□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى پەرىزات ئابدۇل
10 ـ ئايدىكى ئىلى دەرياسى ۋادىسىدا كۈز مەنزىرىسى ئۆزگىچە تۈسكە كىرگەنىدى. چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئايشىن سىرى بازىرى ئامتە كەنتىدىكى ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىدىغان قوناقلىقتا، قوناق كومبايىنىنىڭ گۈرۈلدەپ ئېتىزغا كىرىشىگە ئەگىشىپ، قاتار ـ قاتار ئۆسكەن قوناقلار تۈپى ۋە باشىقى بىلەن پۈتۈن پېتىلا كومبايىن ئارقىلىق يىغىۋېلىنىپ، تال ـ تال ساپسېرىق دانلىق قوناق باشاقلىرى چىقىرىلىپ، ئاپتوموبىلغا قاچىلاپ توشۇلدى.
«باشىقى يوغان، تولۇق دان تۇتقان بولۇپ، بۇ يىل ھەر مو يەردىن 1400 يۈەن كىرىم قىلغىلى بولىدۇ، ياخشى ھوسۇل ئالدۇق.» 10 ـ ئاينىڭ 9 ـ كۈنى، ئامتە كەنتىدىكى تېرىقچىلىق ئائىلىسى جاڭ جىپېڭ ئەمدىلا ماشىنىدىن چىقىرىلغان قوناقنى كۈچەپ ئۇۋۇلىدى.
ئۇرۇق كىچىك بولسىمۇ، ئەھمىيىتى زور، قوناق ئۇرۇقى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ قوناق يېتىشتۈرۈش كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا مۇناسىۋەتلىك.
چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسى ئىلى دەرياسى ۋادىسىغا جايلاشقان، بۇ يەرنىڭ يورۇقلۇق، ئىسسىقلىق، سۇ، تۇپراق بايلىقى ئەۋزەل بولۇپ، قوناق ئۇرۇقى ئىشلەپچىقىرىدىغان ئالتۇن بەلباغ ھېسابلىنىدۇ. 2021 ـ يىلى، چاپچال ناھىيە رايونىنىڭ ئەمەلىيىتى ۋە زىرائەت رايونىنىڭ جايلىشىشىغا بىرلەشتۈرۈپ، ئۇرۇقلۇق قوناق ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنى ئايشىن سىرى بازىرىنىڭ كەسىپ كۈچلۈك بازىرى تۈرى قىلىپ بېكىتىپ، يېزا ئىگىلىكىدىكى باشلامچى كارخانىلارنى كىرگۈزۈپ، «كارخانا + دېھقان ئائىلىسى» ئەندىزىسىنى قوللىنىپ، يۇقىرى ھوسۇللۇق، ئەلا سۈپەتلىك قوناق سورتىنى كېڭەيتتى ھەم كەسىپ زەنجىرىنى ئۈزلۈكسىز ئۇزارتتى.
قوناق تېرىشتا يەككە دان بويىچە تۈجۈپىلەپ ئۇرۇق سېلىش ماشىنىسىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، زىچلىقىنى مۇۋاپىق ئاشۇرۇپ، دەل جايىدا تەڭشەپ، ھەر مو يەرگە 7000 تۈپتىن 8000 تۈپكىچە قوناق مايسىسى تىكتى؛ ئالدى بىلەن يەر تاللاش، ئاندىن ئادەم تاللاش، ئەلا سورت، ياخشى ماشىنا، ياخشى ئۇسۇلنى يۈرۈشلەشتۈرۈش ئومۇمىي تەپەككۇرى بويىچە يۇقىرى ھوسۇللۇق ئۈلگە ئېتىزى بەرپا قىلدى ھەم زىرائەتنىڭ ئوخشاش بولمىغان مەزگىلدىكى ئوزۇقلۇق ئېھتىياجىغا ئاساسەن، سۇ بىلەن ئوغۇتنى دەل جايىدا نىسبەتلەشتۈرۈپ تەڭشىدى؛ ئېتىز پەرۋىشىدە، سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش تېخنىكىسىدىن پايدىلىنىپ، تېمىتىپ سۇغىرىپ بىخلاندۇرۇپ، مايسىلارنى تەكشى، بىردەك، ساغلام ئۆستۈردى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، يەرنى تۈجۈپىلەپ ئاغدۇرۇش، تۈزلەش، ئۇرۇقلارغا دەل جايىدا دورا يالىتىش، يول باشلاش سىستېمىسى ئارقىلىق يەككە داننى تۈجۈپىلەپ تېرىش، سۇ بىلەن ئوغۇتنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش، دەل جايىدا تىزگىنلەش ۋە كېسەللىك، ھاشارات، ئوت ـ چۆپ زىيىنىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ـ تىزگىنلەش، ماشىنا ئارقىلىق دەل جايىدا ھوسۇل ئېلىشتىن ئىبارەت «ئالتە چوڭ دەل جايىدا بولۇش» تەڭشەش ـ تىزگىنلەش تېخنىكىسىنى قوللىنىپ، قوناقنىڭ ھوسۇلى ۋە سۈپىتىنى ئۆستۈردى... كۆپ يىللىق تەرەققىيات ئارقىلىق، ئايشىن سىرى بازىرىنىڭ ئۇرۇقلۇق قوناق كەسپىدە كۆلەملەشكەن تېرىقچىلىق، پىششىقلاش، ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى، سېتىش پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى سىستېمىسى شەكىللەندى ھەم تۈر رايونىدىكى تىرانسپورت مۇلازىمىتى، يېزا ئىگىلىك ماشىنىلىرى مۇلازىمىتى، پەن ـ تېخنىكا مۇلازىمىتى، سودا قاتارلىق ئالاقىدار كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.
