□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى مېي شىشيۇڭ
1934 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 16 ـ كۈنىدىن 19 ـ كۈنىگىچە، 86 مىڭ كىشىلىك بىر قىزىل ئارمىيە چوڭ قوشۇنى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە جەنۇبىي جياڭشىدىكى يۈدۇخې دەرياسىدىن ئۆتۈپ، ئۇلۇغ يىراققا يۈرۈش قىلىشنى باشلىدى.
جۇڭگو ئىشچى ـ دېھقانلار قىزىل ئارمىيەسىنىڭ 1 ـ يۆنىلىش ئارمىيەسى (مەركىزىي قىزىل ئارمىيە) يولغا چىقىپ بىر ئايدىن كېيىن، قىزىل 25 ـ جۈن دابيېشەندىن ئايرىلدى؛ 2 ـ يىلى 3 ـ ئايدا، قىزىل 4 ـ يۆنىلىش ئارمىيەسى غەربتە جيالىڭجياڭ دەرياسىدىن ئۆتتى؛ 11 ـ ئايدا، قىزىل 2 ـ، 6 ـ جۈنتۇەن (كېيىن قىزىل 2 ـ يۆنىلىش ئارمىيەسى قىلىپ تەشكىللەنگەن) غەربىي خۇنەندىن چېكىنىپ، ئىلگىرى ـ كېيىن بولۇپ ئىستراتېگىيەلىك يۆتكىلىشنى باشلىدى.
ئىككى يىلدىن كېيىن، نۇرغۇن مۈشكۈلاتنى باشتىن كەچۈرگەن تۆت قىزىل ئارمىيە قوشۇنى ئەڭ ئاخىرىدا سېرىق توپىلىق ئېگىزلىكتە جەم بولۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇپ ۋەتەننى مۇنقەرزلىكتىن قۇتقۇزۇش ئالدىنقى سېپىگە يىغىلدى. بۇ مەيدان ئۇلۇغ يىراققا يۈرۈش قىلىشنىڭ ئۆچمەس نامى بار، يەنى، ئۇزۇن سەپەر.
بۇ، غايە ـ ئېتىقادنىڭ بىر قېتىملىق ئۇلۇغ يىراققا يۈرۈش قىلىشى، بۇ، ھەقىقەتنى سىنايدىغان بىر قېتىملىق ئۇلۇغ يىراققا يۈرۈش قىلىش، بۇ، خەلق ئاممىسىنى ئويغاتقان بىر قېتىملىق ئۇلۇغ يىراققا يۈرۈش قىلىش، بۇ، يېڭى ۋەزىيەت ياراتقان بىر قېتىملىق ئۇلۇغ يىراققا يۈرۈش قىلىش.
جاھاننى زىلزىلىگە سالغان بۇ ئىنقىلابىي ئۇلۇغ ھەرىكەت − جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە قىزىل ئارمىيە پۈتۈپ چىققان سەلتەنەتلىك داستان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش تارىخىي مۇساپىسىدىكى ھەيۋەتلىك ئابىدە.
90 يىلدىن بۇيان، غايە ۋە ئۆزىنى بېغىشلاش روھىغا تولغان، ئىرادە ۋە جاسارەت بىلەن پۈتۈپ چىقىلغان ئىنسانىيەت داستانى − ئۇزۇن سەپەر جۇڭگوغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ كەلمەكتە، دۇنيانى زىلزىلىگە سېلىپ كەلمەكتە، شانلىق نۇر چېچىپ كەلمەكتە.
دېمىگىن تۆمۈر سېپىلدەك ھەيۋەتلىك تاغ ئۆتكىلى، مانا مەغرۇر ھالقىدۇق بىز ئېگىز تاغلار ئۈستىدىن. قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشتىن ئىبارەت ئۇلۇغ ئارزۇغا قاراپ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ ھەممە بىر مەقسەتتە باتۇرانە ئالغا بېسىپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىدى.
يول ئېچىش −
«بوران ـ چاپقۇن، دەھشەتلىك دولقۇنلار ئالدىدا، پارتىيەمىز ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان ئۇلۇغ ئەمەلىيەت روھىنى نامايان قىلىپ، تاۋلىنىپ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىشتەك ئۇلۇغ ئىجادكارلىق روھىنى نامايان قىلىپ، قان كېچىپ كۈرەش قىلىش داۋامىدا يېڭى ھاياتقا، غەلىبىگە قاراپ يۈرۈش قىلىدىغان ئىنقىلاب يولىنى ئاچتى.»
2024 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 1 ـ كۈنى، بېيجىڭ.
قىزىل بايراق جەۋلان قىلغان، رەڭگارەڭ گۈللەر بىلەن بېزەلگەن تيەنئەنمېن مەيدانىدا، جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەش كەيپىياتى داغدۇغىلىق، قىزغىن بولدى.
كۈز پەسلىدىكى ئوچۇق ھاۋادا، تيەنئەنمېن راۋىقى ئادەتتىن تاشقىرى ھەيۋەتلىك، گۈزەل كۆرۈنەتتى. 600 يىلدىن ئارتۇق نۇرغۇن ئۆزگىرىش، بوران ـ چاپقۇننى باشتىن كەچۈرگەن بۇ سېپىل راۋىقى جۇڭخۇا مىللىتى تارتقان خورلۇق ۋە ئۇنىڭ ئويغىنىشىغا گۇۋاھ بولدى، شۇنداقلا يېڭى جۇڭگو قۇرۇلغان 75 يىلدىن بۇيان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ جۇڭگو خەلقىنى يېتەكلەپ جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مىللەتنى گۈللەندۈرۈش مۇقەررەر يولىنى ئاچقانلىقىغا گۇۋاھ بولدى.
