□شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى
دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ماددىي مەدەنىيلىكنىڭ جۇغلىنىشىغا موھتاج، مەنىۋى مەدەنىيلىكنىڭ يۈكسىلىشىگە تېخىمۇ موھتاج.
باش شۇجى شى جىنپىڭ چوڭقۇر قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: خەلقنىڭ مەنىۋى دۇنياسىنىڭ ئىنتايىن زور دەرىجىدە بېيىتىلىشى بولمىسا، مىللەتنىڭ مەنىۋى كۈچىنىڭ ئۈزلۈكسىز كۈچىيىشى بولمىسا، بىر دۆلەت، بىر مىللەتنىڭ دۇنيا مىللەتلىرى ئارىسىدا قەد كۆتۈرۈپ تۇرالىشى مۇمكىن ئەمەس.
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، سوتسىيالىستىك يادرولۇق قىممەت قارىشىنىڭ يېتەكچىلىك رولىنى كۈچەيتىپ، غايە - ئېتىقاد تەربىيەسى ۋە پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، خەلقنىڭ ئىدىيەۋى ئېڭى، ئەخلاق سەۋىيەسى، مەدەنىيلىك ساپاسىنى ئۈزلۈكسىز ئۆستۈرۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، تېخىمۇ كۆتۈرەڭگۈ روھىي قىياپەت ئارقىلىق يېڭى مۇساپىدە جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشنى كۈچلۈك مەنىۋى تىرەك بىلەن تەمىنلىدى.
غايە - ئېتىقاد چىڭىتىلىپ، سىجىل تۈردە ئاساس پۇختىلىنىپ قۇۋۋەت توپلاندى
مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى، تېگى - تەكتىدىن ئېيتقاندا ئادەمنىڭ ئىدىيە قۇرۇلۇشى، روھ قۇرۇلۇشى بولۇپ، دىققەت نۇقتىسى توغرا دۇنيا قاراش، كىشىلىك تۇرمۇش قارىشى، قىممەت قارىشىغا ئىگە سوتسىيالىزم قۇرغۇچىلىرىنى يېتىشتۈرۈش.
خەلقتە ئېتىقاد بولسا، دۆلەت قۇدرەت تاپىدۇ، مىللەت ئۈمىدكە تولىدۇ.
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتى مىللەتنىڭ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت مۇھىم ۋەزىپىنى ئۈستىگە ئالىدىغان دەۋر يېڭى كىشىلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى نەزەردە تۇتۇپ، ئۈزلۈكسىز تۈردە ئېتىقاد ئاساسىنى مۇستەھكەملەپ، مەنىۋى كالتسىينى يېتەرلىك تولۇقلاپ، ئىدىيە رولىنى چىڭ تۇتۇپ، غايە - ئېتىقاد چىرىغىنى خەلق ئاممىسىنىڭ قەلبىدە يورۇتتى.
ئىلمىي نەزەرىيەنى ئاممىبابلاشتۇرۇپ تارقىتىش، پارتىيەنىڭ گېپىنى ئاڭلاش، پارتىيەگە ئەگىشىپ مېڭىشتىكى ئېتىقاد ئاساسىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزدى −
بىر مىكروفون، بىر نەزەرىيە چۈشەندۈرگۈچىسى، جېجياڭ خاڭجوۋدىكى «ياشلارنى سۆزلەشكە تەكلىپ قىلىمىز . نەزەرىيەنى ئوچۇق چۈشەندۈرۈش بويىچە ئاساسىي قاتلام نەزەرىيە تەتقىقات لېكسىيەسى» پائالىيىتى نەق مەيدانىدا، ياشلار «پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى مەن سۆزلەي» باش تېمىسىنى چۆرىدەپ، ئوچۇق پىكىر بايان قىلدى، كەيپىيات ئادەتتىن تاشقىرى قىزغىن بولدى.
«ئوچۇق چۈشەندۈرۈش» شەكلى جېجياڭنىڭ نەزەرىيە لېكسىيەسى بويىچە ئۆلكە دەرىجىلىك قاتلىمىدىكى يېڭى ئىزدىنىش بولۇپ، ياشلار ياقتۇرىدىغان ناتىقلىق شەكلىنى نەزەرىيە تارقىتىشتا قوللىنىش ئارقىلىق، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنىڭ «ئادەتتىكى پۇقرالارنىڭ ئۆيىگە كىرىشى»گە تۈرتكە بولدى.
