گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 10 ـ ئاينىڭ 15 ـ كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لۇ فېڭباۋنىڭ جۇڭگو تۆمۈريولى ئۈرۈمچى ئىدارىسى گۇرۇھى چەكلىك شىركىتىدىن ئىگىلىشىچە، ئالدىنقى توققۇز ئايدا، ئالاتاۋ ۋە قورغاس تۆمۈريول پورتى ئارقىلىق قاتنىغان جۇڭگو ـ ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 12 مىڭ 65 قېتىم بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %11.6 ئاشقان.
بۇ يىلدىن بۇيان، دۆلىتىمىزنىڭ چېگرا ھالقىغان يۈك تىرانسپورت ئېھتىياجى جانلاندى، شەنشى، جېجياڭ، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلاردا جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى ئىشلىرى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى پۇرسەتنى تۇتۇپ، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، دەل جايىدا ئورۇنلاشتۇرۇش ـ قوماندانلىق قىلىشنى يولغا قويۇپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنى توشۇشقا تەشكىللەشنى كۈندىلىك ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنىڭ مۇھىم نۇقتىسىغا كىرگۈزۈپ، «ئالدىن ئېلىش ـ يەتكۈزۈش، ئالدىن يۆتكەپ قاچىلاش، ئالدىن بېلەت چىقىرىش، ئالدىن گۇرۇپپىلاش، ئالدىن يولغا سېلىش»نى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، پۈتۈن مۇساپىلىك ۋاقىت جەدۋىلىدىكى جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈرۈش كۆلىمىنى كېڭەيتىپ، جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىنىڭ يۈرۈش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈردى.
ئالاتاۋ ۋوگزالىدا، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى جۇڭگو ـ قازاقىستان تۆمۈريول تارماقلىرى قاتلام ـ دەرىجىلىكلەر بويىچە سۆزلىشىش مېخانىزمىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ماللارنى ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش مەشغۇلاتى، نۆۋەتچى پويىزلارنى كۈتۈۋېلىش ـ يولغا سېلىشنى تەشكىللەش قاتارلىق ھالقىلاردىكى ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، نۆۋەتچى پويىزلارنى تەرتىپلىك، راۋان كۈتۈۋېلىش ـ يولغا سېلىشنى ئىشقا ئاشۇردى. 95306 «رەقەملىك پورت»، «قەغەزسىز تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش» سىستېمىسى تۈرى ۋە تۆمۈريولدا تاموژنىدىن تېز ئۆتكۈزۈش قاتارلىق كەسىپلەرنى زور كۈچ بىلەن يولغا قويۇپ، ئاقىل پورت بەرپا قىلىپ، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ۋاقتىنى بەش سائەت ئىچىدە بولۇشقا قىسقارتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، شىنجاڭ تۆمۈريول تارماقلىرى پورت ۋوگزالىنىڭ ئىقتىدارىنى كېڭەيتىش بويىچە ئۆزگەرتىشنى پائال ئالغا سىلجىتىپ، پورتنىڭ ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش ئىقتىدارىنى ئۆستۈردى. 9 ـ ئاينىڭ 29 ـ كۈنى، لەنجوۋ ـ شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ جىڭ ـ ئالاتاۋ بۆلىكىدە كۆپەيتىپ قۇرۇلغان 2 ـ لىنىيەدە ئومۇمىي لىنىيە بويىچە قاتناش باشلاندى. يۈك پويىزىنىڭ سۈرئىتىنى تېزلىتىش يولغا قويۇلۇپ، جىڭ ـ قورغاس تۆمۈريولىدا يۈك پويىزىنىڭ سائەتلىك يۈرۈش سۈرئىتى 80 كىلومېتىردىن 90 كىلومېتىرغا ئۆستۈرۈلدى، رايون بۆلىكىدە قاتنايدىغان يۈك پويىزى 23 جۈپتىن 24 جۈپكە كۆپەيتىلدى.
قورغاس تۆمۈريول پورتى جۇڭگو ـ ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزلىرىنى توشۇشقا تەشكىللەش تەرتىپىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ، قاچىلاش ـ چۈشۈرۈش ئۈنۈمىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈپ، نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ ۋوگزالدا توختاش ۋاقتىنى قىسقارتتى. بۇ يىلدىن بۇيان، بۇ پورتتا قاتنايدىغان نۆۋەتچى پويىزلارنىڭ قاتناش مىقدارى سىجىل ئېشىپ، كۈندىلىك ئوتتۇرىچە قاتناش مىقدارى 22دىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلىدى؛ ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش ئۈنۈمى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈلۈپ، ئوتتۇرىچە ھەر ئىككى سائەتتە چېگرادىن كىرگەن بىر نۆۋەتچى پويىزنىڭ ئالماشتۇرۇپ قاچىلاش مەشغۇلاتى تاماملاندى.