مۇشۇ پەيتتە 90 يىل ئىلگىرىكى ئاشۇ ئۇلۇغ يىراققا سەپەر قىلىشنى ئەسلىگىنىمىزدە، بىز شۇنى تېخىمۇ چوڭقۇر تونۇپ يەتتۇقكى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قىزىل ئارمىيەنى باشلاپ پاتقاق چىغىر يولنى بويلاپ مېڭىپ، پۈتۈن مەملىكەت خەلقىنى غەلىبىگە يېتەكلىدى.
ئۇزۇن سەپەرنىڭ غەلىبىسى يۆنىلىش ۋە يولنىڭ غەلىبىسى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇزۇن سەپەر جەريانى دۈشمەننى يېڭىش، غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈش، ئىستراتېگىيەلىك نىشاننى ئىشقا ئاشۇرۇش جەريانى بولۇپلا قالماي، بەلكى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىش، ئىنقىلاب يولى ئۈستىدە ئىزدىنىش جەريانى. «بوران ـ چاپقۇن، دەھشەتلىك دولقۇنلار ئالدىدا، پارتىيەمىز ھېچنېمىدىن قورقمايدىغان ئۇلۇغ ئەمەلىيەت روھىنى نامايان قىلىپ، تاۋلىنىپ قايتا ھاياتلىققا ئېرىشىشتەك ئۇلۇغ ئىجادكارلىق روھىنى نامايان قىلىپ، قان كېچىپ كۈرەش قىلىش داۋامىدا يېڭى ھاياتقا، غەلىبىگە قاراپ يۈرۈش قىلىدىغان ئىنقىلاب يولىنى ئاچتى».
بۇ، ھەقىقەتكە تۇتاشقان يول −
«كۆكۈش رەڭدىكى خىش ـ ياغاچ قۇرۇلمىلىق ئىككى قەۋەتلىك بۇ بىنا پارتىيەمىز تارىخىدىكى ئۇلۇغ بۇرۇلۇش ئەھمىيىتىگە ئىگە بىر قېتىملىق مۇھىم يىغىن − زۇنيى يىغىنىغا گۇۋاھ بولدى».
زۇنيى يىغىنى ئېچىلغان ئورۇندا، تولۇق ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىسى بولغان پىدائىي چۈشەندۈرگۈچى جاڭ رۇينىڭ ساياھەتچىلەرگە ئەستايىدىل چۈشەندۈرۈۋاتاتتى.
جۇڭگو ئىنقىلابى قىيىن ئەھۋالدا قالغان ھايات ـ ماماتلىق پەيتتە ئېچىلغان زۇنيى يىغىنى پارتىيەنى قۇتقۇزۇپ قالدى، قىزىل ئارمىيەنى قۇتقۇزۇپ قالدى، جۇڭگو ئىنقىلابىنى قۇتقۇزۇپ قالدى.
ئۇزۇن سەپەرنى باشتىن كەچۈرۈپ پارتىيە ۋە قىزىل ئارمىيە ئاجىزلاشمىدى، بەلكى تېخىمۇ كۈچەيدى، چۈنكى پارتىيەمىز جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ توغرا يولىنى تاپقانىدى، بۇ يولغا يېتەكلەيدىغان توغرا نەزەرىيەنى تاپقانىدى. ئۇزۇن سەپەرنىڭ غەلىبىسى پارتىيەمىزگە ماركسىزم ـ لېنىنىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، جۇڭگو ئىنقىلابىدىكى چوڭ ـ چوڭ مەسىلىلەرنى مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا ھەل قىلغاندىلا، ئاندىن ئىنقىلاب ئىشلىرىنى غەلىبىگە يېتەكلىگىلى بولىدىغانلىقىنى يەنىمۇ تونۇتتى. بۇ، قانلىق ساۋاق ۋە كۈرەش سىناقلىرىدىن چىقىرىلغان ھەقىقەت.
بۇ، پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولغانلىقىنى نامايان قىلغان يول −
قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەر تارىخى پارتىيە بىلەن خەلقنىڭ ھايات ـ ماماتتا بىللە بولغانلىقىنى ئەكس ئەتتۈرۈپ بېرىدىغان تارىخ.
خۇنەننىڭ رۇچېڭ ناھىيەسىدىكى شاجوۋ كەنتىدە قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۈچ ئايال جەڭچىسى شۈ جيېشيۇ موماينىڭ ئۆيىدە قونۇپ قالدى، ماڭىدىغان چاغدا، ئۆزلىرىنىڭ بىردىنبىر يوتقىنىنىڭ يېرىمىنى كېسىپ مومايغا قالدۇرۇپ قويدى. موماي مۇنداق دېدى: كوممۇنىستىك پارتىيە دېگەن نېمە؟ كوممۇنىستىك پارتىيە ئۆزىنىڭ بىرلا يوتقىنى بولسىمۇ، يېرىمىنى كېسىپ پۇقرالارغا بېرىدىغان كىشى.
«10 مىڭ چاقىرىملىق ئۇزۇن سەپەردە خەلق ئاممىسى يولمۇيول ھەمراھ بولدى، ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسى پۇقرالارنىڭ پۈتۈن كۈچ بىلەن ياردەم بېرىشى نەتىجىسىدە قولغا كەلدى.» قارلىق تاغ، ئوتلاقلاردىن ئۈچ قېتىم ئۆتكەن پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى ليۇ يىڭچى ھايات ۋاقتىدا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا شۇنداق دېگەنىدى.
خەلق بىلەن ئېغىر كۈنلەردە بىللە بولۇش، تومۇرداش بولۇش، ھايات ـ ماماتتا بىللە بولۇش جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ۋە قىزىل ئارمىيەنىڭ ئۇزۇن سەپەر غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشىنىڭ تۈپ كاپالىتى، شۇنداقلا بىزنىڭ بارلىق قىيىنچىلىق ۋە خەۋپ ـ خەتەرنى يېڭىشىمىزنىڭ تۈپ كاپالىتى.