نۆۋەتتە، ئايشىن سىرى بازىرى چاپچال شىبە ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش كەسپىدىكى ئاساسلىق بازىغا ئايلىنىپ، يىلىغا 10 مىڭ توننا ئېسىل قوناق ئۇرۇقى پىششىقلايدۇ، «بۇ يىل، بازار بويىچە 21 مىڭ مو ئۇرۇقلۇق قوناق تېرىلىپ، ئەڭ يۇقىرى مو بېشى ھوسۇل 700 كىلوگىرام، ئوتتۇرىچە مو بېشى ھوسۇل 540 كىلوگىرام بولدى. ھەر مو يەرنىڭ ھوسۇلىنى 600 كىلوگىرام بويىچە ھېسابلىغاندا، مو بېشىغا 6000 يۈەندىن ئارتۇق كىرىم قىلغىلى بولىدۇ.» ئايشىن سىرى بازىرىنىڭ مۇئاۋىن بازار باشلىقى دارمان ئورازاي مۇنداق دېدى: ئۇرۇقلۇق قوناق كەسپىنىڭ تەرەققىي قىلىپ زورىيىشى يەر ئۈنۈمىنىڭ %40تىن كۆپرەك ئېشىشىغا بىۋاسىتە تۈرتكە بولدى. بۇنىڭدىن باشقا، قوناق يىغىش پەسلىدە 3000 كىشىنىڭ پەسىل خاراكتېرلىك ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، ھەر يىلى دېھقان ـ چارۋىچىلارنىڭ ئىش ھەققى خاراكتېرلىك كىرىمىنىڭ 4 مىليون يۈەندىن ئارتۇق ئېشىشىغا تۈرتكە بولدۇق.
ئىلى سەنياڭ يېزا ئىگىلىك تەرەققىيات چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى ئۇرۇقلۇق قوناق كەسپىدە كۈچلۈك بازار قۇرۇش تۈرىنى ئۈستىگە ئالغان باشلامچى كارخانا. «نۆۋەتتە شەرقىي شىمال، خۇابېي، ئوتتۇرا تۈزلەڭلىك قاتارلىق نۇرغۇن جايلاردا ئىلىدىن كەلتۈرۈلگەن قوناق ئۇرۇقى ئىشلىتىلىۋاتىدۇ.» بۇ شىركەت ئىشلەپچىقىرىش بۆلۈمىنىڭ دىرېكتورى لى پېڭ مۇنداق دېدى: بۇ يىل شىركىتىمىز 4000 مو ئۇرۇقلۇق قوناقنى ئەقلىي ئىقتىدارلاشقان باشقۇرۇشنى يولغا قويۇپ، ئۇرۇقلۇق قوناقنىڭ ھوسۇلىنى يەنىمۇ ئۆستۈردۇق.
«كەلگۈسىدە، ئايشىن سىرى بازىرى <ئۇرۇقچىلىق>+ تەرەققىيات ئەندىزىسىدە ئۈزلۈكسىز يېڭىلىق يارىتىپ، دىققەتنى 1 ـ، 2 ـ، 3 ـ كەسىپنىڭ يۇغۇرۇلۇشى بويىچە ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى بەرپا قىلىشقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئۇرۇقلۇق ئىشلەپچىقىرىش كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىدۇ» دېدى دارمان.