتۇرۇش جەھەتتىكى باشلامچىلىق رولى يەنىمۇ كۈچەيدى. بولۇپمۇ «قوش 11»لىق ئېلېكتىرونلۇق سودا ئارقىلىق سېتىشنى ئىلگىرى سۈرۈش ۋە تېز يەتكۈزۈش كەسپى جانلانغان مەزگىلدە، تېز يوللانمىلارنىڭ شۇ كۈنلۈك بىر تەرەپ قىلىنىش مىقدارى (كەسىپ مىقدارى ۋە يەتكۈزۈش مىقدارىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ) تۇنجى قېتىم 5 مىليوندىن ئېشىپ، تارىختىكى ئەڭ يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. 12 - ئاي يەنىلا تېز يەتكۈزۈشنىڭ بېسىق مەزگىلى بولۇپ، بۇ يىل شىنجاڭ تېز يەتكۈزۈش كەسىپ مىقدارى (پوچتا شىركىتىنىڭ پوسۇلكا كەسپىنى ئۆز ئىچىگە ئالمايدۇ)نىڭ 300 مىليوندىن ئېشىشى مۆلچەرلەنمەكتە.