بۇ، يېڭى ۋەزىيەت ئۈستىدە ئىزدەنگەن ۋە ئۇنى ياراتقان يول −
شەرقىي جەنۇبتىن غەربىي شىمالغىچە، قىزىل توپىلىقتىن سېرىق توپىلىققىچە، «قىزىل لېنتا»دىكى ھەربىر قەدەم تارىخ ياراتتى. گومىنداڭ تەرىپىدىن «1000 چاقىرىم يول يۈرۈپ سەرسان بولۇپ، تەرەپ ـ تەرەپتىن ئىسكەنجىگە ئېلىندى» دەپ جەزملەشتۈرۈلگەن قىزىل ئارمىيە «ئۆلۈمدىن ھاياتلىققا ئېرىشىش» يېڭى يولىنى ئاچتى.
1935 ـ يىلى 12 ـ ئاينىڭ 27 ـ كۈنى، ماۋ زېدۇڭ «ياپون جاھانگىرلىكىگە قارشى تۇرۇش تاكتىكىسى ھەققىدە» دېگەن ئەسىرىدە مۇنداق دېگەن: «ئۇزۇن سەپەر ئاياغلىشىشى بىلەنلا يېڭى ۋەزىيەت باشلىنىدۇ».
ئۇزۇن سەپەر داۋامىدا، پارتىيەمىز مىسلىسىز مۇشەققەتلىك ئەمەلىي ئىزدىنىش ئارقىلىق، مۇۋەپپەقىيەتلىك ھالدا مەۋجۇت بولۇپ تۇرۇش كىرىزىسىنى ھەل قىلىشنى مىللەتنى ھالاكەتتىن قۇتقۇزۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، ئۇزۇن سەپەرنىڭ چوڭ يۆنىلىشىنى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئىلگىرىلەش بازىسى قۇرۇش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، دۆلەت ئىچىدىكى ئىنقىلابىي ئۇرۇشنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى مىللەت ئۇرۇشىغا ئۆزگىرىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا يېڭى دېموكراتىك ئىنقىلابنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈشى ئۈچۈن پۇختا ئاساس سالدى. ئۇزۇن سەپەرنىڭ ئاخىرقى نۇقتىسىدىن چىقىش قىلىپ، پارتىيەمىز جۇڭگو خەلقىگە رەھبەرلىك قىلىپ، جۇڭگو ئىنقىلابىنىڭ قاينام ـ تاشقىنلىققا تولغان يېڭى سەھىپىسىنى ئاچتى.
ئۇزۇن سەپەر يولىنى ئەسلىسەك، مۇنداق بىر تۈپ تەجرىبە ۋە ئىلھامغا ئېرىشكىلى بولىدۇ، يەنى ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرغان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغاندىلا، جۇڭگو خەلقى ئاندىن ئۈزلۈكسىز غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈپ، يورۇقلۇققا قاراپ ماڭالايدۇ.
ئارمىيەنى تاۋلاپ چىقىش −
«ئۇزۇن سەپەر خەلق ئارمىيەسىنى چېنىقتۇردى، ئۇزۇن سەپەر خەلق ئارمىيەسىنى تاۋلىدى، ئۇزۇن سەپەر خەلق ئارمىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردى، ئۇزۇن سەپەر خەلق ئارمىيەسى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىنى ئاچتى.»
ئالتۇن كۈز پەسلى، خۇاشەن تېغى ئېتىكى، ۋېيخې دەرياسى بويى.
بۇ يەرنى ساقلاۋاتقان قۇرۇقلۇق ئارمىيە 83 ـ جىتۇەنجۈنىنىڭ مەلۇم لۈيى «قىزىل 1 ـ ليەن»ىدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر يەنە بىر قېتىم ليەن تارىخى سارىيىغا كېلىپ، ئۇزۇن سەپەر روھىنى ھېس قىلىپ، ئارمىيەنى قۇدرەت تاپتۇرۇش بۇرچى توغرىسىدا ئورتاق توختالدى.
ئۇزۇن سەپەردە، ئارمىيەمىزنىڭ «ياچېيكىنى ليەندە قۇرۇش» يولىنى ئاچقان «قىزىل 1 ـ ليەن»دىىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر ھەر قېتىملىق ھايات ـ مامات، ھەق ـ ناھەق سىنىقى ئالدىدا، باشتىن ـ ئاخىر پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىغا يېقىندىن ئەگەشتى، ماۋ جۇشىغا قەتئىي ئەگەشتى. 1935 ـ يىلى 1 ـ ئايدىكى زۇنيى يىغىنى مەزگىلىدە، ليەندۈي يىغىن مۇھاپىزەتچىلىكى ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئېلىپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشقا بەلگىلەندى.
ليەن تارىخى سارىيىدا، بىر ئېماللانغان ئالىچىپار «قىزىل سەي تەخسىسى» ئەتىۋارلاپ ساقلانماقتا. 1935 ـ يىلى، ماۋ جۇشى ئىلگىرى ئۇنىڭدا ليەندۈيدىكى ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەر بىلەن بىللە غىزالانغان.
