شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى پۈتۈن ئارمىيەنىڭ ھەربىي نەزەرىيە خىزمىتى يىغىنى 10 ـ ئاينىڭ 14 ـ كۈنىدىن 15 ـ كۈنىگىچە بېيجىڭدا ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مۇھىم يوليورۇق بەردى. ئۇ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەربىي نەزەرىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇش دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىشلىرىنىڭ تەرەققىياتىدا مۇھىم باشلامچىلىق رولىغا ئىگە. يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە، دۇنيادا 100 يىللىق ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە ئۆزگەرمەكتە، يېڭى ھەربىي ئىنقىلاب ئۇچقاندەك تەرەققىي قىلماقتا، دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىك ۋە تەرەققىيات ئېھتىياجىدا چوڭقۇر ئۆزگىرىش بولماقتا، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش نىشان ـ ۋەزىپىسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش تېخىمۇ تەخىرسىز بولماقتا، جەزمەن ھەربىي نەزەرىيە خىزمىتىنى ئومۇميۈزلۈك كۈچەيتىش كېرەك. يېڭى دەۋردە ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش ئىدىيەسىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ھەربىي ئىشلار ئىستراتېگىيەسى فاڭجېنىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى خەلق ئارمىيەسى قۇرۇلۇشى ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى ھەربىي ئىشلار مەدەنىيىتىنىڭ جەۋھىرىنى قوبۇل قىلىپ، جەڭ مەيدانىغا يۈزلىنىش، قىسىمغا يۈزلىنىش، كەلگۈسىگە يۈزلىنىشتە چىڭ تۇرۇپ، پەن ـ تېخنىكا ئۆزگىرىشى، ئۇرۇش ئۆزگىرىشى، رەقىب ئۆزگىرىشىگە چىڭ كۆز تىكىپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتىكى كۈرەش قىلىش، قۇرۇلۇش ئېلىپ بېرىش ۋە ئۇرۇشقا تەييارلىق كۆرۈشتىكى مۇھىم مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، ھەربىي نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشنى يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ھەربىي نەزەرىيە تەتقىقاتى ئەندىزىسىنى ياخشىلاپ، ھەربىي نەزەرىيەنى ئايلاندۇرۇش، تەتبىقلاشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋى ھەربىي نەزەرىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىقى كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيە قۇرۇشنى تېزلىتىشنى ئىلمىي تىرەك ۋە يېتەكچىلىك بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
يىغىندا شى جۇشىنىڭ مۇھىم يوليورۇقى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى جاڭ يوۋشيا يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلىپ مۇنداق تەلەپ قىلدى: شى جۇشىنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، دۇنيادا بىرىنچى قاتاردا تۇرىدىغان ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قۇرۇپ چىقىشنى كۆزلەپ، دىققەتنى ئارمىيە قۇرۇلغانلىقىنىڭ 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ھەربىي نەزەرىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىش بۇرچىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، يېڭى دەۋر ئۇرۇش ۋە جەڭ قىلىش نەزەرىيەسىنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ، نۇقتىلىق ھالدا نەزەرىيە مەزمۇن سىستېمىسى ئورنىتىش، تەشكىلىي باشقۇرۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىش، تەتقىقات كۈچى سىستېمىسىنى كۈچلۈك قۇرۇش، سىياسەت ـ تۈزۈم سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە بۆسۈش ھاسىل قىلىپ، يېڭى دەۋر، يېڭى مۇساپىدە ھەربىي نەزەرىيە خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىش كېرەك.
يىغىندا ھەربىي نەزەرىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى تېزلىتىشكە ئالاقىدار مەسىلىلەر مۇھاكىمە قىلىندى، مۇزاكىرە قىلىندى، ۋەزىپە تەقسىماتى ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈش تەدبىرلىرى ئىنچىكىلەشتۈرۈپ ئايدىڭلاشتۇرۇلدى، ئالتە ئورۇن يىغىندا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
ھەربىي كومىتېت ئورگىنىدىكى ھەرقايسى بۇ، كومىتېتلار، ھەربىي كومىتېتنىڭ ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق ئاپپاراتلىرى، ھەربىي كومىتېت بىرلەشمە قوماندانلىق مەركىزى، ھەرقايسى ئۇرۇش رايونلىرى، ھەرقايسى ئارمىيە قىسىم تۈرلىرى، ھەربىي كومىتېتنىڭ ھەرقايسى بىۋاسىتە قاراشلىق ئورۇنلىرى، قوراللىق ساقچى قىسىمدىكى ئالاقىدار مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلار يىغىنغا قاتناشتى.