12 - ئاينىڭ 21 - كۈنى، نارات گۇەنجۈن ئاتلىق ئەترىتىنىڭ ئەترەت ئەزالىرى نارات مەنزىرە رايونىدا ساياھەتچىلەرگە ئوغلاق تارتىشىشنى كۆرسەتمەكتە. بۇ يىل، نارات مەنزىرە رايونى قار - مۇز ساياھىتى ئامىللىرىنى ئۈزلۈكسىز قېزىپ، «قار تېيىلىش، قار ئويناش، قاردىن ھۇزۇرلىنىش»نى باش تېما قىلىپ، تىرىشىپ ئەلا سۈپەتلىك ساياھەت مەنزىلگاھىنى بەرپا قىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى تاڭ يۇڭ فوتوسى