بۈگۈنكى كۈندە، «قىزىل 1 ـ ليەن»دىكى «قىزىل سەي تەخسىسى» تاماق بۆلۈش تەخسىسىگە ئالماشتۇرۇلدى، بەش خىل قورۇما، بىر شورپا قىزىل مىفەن، كاۋا شورپىسىنىڭ ئورنىنى ئالدى، «تۆمۈر تاپان» يېڭى تىپتىكى بىرونېۋىك جابدۇققا ئۆزگەردى. بىراق «قىزىل 1 ـ ليەن»نىڭ قىزىل گېنى باشتىن ـ ئاخىر ئۆزگەرمىدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا مۇنداق كۆرسەتتى: ئۇزۇن سەپەرنىڭ غەلىبىسى بىزگە شۇنداق ئىلھام بەردىكى، خەلق ئارمىيەسى ئىنقىلابنىڭ تايانچى، مىللەتنىڭ ئۈمىدى، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكى خەلق ئارمىيەسىنىڭ غەلىبىنى قولغا كەلتۈرۈشىنىڭ تۈپ كاپالىتى. «ئۇزۇن سەپەر خەلق ئارمىيەسىنى چېنىقتۇردى، ئۇزۇن سەپەر خەلق ئارمىيەسىنى تاۋلىدى، ئۇزۇن سەپەر خەلق ئارمىيەسىنى مۇۋەپپەقىيەتكە ئېرىشتۈردى، ئۇزۇن سەپەر خەلق ئارمىيەسى تەرەققىياتىنىڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىنى ئاچتى».
ئۇزۇن سەپەرنى بېسىپ كەلگەن خەلق ئارمىيەسى باشتىن ـ ئاخىر پارتىيەنىڭ قوماندانلىقىغا بويسۇنۇشتا چىڭ تۇردى.
ئۇزۇن سەپەر يولىدا، قىزىل ئارمىيە دائىم ھايات ـ ماماتلىق سىناقلارغا دۇچ كەلدى: كۈندە دېگۈدەك ئۇرۇش قىلدى، ھەر ۋاقىت بېشىدا بومبا ئۇچۇپ تۇردى، دائىم ئۆزىدىن ئون ھەسسە كۆپ دۈشمەننىڭ قورشاۋىغا، قوغلاپ توسۇشىغا دۇچ كەلدى... شياڭجياڭ دەرياسىدىكى قانلىق جەڭدىن كېيىن، مەركىزىي قىزىل ئارمىيە يولغا چىققان چاغدىكى 86 مىڭ كىشىدىن بىراقلا ئازىيىپ 30 مىڭدىن كۆپرەك كىشىگە چۈشۈپ قالدى.
«ھەرقانچە زور قۇربان بېرىشمۇ بىزنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش يولىمىزنى توسۇپ قالالمايدۇ!» جەنۇبىي جياڭشىدىن ئۇدا جەڭ قىلىپ شىمالىي شەنشىگە كەلگەن قىزىل 1 ـ يۆنىلىش ئارمىيەسى 1 ـ جۈنتۇەنىنىڭ 2 ـ شى 4 ـ تۇەنىدىكى جەڭچى تاڭ جىنشىن ھايات ۋاقتىدا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەنىدى: «چۈنكى بىزدە قىزىل غايە بار، چۈنكى بىزدە پارتىيەنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكى بار».
دەل پارتىيە رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرغاچقا، قىزىل ئارمىيە گومىنداڭنىڭ قورشاۋى، قوغلاپ توسۇشى ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى، ناچار تەبىئىي مۇھىت ئۈستىدىن غەلىبە قىلدى، جاڭ گوتاۋنىڭ بۆلگۈنچىلىكى ئۈستىدىنمۇ غەلىبە قىلدى.
پارتىيە ئارمىيەگە مۇتلەق رەھبەرلىك قىلىشتىن ئىبارەت تۈپ پىرىنسىپ ۋە تۈزۈم خەلق ئارمىيەسىنىڭ بارلىق كونا ئارمىيەدىن پۈتۈنلەي پەرقلىنىدىغان سىياسىي ئالاھىدىلىكى ۋە تۈپ ئەۋزەللىكى.
2014 ـ يىلى ئالتۇن كۈزدە، شى جۇشى ئۆزى تەدبىر بەلگىلەپ ۋە رەھبەرلىك قىلىپ، گۇتيەندە پۈتۈن ئارمىيەنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىنى ئېچىپ، يېڭى تارىخىي شارائىتتا پارتىيەنىڭ ئىدىيە جەھەتتىن، سىياسىي جەھەتتىن ئارمىيە قۇرۇشىنى كۆزدە تۇتۇپ، ئارمىيەمىز سىياسىي خىزمىتىنىڭ دەۋر باش تېمىسىنى تەنتەنىلىك ئوتتۇرىغا قويدى.
2024 ـ يىلى باش يازدا، شى جۇشى ئارمىيەمىزدىكى يۇقىرى دەرىجىلىك كادىرلارنى باشلاپ يەنئەنگە كېلىپ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ سىياسىي خىزمەت يىغىنىنى ئېچىپ، پارتىيەنىڭ ئارمىيەگە بولغان مۇتلەق رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇش تەدبىرىنى ئىزچىللاشتۇرۇش، ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى تەكىتلىدى.
پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە خەلق ئارمىيەسىگە رەھبەرلىك قىلىپ ئىستىل تۈزىتىش روھى ئارقىلىق سىياسىي جەھەتتىن تەرتىپكە سېلىش ۋە تەلىم بېرىشنى ئالغا سىلجىتىپ، قەتئىي تەۋرەنمەي پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلدى، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلدى، ئىرادىسىنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز، سالمىقىنىڭ زورلۇقى مىسلىسىز بولۇپ، يېڭى دەۋردىكى ئارمىيەنى سىياسىي جەھەتتىن قۇرۇشتا تارىخىي مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈردى.
ئۇزۇن سەپەرنى بېسىپ كەلگەن خەلق ئارمىيەسى باشتىن ـ ئاخىر غەلىبىلىك جەڭ قىلىشتا چىڭ تۇردى.