ئاممىغا يېقىن، جانلىق، جەلپ قىلىش كۈچىگە باي ئاممىباب سۆزلەرنى ئىشلەتكەندىلا، ئاندىن ئىلمىي نەزەرىيەنى ئاممىغا يەتكۈزىدىغان كۆۋرۈكنى بەرپا قىلغىلى بولىدۇ.
دەل باش شۇجى شى جىنپىڭ كۆرسىتىپ بەرگەندەك، پارتىيەنىڭ نەزەرىيەدە يېڭىلىق يارىتىشى ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىشى ئىنتايىن جانلىق بولدى، بىزنىڭ ئۆگىنىشىمىزمۇ جانلىق بولۇشى كېرەك.
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى سېپىدىكىلەر پۇقرالارنىڭ نەزەرى، پۇقرالارنىڭ سۆزى، پۇقرالارنىڭ ھېسسىياتى ئارقىلىق نەزەرىيەنىڭ ئامما بىلەن «نۆل ئارىلىق» «يۈزتۇرا» ئۇچرىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسىنى ئاممىنىڭ يېنىغا يەتكۈزۈشكە، پۇقرالارنىڭ قەلبىگە سىڭدۈرۈشكە تۈرتكە بولدى.
يېڭى دەۋر مەدەنىيلىكى ئەمەلىيەت مەركىزى (ئورنى، پونكىتى)گە تايىنىپ، شەندۇڭ زىبو «داۋلىنى بىلىش تار كوچىسى»، چۇڭچىڭ «كىچىك ھويلا دەرسخانىسى» قاتارلىق نەزەرىيە ئۆگىنىش پائالىيەتلىرى ئاممىنىڭ چوڭقۇر ئالقىشىغا ئېرىشتى؛ «80 - يىللار، 90 - يىللاردا تۇغۇلغانلار يېڭى دەۋر نەزەرىيە تەشۋىقات ئۆمىكى»، فۇدەن داشۆ «ئۇچقۇن» پارتىيە ئەزالىرى پىدائىيلار مۇلازىمەت ئەترىتى قاتارلىقلار «يېڭى ئىدىيە»نى تارقىتىپ، ئامما ئارىسىدا كۈچلۈك ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى؛ مەركەزدىكى ئاساسلىق تاراتقۇلار نۇقتىلىق سەھىپە ۋە يۇغۇرما تاراتقۇ مەھسۇلاتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، نەزەرىيەنى ئومۇملاشتۇرۇش دائىرىسىنى سىجىل كېڭەيتتى ...
ئىدىيە شانلىق نۇرى ئىلگىرىلەش يولىنى يورۇتتى، نەزەرىيە ئۆگىنىش قەلبلەرگە بىۋاسىتە يەتكۈزۈلدى.
پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلار تېخىمۇ ئاڭلىق ھالدا ئەسلىي ئەسەرنى ئوقۇپ، ئەسلىي تېكىستنى ئۆگىنىپ، قانۇنىيىتىنى ئۆزلەشتۈردى، نەزەرىيە تەشۋىقاتىدا «ياشلار ياشلارغا سۆزلەپ بەردى»، نەزەرىيە ئۆگىنىش كونسۇلتاتسىيە ئوقۇشلۇقى «دېھقانلار ياخشى كۆرىدىغان 100 خىل كىتاب» بازارلىق كىتابلار تىزىملىكىگە كىردى، پارتىيەنىڭ ياخشى ئاۋازى جەمئىيەتنىڭ كۈچلۈك ساداسىغا ئايلىنىپ، جۇڭخۇا زېمىنىدا ياڭرىدى.
