گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ليۇ يىنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا نازارىتىدىن ئىگىلىشىچە، ھازىر، شىنجاڭنىڭ ھەرقايسى جايلىرىدا كۈزلۈك يىغىم خىزمىتى ئوڭۇشلۇق ئېلىپ بېرىلىۋېتىپتۇ، يېزا ئىگىلىك ئەھۋالىغا دائىر سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، ئاپتونوم رايون بويىچە 18 مىليون مودىن ئارتۇق يەردىكى كۈزلۈك ئاشلىق زىرائىتى يىغىۋېلىنىپ، يىغىۋېلىش سۈرئىتى %60تىن ئاشقان بولۇپ، ئومۇمىي سۈرئىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن تېز بولغان.
ساۋەن شەھىرىنىڭ شىگوبى بازىرى باش باجياخۇ كەنتىدە، قاتار ـ قاتار قوناقلارنىڭ ئۆسۈشى كىشىنى خۇشال قىلاتتى، چوڭ تىپتىكى قوناق كومبايىنلىرى ئېتىزلاردا ئۇياقتىن ـ بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇراتتى، يىغىۋېلىش، دان ئايرىش قاتارلىق ھالقىلاردىن ئۆتۈپ، ساپسېرىق ئالتۇن رەڭ قوناق دانلىرى ئامبارغا كىرگۈزۈلدى. ھازىر، ساۋەن شەھىرىدە 395 مىڭ مو يەردىكى قوناقنى يىغىۋېلىش ئاخىرلىشاي دەپ قالدى، بۇ جاي تۈرلۈك چوڭ تىپتىكى يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنى تەشكىللەپ قوناقنى جىددىي يىغىۋېلىش مەشغۇلاتىغا ئومۇميۈزلۈك ئاتلاندۇرۇپ، پۈتۈن يىلدا ئاشلىقتىن مول ھوسۇل ئېلىشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى. لوپ ناھىيەسىدە 300 مىڭ مودىن ئارتۇق يەردىكى قوناقتىنمۇ مول ھوسۇل ئېلىندى، ئۇرۇقلۇق قوناق يىغىش ماشىنىسى، بۇغداي تېرىش ماشىنىسى قاتارلىق يېزا ئىگىلىك ماشىنا ـ سايمانلىرى ئېتىز باشلىرىدا كارامىتىنى كۆرسەتتى، قوناق يىغىش، كۈزگى بۇغداي تېرىش ماس قەدەمدە ئالغا سىلجىتىلىپ، يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك ئۆستۈرۈلدى.
كۈزلۈك يىغىم خىزمىتى باشلانغاندىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار ھاۋارايىنىڭ ئۆزگىرىشى ۋە كۈزلۈك يىغىمنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى يېقىندىن ئىز قوغلاپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى ياخشى جارى قىلدۇرۇپ، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ تەمىنلەش ـ ئېھتىياج ئەھۋالىنى ئومۇميۈزلۈك ئىگىلەپ، ئالدىن تەشكىللەپ ئۇدۇللاشتۇرۇپ، مەشغۇلات ھالىتىنى ۋاقتىدا ئېلان قىلىپ، مەشغۇلات قىلىدىغان ماشىنا ـ سايمانلارنى تەرتىپلىك يۆتكەشكە يېتەكچىلىك قىلدى. ھەرقايسى جايلار يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرىنىڭ رايون ھالقىپ مەشغۇلات قىلىشىنى تارماقلار كېڭىشىش، يۇقىرى ـ تۆۋەن ھەمتۈرتكە بولۇپ ئىنكاس قايتۇرۇش مېخانىزمىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا، قاتناش ـ تىرانسپورت قاتارلىق تارماقلار ئالاقىلىشىش، جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، رايون ھالقىپ مەشغۇلات قىلىدىغان يىغىۋېلىش ماشىنىلىرى قاچىلانغان تىرانسپورت ئاپتوموبىللىرىنى تەكشۈرۈش تەرتىپىنى يەنىمۇ ئاددىيلاشتۇرۇپ، يول يۈرۈشنىڭ راۋان، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولۇشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى ھەم ۋاقتىدا ياردەم بېرىپ مەسىلىلەرنى ھەل قىلدى.