«پارتىيە رەھبەرلىكىدىكى قىزىل ئارمىيەنىڭ ھەممىسى قەھرىمان ئەزىمەتلەر!» پېشقەدەم جياڭجۈن ۋاڭ دىڭليې ھايات ۋاقتىدا ئۇزۇن سەپەرنى ئەسلەپ مەردانىلىك بىلەن مۇنداق دېگەنىدى: «ئالدىمىزدا توسالغۇ بار، كەينىمىزدىن قوغلاپ يوقىتىۋاتىدۇ، يەيدىغان نەرسە يوق، ئوق ـ دورا كەمچىل بولسىمۇ، بىز يەنىلا كۆتۈرەڭگۈ كۈرەش ئىرادىمىزنى ساقلاپ، ئارقا ـ ئارقىدىن غەلىبىلىك جەڭ قىلدۇق».
ئۇلار لوۋشەنگۇەننى ئالدىن ئىگىلىدى، لۇدىڭچياۋ كۆۋرۈكىنى تېزلىكتە تارتىۋالدى، قارلىق تاغلارغا يامىشىپ، ئوتلاقلاردىن ئۆتتى، تەبىئىي توسۇق لازىكوۋنى بۆسۈپ ئۆتتى... غەلىبە يولىنى ئاچتى.
بۇ يىل 106 ياشقا كىرگەن پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى ما جىشۇەن ئىلگىرى ئوتلاقتىن ئۈچ قېتىم ئۆتكەن، قارلىق تاغقا ئىككى قېتىم ياماشقان، ئۇرۇش يىللىرىدا ئاساسىي تۇەننىڭ تۇەنجاڭى بولغان. ئۇ مۇنداق دېدى: «غەلىبىلىك جەڭ قىلالايدىغان بولۇش يادرو بولۇپ، ئارمىيەنىڭ تۈپ فۇنكسىيەسى ۋە ئارمىيە قۇرۇلۇشىنىڭ تۈپ يۆنىلىشىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ».
پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، خەلق ئارمىيەسى ئۇرۇشقا تەييارلىق قىلىشنى بوشاشتۇرماي چىڭ تۇتۇپ، جەڭگىۋارلىقتىن ئىبارەت بۇ بىردىنبىر تۈپ ئۆلچەمدە چىڭ تۇرۇپ، ھەربىي كۈرەش تەييارلىقىنى كېڭەيتىپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ئۇرۇش ھەربىي مەشىقىنى كۈچەيتىپ، ئۇچۇرلاشقان ئۇرۇشتا غەلىبە قىلىش ئىقتىدارىنى تېز ئۆستۈردى.
ئۇزۇن سەپەرنى بېسىپ كەلگەن خەلق ئارمىيەسى باشتىن ـ ئاخىر ئىستىلى ياخشى بولۇشتا چىڭ تۇردى.
ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا، پارتىيەنىڭ داھىيسى ئاددىي ئەسكەرلەر بىلەن ھايات ـ ماماتتا بىللە بولدى، قېرىنداشلاردەك يېقىن ئۆتتى؛ قىزىل ئارمىيە كوماندىرلىرى باشلامچى بولۇپ، ئاتاكىدا ئالدىدا ماڭدى. قىزىل 1 ـ يۆنىلىش ئارمىيەسى 1 ـ جۈنتۇەنىنىڭ جېڭۋېيسى بولغان نيې رۇڭجېن ھايات ۋاقتىدا ئەسلەپ مۇنداق دېگەنىدى: قىزىل ئارمىيە جەڭ قىلغاندا كادىرلار، پارتىيە ئەزالىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرى باشلامچىلىق بىلەن جەڭ قىلدى. ھەر قېتىملىق جەڭدە پارتىيە ئەزالىرى، ئىتتىپاق ئەزالىرىدىن قۇربان بولغان، يارىلانغانلارنىڭ سانى دائىم قۇربان بولغان، يارىلانغانلارنىڭ %25ىنى، ھەتتا %50ىنى ئىگىلەيتتى. قىزىل ئارمىيە كوماندىر ـ جەڭچىلىرى يۇقىرىدىن تۆۋەنگىچە ھەمنەپەس، ئىنتىزامدا چىڭ، ئىستىلدا قەيسەر، يېڭىلمەس ئىدى.
«ئىستىلى ياخشى بولغاندىلا قەھرىمان قىسىم بەرپا قىلغىلى بولىدۇ، ئىستىلى چېچىلاڭغۇ بولسا يېڭىلمەس قوشۇنمۇ ۋەيران بولىدۇ.» پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېت ۋە شى جۇشى خەلق ئارمىيەسىنىڭ خاراكتېرى، ئاساسىي مەقسىتى، خىسلىتىنى مەڭگۈ ساقلاشنى كۆزدە تۇتۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىش، ئارمىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنى چىڭ تۇتۇپ، «تۆت خاھىش»نى چوڭقۇر تۈزىدى، ئارمىيەنىڭ پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشى نەتىجىلىرى كۆرۈنەرلىك بولدى، ئارمىيەمىزنىڭ سىياسىي ئېكولوگىيەسىدە تۈپ ياخشىلىنىش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، قىسىمدا يېڭى ئىستىل، توغرا كەيپىيات ئۈزلۈكسىز ئەۋج ئالدى.
يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا، خەلق ئارمىيەسى پەيتنى قولدىن بەرمەيدىغان روھ ئارقىلىق دۆلەت مۇداپىئەسى ۋە ئارمىيەنى زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى، خەۋپسىزلىكى، تەرەققىيات مەنپەئەتىنى قوغدايدىغان زور مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئالدى.
بىر خىل روھنى يارىتىش −
«ئۇزۇن سەپەردىن ئىبارەت ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بۇ ئۇلۇغ ئىش بىزگە ئەڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق قالدۇردى، ئۇ دەل جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلىرى ھاياتى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن ياراتقان ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھى.»