قىزىل گېنغا ۋارىسلىق قىلىپ، مەنىۋى تومۇرنى داۋاملاشتۇرۇپ، داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەشتىكى كۈرەش قىزغىنلىقى تولۇق ئۇرغۇتۇلدى −
بۇ يىل 4 - ئاينىڭ 3 - كۈنى، «مىللەت قەھرىمانلىرىغا مەدھىيە ئوقۇش، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش» تەربىيە پائالىيىتىنىڭ باشلىنىش مۇراسىمى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى تارىخ كۆرگەزمىخانىسىدا ئۆتكۈزۈلدى، 1000غا يېقىن ئوقۇتقۇچى، ئوقۇغۇچى بۇ يەرگە كېلىپ، ھازىرقىغا نەزەر سېلىپ ئىلگىرىكىنى ئەسلەپ، پارتىيە تارىخىدىن يېڭى كۈچ قوبۇل قىلدى.
«بۈگۈنكى كۈندە بىز دەرسلىك كىتابتىن ئوقۇغان <غەلىبە> سانسىزلىغان كىشىلەرنىڭ ئىسسىق قېنى بەدىلىگە كەلگەن. ھەقىقىي ياد ئېتىمىز دەيدىكەنمىز ئۇلارنىڭ روھىنى ھەربىر كىشىنىڭ قەلبىدە ياشناتقۇزۇشىمىز كېرەك، بۇ، قەھرىمانلارنىڭ روھىغا بېرىلگەن ئەڭ ياخشى تەسەللى» دېدى بېيجىڭ دۇڭجىمېن ئوتتۇرا مەكتىپىنىڭ تولۇقسىز 2 - يىللىق ئوقۇغۇچىسى جاڭ خەنرېن.
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى روھى، داچىڭ روھى، ئالاھىدە رايون روھىدىن نامراتلىقتىن قۇتۇلدۇرۇش ئۆتكىلىگە ھۇجۇم قىلىش روھى، يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇش روھىغىچە، ئىككىنچى 100 يىللىق كۈرەش نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشىدىن ئىبارەت جۇڭگو ئارزۇسىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا قاراپ مەردانە ئىلگىرىلەشتە، جۇڭگو كوممۇنىستلىرىنىڭ مەنىۋى شەجەرىسى ئارقىلىق ئەقىل - پاراسەتنى قوزغىتىپ، پەزىلەتنى تاۋلاپ، «دۆلەتنى قۇدرەت تاپتۇرۇشتا مەن بار» دېگەن مەنىۋى شىفىرىنى يېشىشكە توغرا كېلىدۇ.
جۇڭگو روھىغا باي مۇنەۋۋەر ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى ئۈزلۈكسىز مەيدانغا كەلدى؛ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى 1 - قۇرۇلتىيى خاتىرە سارىيى، يەنئەن ئىنقىلابىي خاتىرە ئورنى ساياھەتچىلەر بىلەن لىق تولدى، ئېكسكۇرسىيە قىلغۇچىلار قىزىل مەدەنىيەت ئىچىدە ئىدىيەدە تاۋلىنىشنى ئاڭلىق قوبۇل قىلدى؛ «لېي فېڭدىن ئۆگىنىش . مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى ھەرىكىتىگە ئاتلىنىمەن» قاتارلىق باش تېمىلىق پائالىيەتلەر داۋاملىق قانات يايدۇرۇلۇپ، روھقا ۋارىسلىق قىلىش خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىشنىڭ كونكرېت ئەمەلىيىتىگە سىڭدۈرۈلدى.
جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مەدەنىيەت ئىشەنچى سىجىل كۈچەيتىلدى −
«سېتىۋالدىم، ھەقىقەتەن بەك چىرايلىق ئىكەن!» دۆلەت مۇزېيىدا ئەمدىلا سېتىۋالغان ئىككى دانە «سۇمۇرغ نەقىشى چۈشۈرۈلگەن تاج توڭلاتقۇ چاپلىقى»نى قولىدا تۇتۇپ تۇرغان ئېكسكۇرسىيەچى شياۋيۈەن ھاياجانلانغان ھالدا شۇنداق دېدى.
