گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يۈنمېي خەۋەر قىلىدۇ: 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى بويىچە، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى كەسىپ توپىنىڭ تەرەققىياتى، ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەر توپى قۇرۇلۇشى، لىتىي كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتى، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: مەملىكەت بويىچە ئېنېرگىيە بايلىقى ئىستراتېگىيەلىك كاپالەت بازىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، شىنجاڭنىڭ كۆمۈر، نېفىت - تەبىئىي گاز قاتارلىق بايلىقى ۋە كەسپىنىڭ پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئىقتىساد ئومۇمىي ۋەزىيىتىدىكى مۇھىم رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇش كېرەك. «سەككىز چوڭ كەسىپ توپى» قۇرۇلۇشىنى چۆرىدەپ، مەۋقەنى ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كۆمۈر بايلىقى ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، بىر تۈركۈم چوڭ تىپتىكى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بازىلىرىنى بەرپا قىلىپ، كۆمۈر، كۆمۈر ئېلېكتىر، كۆمۈر خىمىيە سانائىتى بىلەن يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، كۈچەيتىپ، ئەلالاشتۇرۇپ، «ئىككى ئاساسىي گەۋدە، ئىككى قانات، بىر ھالقا» كەسىپ توپى تەرەققىيات ئورۇنلاشتۇرمىسىنى تېزدىن شەكىللەندۈرۈپ، دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە بىخەتەرلىكى ۋە ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ تۆھپە قوشۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: دىققەتنى ئېنېرگىيە جابدۇقلىرى، كىرېمنىي يورۇقلۇق ئېنېرگىيەسى، كىرېمنىي خىمىيە سانائىتى، ھىدروگېن ئېنېرگىيەسى، كاربون ئاساسىدىكى يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق 11 نۇقتىلىق ساھەگە مەركەزلەشتۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق يېتەكلەش، زەنجىرنى تولۇقلاش، زەنجىرنى كۈچەيتىش، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش، تۈر قۇرۇلۇشى قاتارلىقلارنى گەۋدىلىك ياخشى تۇتۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال قاتارلىق ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپلەرنى جۇغلىنىپ تەرەققىي قىلىشتىن توپلىنىپ تەرەققىي قىلىشقا ئۆزگىرىشكە يېتەكلەپ، شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە ئىستراتېگىيەلىك يېڭىدىن گۈللەنگەن كەسىپ توپىنى تېز بەرپا قىلىپ، ئىقتىسادنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى زور كۈچ بىلەن يېتىلدۈرۈش كېرەك. ئېنېرگىيە بايلىقى يوشۇرۇن كۈچىنى قويۇپ بېرىشنى تېزلىتىپ، لىتىي بايلىقى، قېزىلما بايلىقلارنى چارلاش، ئېچىش سالمىقىنى زورايتىپ، كەسىپ زەنجىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ لىتىي كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: يېڭىلىق يارىتىش ئارقىلىق تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇش ئىستراتېگىيەسىنى چوڭقۇر يولغا قويۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ كەسىپ تەرەققىيات ئېھتىياجىنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئاچقۇچلۇق، يادرولۇق تېخنىكىلاردا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى تېزلىتىپ، پەن - تېخنىكا نەتىجىلىرىنى ئايلاندۇرۇش، قوللىنىشنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈش كېرەك. يېڭىلىق يارىتىش مېخانىزمىنى يەنىمۇ تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ پەن - تېخنىكا مۇكاپاتى چارىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ ۋە ئۇنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، ئاپتونوم رايوننىڭ ئىختىساسلىقلار تەرەققىيات فوندىدىن جانلىق، ياخشى پايدىلىنىپ، تېخىمۇ ئېچىۋېتىلگەن، ئۈنۈملۈك يېڭىلىق يارىتىدىغان ئىختىساسلىقلارنى كىرگۈزۈش سىياسىتىنى يولغا قويۇپ، پەن - تېخنىكا خىزمەتچىلىرىنىڭ ئاكتىپلىقى ۋە ئىجادچانلىقىنى تولۇق قوزغاپ، يېڭىلىق يارىتىشچان شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنى زور كۈچ بىلەن ئالغا سىلجىتىش كېرەك.
يىغىندا يېقىنقى مەزگىلدىكى ئاپتونوم رايوننىڭ رەقەملەشتۈرۈش ئىسلاھاتى خىزمىتىنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار ئىسلاھات ئىشلىرى مۇھاكىمە قىلىندى. يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: رەقەملەشكەن تەرەققىياتنى تېزلىتىش ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ۋە ئىدارە قىلىش ئىقتىدارىنىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇقەررەر تاللاش. نىشان يۆنىلىشى، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رەقەملىك ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى، سانلىق مەلۇماتتىن ئورتاق بەھرىلىنىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى كەمتۈكلۈكلەرنى كۈچەپ تولۇقلاپ، ئاپتونوم رايون بويىچە بىرلىككە كەلگەن، يۇقىرى ئۈنۈملۈك رەقەملەشكەن ئىدارە قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، رەقەمنى كەسىپلەشتۈرۈش، كەسىپنى رەقەملەشتۈرۈشنى تېز تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. ھەرقايسى تارماقلارنىڭ فۇنكسىيەلىك ئورنىنى يەنىمۇ ئايدىڭلاشتۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، ئالدىغا ئۆتۈپ كۈچەپ، رەقەملەشكەن تەرەققىياتتىكى تۈرلۈك نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىنى ھەقىقىي تۈردە ئالغا سىلجىتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسىنى تېز بەرپا قىلىشىنى رەقەملەشتۈرۈش تىرىكى بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.