گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 12 - ئاينىڭ 23 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى چېن چياڭۋېينىڭ قەشقەر تاموژنىسىدىن ئىگىلىشىچە، 12 - ئاينىڭ 22 - كۈنى، ياسىما گۈل لىق قاچىلانغان خەلقئارا سوغۇق زەنجىرلىك تىرانسپورت ئاپتوموبىلى قەشقەر ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونىدىن يولغا چىقىپ، ئەركەشتام پورتى ئارقىلىق چېگرادىن چىققاندىن كېيىن قىرغىزىستاننىڭ ئوش شەھىرىگە قاراپ ماڭغان. بۇ، شىنجاڭنىڭ ياسىما گۈللىرىنىڭ تۇنجى قېتىم ئېكسپورت قىلىنىشى ئىكەن.
بۇ ياسىما گۈللەر «گاۋيۈەنخۇڭ» قىزىلگۈلى بولۇپ، شىنجاڭنىڭ يەرلىك كارخانىسى بولغان شىنجاڭ بەييۈ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى ئۆستۈرگەن، جەمئىي 60 مىڭ 480 تال. بۇ شىركەت 2021 - يىلى قەشقەر ۋىلايىتىگە ماكانلاشقان بولۇپ، گۈل - گىياھ، كۆكتات ئۆستۈرىدىغان يېزا ئىگىلىك كارخانىسى ھېسابلىنىدۇ، ئىگىلىگەن يەر كۆلىمى 3000 مو، يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى تەخمىنەن 50 مىليون يۈەن.
«بىز جەنۇبىي شىنجاڭدا تۇنجى بولۇپ ياسىما گۈل ئېكسپورت قىلىشنى تىزىملىتىپ ئەنگە ئالدۇرغان بازا، ھازىر قىزىلگۈل، بەيخې گۈلى، كۈركۈمگۈل قاتارلىق گۈللەرنى ئۆستۈرۈش كۆلىمىمىز 500 مو كېلىدۇ، %80تىن ئارتۇق گۈلنى ئېكسپورت قىلىشنى مۆلچەرلەۋاتىمىز» دېدى شىنجاڭ بەييۈ يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا تەرەققىيات چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى لى جىخۇڭ.
بۇ يىل 8 - ئايدا، بۇ شىركەت قىرغىزىستاندا پىلاندىكى كۆلىمى 7000 كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان مەملىكەت سىرتى ئامبىرى قۇرۇپ، مەخسۇس كۆكتات، گۈل، مېۋە ئېكسپورت قىلىشقا ئىشلەتتى. «بۇ قېتىم گۈلنىڭ ئېكسپورت قىلىنىشى مەملىكەت سىرتىدىكى بۇ ئامبارنىڭ ئىشلىتىشكە كىرىشتۈرۈلگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ». لى جىخۇڭ مۇنداق دېدى: شىركىتىمىز ئوتتۇرا ئاسىيا بازىرىنى كېڭەيتىشكە تىرىشىۋاتىدۇ.
گۈلنىڭ سۈپەت كاپالەت مۇددىتى قىسقا ھەم تېمپېراتۇرىنى كونترول قىلىپ يېڭى پېتى ساقلاشنىڭ قىيىنلىق دەرىجىسى زور، توشۇش ۋاقتىغا قويۇلىدىغان تەلەپ ئىنتايىن يۇقىرى. قەشقەر تاموژنىسى چېگرادىن چىقىرىدىغان جاي ئەركەشتام تاموژنىسى بىلەن ئالدىن ئالاقىلىشىپ، پىكىر ئالماشتۇرۇپ، گۈل ئېكسپورتىدا سۈپەتكە كاپالەتلىك قىلىپ يېڭى پېتى ساقلايدىغان «يېشىل يول» ئېچىپ، كارخانىلار بىلەن دائىملىق ئالاقىلىشىش مېخانىزمى ئورنىتىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن سىياسەت يەتكۈزۈپ، ئېھتىياجىنى سوراپ، كارخانىلارنىڭ ئېكسپورت پىلانىنى ئىگىلەپ، كارخانىلارنىڭ ئېكسپورتنىڭ ئالدىنقى ھالقىسىدىكى خىزمەتلەرنى ياخشى ئىشلىشىگە يېتەكچىلىك قىلدى.
قەشقەر تاموژنىسى تەكشۈرۈش باشقارمىسىنىڭ 1 - دەرىجىلىك مەسئۇلى مۇكەرەم مەمەترىشات مۇنداق بىلدۈردى: قەشقەر تاموژنىسى كارخانىلارنىڭ ئۇرۇق تاللاش، يېزا ئىگىلىك سېلىنما مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلىتىش، تېرىش دەۋرى، يىغىۋېلىش، مەھسۇلات مەنبەسىنى سۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە مۇكەممەل بولغان سۈپەت بىخەتەرلىكىنى كونترول قىلىش سىستېمىسى بەرپا قىلىشىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تەرتىپنى قىلىپلاشتۇرۇش، كونترول قىلغىلى بولۇش، ئىشلەپچىقىرىش جەريانىنى تەلەپكە ئۇيغۇنلاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇردى. تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ھالقىسىدا، گۈل مەھسۇلاتلىرى مەخسۇس كۆزنىكى ۋە يېشىل يولى تەسىس قىلىپ، گۈل مەھسۇلاتلىرىنىڭ تاموژنىدىن تېز ئۆتۈشىگە كاپالەتلىك قىلدى. شۇنداقلا فۇنكسىيەلىك رولىنى داۋاملىق جارى قىلدۇرۇپ، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، تونۇشتۇرۇش سالمىقىنى زورايتىپ، شىنجاڭنىڭ يەرلىكتە ئىشلەپچىقىرىلغان تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك مەھسۇلاتلىرىنىڭ مەملىكەت سىرتىغا يۈزلىنىشىگە كۈچ قوشىدۇ.