بۇ مەدەنىيەت ئىجادىيەت مەھسۇلاتىدا دۆلەت مۇزېيىدا ساقلىنىۋاتقان مەدەنىيەت يادىكارلىقى «مىڭ سۇلالىسىدىكى شياۋدۇەن خانىشنىڭ توققۇز ئەجدىھا، توققۇز سۇمۇرغ نەقىشى چۈشۈرۈلگەن تاج» لايىھەلەشتە ئەسلىي تىپ قىلىنغان بولۇپ، بازارغا سېلىنىشى بىلەنلا تېزدىن قالتىس بازىرى ئىتتىك مەھسۇلاتقا ئايلىنىپ، نۇرغۇن ساياھەتچىنى بەس - بەستە يىغىپ ساقلاشقا جەلپ قىلدى.
مەدەنىيەت ئىشەنچى مەدەنىيەت ئاساسىي گەۋدىلىك خاراكتېرىمىزدىن كەلگەن بولۇپ، بىزنىڭ جۇڭگو مەدەنىيىتى، تارىخى ۋە ئەنئەنىسىگە بولغان چىن قەلبىمىزدىكى قىزغىن مۇھەببىتىمىزدە ئىپادىلىنىدۇ.
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى سېپىدىكىلەر ئىجادىي ئايلاندۇرۇش، يېڭىلىق يارىتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشقا كۈچىدى، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى تېخىمۇ جانلىق شەكىللەر بىلەن تۇرمۇشقا سىڭىپ كىرىپ، بارغانسېرى كۆپ ياشنىڭ قىزغىن ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى.
2024 - يىلى پۈتۈن مەملىكەتتىكى مۇزېيلار كۈتۈۋالغان ئېكسكۇرسىيەچى 1 مىليارد 490 مىليون ئادەم قېتىم بولۇپ، بارغانسېرى كۆپ كىشى بۇ قېتىمقى سەپىرىنى ئەھمىيەتلىك سەپەر بولدى دەپ ھاياجانلاندى؛ كارتون فېلىم «نېجا 2» كىنو بېلەت كىرىمى رېكورتىنى قايتا - قايتا يېڭىلىدى، «قارا رىۋايەت: ۋۇكۇڭ» دۆلىتىمىزدە ئىشلەنگەن ئويۇنلارنىڭ سېتىلىش رېكورتىنى زور دەرىجىدە يېڭىلىدى، يېڭىدىن سېنارىيەلەشتۈرۈلگەن يۆجۈ تىياتىرى «يېڭى لۇڭمېن سارىيى» قاتارلىقلار سىجىل قىزغىن قويۇلۇپ، مەدەنىيەتنى قەلبتىن ئېتىراپ قىلىش كۈچلۈك تۇيغۇسىنى نامايان قىلدى.
باھار بايرىمى، يۈەنشياۋ بايرىمى، چىڭمىڭ بايرىمى، دۇەنۋۇ بايرىمى، چىشى بايرىمى، جۇڭچيۇ بايرىمى، چۇڭياڭ بايرىمى قاتارلىق ئەنئەنىۋى بايراملارنى چۆرىدەپ، «بىزنىڭ بايرىمىمىز» داڭلىق ماركا پائالىيىتى، «مەن مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى مەركىزىدە كاتتا بايرام ئۆتكۈزىمەن» قاتارلىق يۈرۈشلۈك پائالىيەتلەرنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ، ئەنئەنىۋى بايراملارنى ئاساسىي قاتلامدا جانلاندۇردى ...
مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى سېپىدىكىلەر كىشىلەر ياقتۇرىدىغان، ھەممە تەڭ بەھرىلىنىدىغان ئىپادىلەش ئۇسۇلى ئارقىلىق، جۇڭخۇا مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ پۇقرالارنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىغا سىڭىشىشىگە تۈرتكە بولدى. كىشىلەر مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چوڭقۇر يىلتىز تارتقۇزۇش داۋامىدا، زامان ۋە ماكاندىن ھالقىغان مەدەنىيلىك ساداسىغا قۇلاق سېلىپ، جۇڭخۇا مەدەنىيىتىنىڭ يېپيېڭى قىياپىتىنى ھېس قىلدى.