جياڭشى يۈدۇ مەركىزىي قىزىل ئارمىيە جەم بولۇپ ئۇزۇن سەپەرگە ئاتلانغان جاي.
2024 ـ يىلى 10 ـ ئاينىڭ 11 ـ كۈنىدىن 13 ـ كۈنىگىچە، 4 ـ نۆۋەتلىك جۇڭگو داشۆ ئوقۇغۇچىلىرى دۆلەت بايرىقى مۇھاپىزەت ئەترىتى كۆرگەزمە مۇسابىقىسىنىڭ ھەل قىلغۇچ مۇسابىقىسى مۇشۇ يەردە ئۆتكۈزۈلدى.
«كۆرگەزمە مۇسابىقىسى بىلەن <ئۇزۇن سەپەر يولىدا قايتا مېڭىش>نى بىرلەشتۈرۈش ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسىنىڭ كۈچلۈك تۇتقىسى، <ئۇزۇن سەپەر روھى>نى ئەۋج ئالدۇرۇشنىڭ ئۈنۈملۈك ۋاسىتىسى.» جۇڭگو ئوقۇغۇچىلار تەنتەربىيە بىرلەشمىسى داشۆ دۆلەت مۇداپىئەسى تەنتەربىيە شۆبە جەمئىيىتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى، بېيجىڭ پەن ـ تېخنىكا داشۆسى قوراللىق بۆلۈمىنىڭ مۇئاۋىن بۆلۈم باشلىقى ۋاڭ شياۋنىڭ مۇنداق دېدى: دۆلەت بايرىقى مەدەنىيىتىنى ئۇزۇن سەپەر تارىخى، ئۇزۇن سەپەر روھىغا سىڭدۈرۈش بىر قېتىملىق مەنىۋى مەشئەلنى كۈچ ئۇلاپ يەتكۈزۈش، بىر قېتىملىق ھەرىكەتچان ئىدىيەۋى ـ سىياسىي دەرس بولدى.
ئۇزۇن سەپەر ئۇزاق كېچىدىكى بىر قېتىملىق جاپالىق يول يۈرۈش، شۇنداقلا جۇڭگو روھىنىڭ بىر قېتىملىق پارلاق سەھىپىسى. ئۇزۇن سەپەر ئىنسانىيەت روھىنىڭ يېڭى يۈكسەكلىكىنى نامايان قىلدى.
باش شۇجى شى جىنپىڭ قىزىل ئارمىيە ئۇزۇن سەپىرى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش يىغىنىدا مۇنداق تەكىتلىدى: ئۇزۇن سەپەردىن ئىبارەت ئىنسانىيەت تارىخىدىكى بۇ ئۇلۇغ ئىش بىزگە ئەڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىق قالدۇردى، بۇ دەل جۇڭگو كوممۇنىستلىرى ۋە قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلىرى ھاياتى ۋە ئىسسىق قېنى بىلەن ياراتقان ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھى.
بېسىپ ئۆتكەن يولىنى ئۇنتۇپ قالغان مىللەت چىقىش يولى يوق مىللەتتۇر. ئىشلىرىمىز تەرەققىي قىلىپ قايسى باسقۇچقا بارسۇن، مەيلى قانچىلىك زور مۇۋەپپەقىيەتلەرنى قولغا كەلتۈرەيلى، بىز ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، يېڭى ئۇزۇن سەپەر يولىدا داۋاملىق جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلىشىمىز كېرەك.
ئىنقىلابىي غايە ۋە ئېتىقادنى چىڭىتىپ، ھەققانىيەت ئىشلىرىنىڭ مۇقەررەر غەلىبە قىلىدىغانلىقىغا قەتئىي ئىشىنىش −
ئەگرى ـ توقاي ئۇزۇن سەپەر يولى ئىسسىق قان تۆكۈلگەن قۇربان بېرىش يولى، شۇنداقلا يېڭى ھاياتلىق يولى. قىزىل 1 ـ يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ سەپىرىدە، ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ھەر 300 مېتىردا بىر قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى قۇربان بولغان.
«بىز نېمە ئۈچۈن ئەڭ ئاخىرىدا ئۇزۇن سەپەرنى تاماملىيالىدۇق ھەم ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرەلىدۇق؟» چۈنكى بىزدە مۇستەھكەم ئېتىقاد بار! ئىلگىرى ئوتلاقتىن ئۈچ قېتىم ئۆتكەن نەنجىڭ ھەربىي رايونىنىڭ سابىق سىلىڭيۈەنى شياڭ شوۋجى ھايات ۋاقتىدا شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرىنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغاندا مۇنداق دېگەنىدى: «قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلىرى كۈرەش قىلىشىمىزنىڭ ئادەمنى ئېزىدىغان تۈزۈمنى ئاغدۇرۇپ تاشلاپ، خەلق ئۆز ئىشىغا ئۆزى ئىگە بولىدىغان ھاكىمىيەت قۇرۇش ئۈچۈن ئىكەنلىكىنى بىلىدۇ».
تۆت ئۇزۇن سەپەر چوڭ قوشۇنى يولغا چىققان چاغدىكى ئومۇمىي ئادەم سانى 206 مىڭ، يول بويى تولۇقلانغان ئەسكىرىي كۈچ 17 مىڭ بولۇپ، ئۇزۇن سەپەر ئاخىرلاشقاندا ئاران 57 مىڭ ئادەم قالغان، ئاز دېگەندە 166 مىڭ قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېر ـ ئەسكىرى ئۇزۇن سەپەر جەريانىدا ئۇرۇشتا ئۆلۈپ كەتكەن ياكى يوقاپ كەتكەن.