ھوسۇل يىغىۋېلىش جەريانىدا، شىنجاڭ يەنە ئاساسىي ئاشلىق زىرائەتلىرىنى ماشىنىدا يىغىۋېلىپ زىياننى ئازايتىش بويىچە «كەڭ كۆلەمدە تەشۋىق قىلىش، كەڭ كۆلەمدە تەربىيەلەش، كەڭ كۆلەمدە بەسلىشىش»نى دائىملىق قانات يايدۇردى، بولۇپمۇ قوناق تېرىلغۇ كۆلىمى 500 مىڭ مودىن ئاشىدىغان ناھىيە، شەھەرلەر ھەمدە دادۇر، قىچىنىڭ بىرلىك ھوسۇلىنى ئاشۇرۇش پۈتۈن ئىشتات بويىچە ئالغا سىلجىتىلىدىغان ناھىيەلەردە يۇقىرى ئۈنۈملۈك، زىيانغا ئۇچرىتىشى تۆۋەن يىغىۋېلىش ماشىنىلىرىنى كېڭەيتىپ، ئاساسىي ئاشلىق زىرائەتلىرىنى ماشىنىدا يىغىۋالغاندا زىيانغا ئۇچراش نىسبىتىدە دۆلەتنىڭ مەشغۇلات ئۆلچىمىدىكى تەلىپىدىن ئەلا بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلدى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭدىكى ھەر دەرىجىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات، ئاشلىق ۋە ماددىي ئەشيا زاپاس ساقلاش، يېزا ئىگىلىكى ـ يېزا قاتارلىق تارماقلار ۋە پۇل مۇئامىلە ئاپپاراتلىرى ماس ھەمكارلىشىپ، «ئاشلىق سېتىۋالىدىغان ئادەم بولۇش، ئاشلىق سېتىۋالىدىغان پۇل بولۇش، ئاشلىق ساقلايدىغان ئامبار بولۇش، ئاشلىق توشۇيدىغان ئاپتوموبىل بولۇش، ئاشلىقنى گۈللەندۈرىدىغان كەسىپ بولۇش، ئاشلىقنى قوغدايدىغان قانۇن بولۇش»نى چۆرىدەپ، سۇبيېكتى كۆپ خىل، سېتىۋېلىش ـ سېتىش جانلانغان، ئوبوروتى راۋان بولغان ئاشلىق بازىرى ياخشى ۋەزىيىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، كۈزلۈك ئاشلىق سېتىۋېلىش بازىرىنىڭ مۇقىم، تەرتىپلىك بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلدى.
نۆۋەتتە، شىنجاڭ 5000دىن ئارتۇق قوناق يىغىش ماشىنىسى، 9000دىن ئارتۇق بۇغداي تېرىش ماشىنىسىنى كۈزلۈك يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىغا قاتناشتۇرۇپ، جەمئىي 15 مىڭ 800 يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مەشغۇلاتچى خادىمىنى تەربىيەلىدى، بۇ، كۈزلۈك يېزا ئىگىلىكىنىڭ ماشىنىلاشقان ئىشلەپچىقىرىش ئېھتىياجىنى تولۇق كاپالەتلەندۈرەلەيدۇ.
سانلىق مەلۇماتلاردا كۆرسىتىلىشىچە، بۇ يىل شىنجاڭنىڭ يازلىق ئاشلىق ئومۇمىي ھوسۇلى 6 مىليون 934 مىڭ 800 توننىغا يېتىپ، تارىختىكى 3 ـ يۇقىرى سەۋىيەنى ساقلىغان، ھەر مو يەرنىڭ بىرلىك ھوسۇلى 394.59 كىلوگىرام بولۇپ، «ئۇدا بەش يىل ئېشىش» ئىشقا ئاشۇرۇلغان. كۈزلۈك ئاشلىقنىڭ ئۆسۈش ئەھۋالى يېقىنقى بەش يىلدىن بۇيانقى ئەڭ ياخشى بولغان بىر يىل بولۇپ، ئاپتونوم رايون بويىچە ئاشلىقتا ھوسۇلنى 1 مىليون توننىدىن ئارتۇق ئاشۇرۇش يىللىق ئىشلەپچىقىرىش نىشان ـ ۋەزىپىسىنى نورمىدىن ئاشۇرۇپ ئورۇنداشتىن ئۈمىد بار ئىكەن.