ئىنقىلابىي غايە ھەممىدىن ئۈستۈن تۇرىدۇ، ھەرقانچە زور قۇربان بېرىشمۇ قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلىرىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىنى توسۇپ قالالمايدۇ.
ئۇزۇن سەپەرنىڭ غەلىبىسى بىزنى شۇنداق ئىلھاملاندۇرىدۇ: قەلبتە ئېتىقاد بولسا، جىسمىمىز كۈچكە تولىدۇ.
90 يىلدىن بۇيان، ئەۋلادمۇئەۋلاد جۇڭخۇا ئوغۇل ـ قىزلىرى ئۇزۇن سەپەر روھىنى داۋاملاشتۇرۇپ، يۈكسەك غايە ـ ئېتىقاد ئۈچۈن ئىرادىدىن قايتماي كۈرەش قىلدى.
يېقىندا، مۇخبىر چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلىرىگە ئەگىشىپ دېڭىز يۈزىدىن 5100 مېتىر ئېگىزلىكتىكى شىزاڭ ئالى شۆبە ھەربىي رايونى پۇرچۇ چېگرا مۇداپىئە ليەنىدىكى چيۇدىجيەنگېلا قاراۋۇلخانىسىغا چىقتى. «پارتىيە بايرىقى تېغى»دا، چېگرا مۇداپىئە ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلىرى جاراڭلىق قەسەم بەردى −
«پارتىيە ۋە خەلق خاتىرجەم بولسۇن، بىز ھاياتىمىز بىلەن زېمىننى قەتئىي تولۇق قوغداشقا، ساقلاشقا، ئىگىلىك ھوقۇقىمىزنى ھەرگىز يوقىتىپ قويماسلىققا قەسەم بېرىمىز!» ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلەرنىڭ قەلبىدىكى «پارتىيە بايرىقى تېغى» بۇرۇنلا بىر مەنىۋى ئېگىزلىككە، ئېتىقاد مۇقەددەس جايىغا ئايلانغانىدى.
ھەرقانداق جاپا ـ مۇشەققەت، خەۋپ ـ خەتەر، توسالغۇدىن قورقماي، بارلىقىنى قۇربان قىلىشتىن باش تارتماسلىق −
ئەنخۇي ئۆلكىسىنىڭ ليۇئەن شەھىرى يۈئەن رايونى دۇشەن بازىرىدىكى ئۆزى سالغان كىچىك ھويلىدا، 106 ياشلىق پېشقەدەم قىزىل ئارمىيە جەڭچىسى خۇ جېڭشيەن كىتاب ئوقۇۋاتاتتى، گېزىت كۆرۈۋاتاتتى. 12 يېشىدا ئىنقىلابقا قاتناشقان، ئۇزۇن سەپەرنى باشتىن كەچۈرگەن بۇ «قىزىل شاكىچىك»نىڭ ئۈچ ئەۋلاد ئاتا ـ بوۋىلىرىنىڭ ھەممىسى بامبۇك ئەسۋاب ـ جابدۇقلارنى توقۇيدىغان ھۈنەرۋەن ئىدى.
«پارتىيە ئىشلىرى ئۈچۈن كۈرەش قىلىشتا، ھەرقانچە كۆپ جاپا تارتىشتىنمۇ قورقمايمەن!» بىر ئۆمۈر ئۇزۇن سەپەر روھىغا ۋارىسلىق قىلغان ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرۇپ كەلگەن خۇ جېڭشيەن مۇنداق دېدى: مەن ھەربىي يۈرۈش قىلىپ ئۇرۇش قىلىش، ئۆگىنىپ ساۋاتىمنى چىقىرىشتىن قىزىل ئارمىيەنىڭ سىمسىز تېلېگراف بويىچە تەربىيەلىشىگە قاتنىشىپ «قىزىل ئاڭلاش ماھىرى» بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلىپ كۆپ قېتىم تۆھپە قوشۇشقىچە، بارلىقىمنى قۇربان قىلىش تەييارلىقىنى ياخشى قىلغانىدىم.
مىسلىسىز جاپا ـ مۇشەققەتلىك ئۇزۇن سەپەر يولى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان مۇنداق بىر گۇرۇپپا سانلارنى قالدۇردى: قىزىل 1 ـ يۆنىلىش ئارمىيەسى 18 تاغ تىزمىسىدىن ھالقىپ ئۆتتى، بۇنىڭ ئىچىدىكى بەشى يىل بويى قار بىلەن قاپلانغان تاغ تىزمىسى ئىدى، 24 دەريادىن ھالقىپ ئۆتتى، 11 ئۆلكىنى بېسىپ ئۆتۈپ 25 مىڭ چاقىرىم يول يۈردى؛ قىزىل 2 ـ يۆنىلىش ئارمىيەسى تەخمىنەن 19 مىڭ چاقىرىم يول يۈرۈپ، 92 ناھىيە بازىرىنى ئىشغال قىلدى؛ قىزىل 4 ـ يۆنىلىش ئارمىيەسى 10 مىڭ چاقىرىم يول يۈردى، بۇنىڭ ئىچىدە بەزى قىسىملار نەچچە يۈز چاقىرىملىق سۇ ۋە ئوت ـ چۆپلۈكتىن ئۈچ قېتىم كېسىپ ئۆتتى؛ قىزىل 25 ـ جۈن 10 مىڭ چاقىرىمغا يېقىن يول يۈردى. 600 قېتىمدىن ئارتۇق مۇھىم جەڭ ـ ئۇرۇش ئېلىپ بېرىلدى، شىدىن يۇقىرى كۆلەمدىكى ئۇرۇشلا 120 نەچچە قېتىم بولۇپ، ھەر كۈنى دېگۈدەك بىر قېتىم دوقۇرۇشما جەڭ ئېلىپ بېرىلدى...
«قىيىنچىلىق ۋە جاپا ـ مۇشەققەتلەرنى باشتىن كەچۈرمەي تۇرۇپ مۇۋەپپەقىيەت قازانغىلى بولمايدۇ.» ئۇزۇن سەپەر ۋاقتىنىڭ ئۇزاقلىقى، كۆلىمىنىڭ كەڭلىكى، مۇساپىسىنىڭ يىراقلىقى، مۇھىتنىڭ خەتەرلىكلىكى، جەڭنىڭ ئېچىنىشلىقلىقى بىلەن جۇڭگو تارىخىدا كەمدىن ـ كەم ئۇچرايدۇ، دۇنيا ئۇرۇش تارىخىدا، ھەتتا ئىنسانىيەت مەدەنىيلىكى تارىخىدىمۇ ئىنتايىن ئاز كۆرۈلىدۇ.
«ئىنقىلاب قىلىشتا قۇربان بېرىش بولىدۇ، قىزىل ئارمىيە ئوفىتسېر ـ ئەسكەرلىرىنىڭ ھەممىسىدە مۇشۇنداق ئاڭ بار.» قىزىل 2 ـ يۆنىلىش ئارمىيەسىنىڭ مۇئاۋىن باش قوماندانى بولغان جياڭجۈن شياۋ كې ئىلگىرى مۇخبىرغا شۇنداق دېگەنىدى.
90 يىلدىن بۇيان، پارتىيەمىز پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلقنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، ھەرقانداق جاپا ـ مۇشەققەت، خەۋپ ـ خەتەر، توسالغۇدىن قورقماي، ھەرقانداق قۇربان بېرىشتىن باش تارتماي، ئىنقىلاب، قۇرۇلۇش، ئىسلاھات ئۇلۇغ ئىشلىرىنى ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىپ، كەينى ـ كەينىدىن قاينام ـ تاشقىنلىققا تولغان ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەرلەرنى ئېلىپ باردى.
مۇستەقىل، ئۆزىگە ئۆزى ئىگە بولۇشتا، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشتە چىڭ تۇرۇپ، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش −
ئۇزۇن سەپەر يولىدا، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش مۇھىم ئۆتكەلنى ھۇجۇم قىلىپ ئېلىپ غەلىبە قىلىشتىكى ئەڭگۈشتەر. 1935 ـ يىلى 1 ـ ئايدا، زۇنيى يىغىنىدا «قەلەمگە تايىنىپ قوماندانلىق قىلىدىغان ئىستراتېگىيەچى» ئىنكار قىلىنىپ، «يېڭەلىسە ئۇرۇش قىلىش، يېڭەلمىسە كېتىش» قاتارلىق ھەرىكەتچان، جانلىق ئىستراتېگىيە، تاكتىكا قوزغىتىلىپ، «ماۋ جۇشىنىڭ ئەسكەر ئىشلىتىشى ھەقىقەتەن قالتىس»تىن ئىبارەت ئاجايىپ مۇساپە باشلاندى. ئۇزۇن سەپەرنىڭ غەلىبىسى ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەشنىڭ غەلىبىسى. ئۇرۇشنى قانداق قىلىش، يولنى قانداق مېڭىشنى ئۆز ئالدىغا بەلگىلەشتىن ماركسىزمنىڭ ئاساسىي قائىدىلىرىنى جۇڭگونىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتى بىلەن بىرلەشتۈرۈشكىچە، پارتىيەمىز باشتىن ـ ئاخىر دىيالېكتىك ماتېرىيالىزملىق ئىلمىي روھ، شەخسىيەتسىز، قورقماس كەڭ قورساقلىق بىلەن ھەقىقەتتە ئۈزلۈكسىز چىڭ تۇرۇپ، خاتالىقنى تۈزىتىپ، دەۋر بىلەن تەڭ ئىلگىرىلەپ، جەمئىيەتنىڭ تارىخىي تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
90 يىلدىن بۇيان، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ھەممىدە ئەمەلىيەتنى چىقىش قىلىش، نەزەرىيەنى ئەمەلىيەتكە بىرلەشتۈرۈش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەت داۋامىدا سىناش ۋە راۋاجلاندۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك ئۇلۇغ غەلىبىلەرنى قولغا كەلتۈردى.
پارتىيە 18 ـ قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ كۈچلۈك رەھبەرلىكىدە، ھەقىقەتنى ئەمەلىيەتتىن ئىزدەش ئىدىيەۋى لۇشيەنىدە چىڭ تۇرۇلۇپ، پارتىيە ۋە دۆلەت ئىشلىرىدا تارىخىي خاراكتېرلىك مۇۋەپپەقىيەتلەر قولغا كەلتۈرۈلۈپ، تارىخىي ئۆزگىرىشلەر ھاسىل قىلىنىپ، جۇڭگوچە سوتسىيالىزم يېڭى دەۋردە چوڭ قەدەم ئالدى.
ھەربىر دەۋر كىشىلىرىنىڭ شۇ دەۋر كىشىلىرىگە خاس ئۇزۇن سەپىرى بولىدۇ، ھەربىر ئەۋلاد كىشىلەر ئۆزىنىڭ ئۇزۇن سەپەر يولىدا ياخشى مېڭىشى كېرەك. يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، پۈتۈن پارتىيە، پۈتۈن ئارمىيە، پۈتۈن مەملىكەتتىكى ھەر مىللەت خەلق ئۇلۇغ ئۇزۇن سەپەر روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، جاسارەت بىلەن تىرىشىپ ئىشلەپ، جاسارەت بىلەن نەتىجە يارىتىپ، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇش يېڭى ئۇزۇن سەپىرىدە داۋاملىق يېڭى سەھىپە پۈتۈپ، يېڭى شانلىق نەتىجىلەرنى ياراتماقتا!
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 10 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى تېلېگراممىسى)