ئەخلاق ئېگىزلىكى بەرپا قىلىنىپ، ياخشىلىققا ئىنتىلىش كۈچى ئۇرغۇتۇلدى
2024 - يىلى 9 - ئاينىڭ 29 - كۈنى، پايتەخت بېيجىڭدا، دۆلەت ئوردېنى ۋە دۆلەت شەرىپى نامى بېرىش مۇراسىمى خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك زالىدا داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى. دۆلەت نامى بىلەن قەھرىمانلار تەقدىرلەندى، قالتىس تۆھپە قوشقانلارغا كۆرسىتىلىدىغان ئىززەت - ھۆرمەت بىلەن تۆھپىكارلارغا ئېھتىرام بىلدۈرۈلدى.
ھەربىر ئوردېن، مېدالغا ئۆچمەس تۆھپىلەر خاتىرىلىنىپ، يېڭى دەۋردىكى كۈرەش قىلغۇچىلارنىڭ ئالغا ئىلگىرىلەش قەدىمىگە ئىلھام بېرىلمەكتە.
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار تىپىك ئۈلگىلەرگە ئەھمىيەت بېرىپ، ئاۋانگارتلىق يۆنىلىشى تۇرغۇزۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنىڭ ئالىيجاناب پەزىلىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، يۈكسەك ئەخلاقنى تونۇش، ئومۇمىي ئەخلاققا رىئايە قىلىش، شەخسىي ئەخلاقنى چىڭىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، خەلقنىڭ ئەخلاق سەۋىيەسى ۋە مەدەنىيلىك ساپاسىنى ئۆستۈردى.
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى سېپىدە ئىلغار نەمۇنىچىلارنى تەقدىرلەش خىزمىتى سىجىل قانات يايدۇرۇلۇپ، پۈتكۈل جەمئىيەتتە ئەخلاق - پەزىلەتنى ئۇلۇغلاپ، ياخشىلىققا ئىنتىلىش، ئەخلاق - پەزىلەتلىك كىشىلەردىن ئۆگىنىش ئەخلاق - پەزىلەتنى ئەۋج ئالدۇرۇشتىن ئىبارەت جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇندى.
9 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى باھالاش، تەقدىرلەش پائالىيىتى باشلىنىپ، «ئەڭ گۈزەل شەخس»لەر، «دەۋر ئۈلگىلىرى»، «جۇڭگودىكى ياخشى ئادەملەر» سىجىل ئېلان قىلىندى، ئىش ئىزلىرى گەۋدىلىك، ئەخلاق پەزىلىتى ئالىيجاناب، جەمئىيەت ئېتىراپ قىلغان بىر تۈركۈم ئىلغار نەمۇنىچىلار كىشىلەر تەرىپىدىن تونۇلدى.
ئۈلگە كۆرگىلى بولىدىغان پەلسەپىۋى قائىدە، قەيەردە ئۈلگە بولسا، شۇ يەردە يېڭى كەيپىيات ئەۋج ئالىدۇ.
مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى سېپىدىكىلەر ئاساسىي قاتلام سەييارە لېكسىيەسى، ئاخبارات خەۋەرلىرى، ئاممىۋى پاراۋانلىق ئېلانى، ئەدەبىيات - سەنئەت ئەسەرلىرى قاتارلىق شەكىللەردىن پايدىلىنىپ، نەمۇنىچىلارنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرىنى تەشۋىق قىلدى؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىنى ئاساسىي قاتلامنىڭ بىرىنچى سېپىگە چوڭقۇر چۆكۈشكە تەكلىپ قىلىپ، ئۈلگىنىڭ كۈچى ئارقىلىق تېخىمۇ كۆپ كىشىنى جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەشكە يېتەكلىدى.
نەمۇنىچىلارنى ھۆرمەتلەپ، تېخىمۇ مۇھىمى نەمۇنىچىلارغا كۆيۈنۈپ، ئەخلاق ئۈلگىلىرىنى ئېرىشىش تۇيغۇسىغا ئىگە قىلىپ، ياخشى كىشىلەرگە ياخشى جاۋاب قايتۇرۇش كېرەك.
«سىز زور جەمئىيەت مەسئۇلىيىتىنى زىممىڭىزگە ئېلىپ، كۆپچىلىككە ئۈلگە ۋە نەمۇنە بولدىڭىز.» بۇ يىل 1 - ئاينىڭ 26 - كۈنى، ئەخلاق نەمۇنىچىلىرىدىن ھال سوراش گۇرۇپپىسى خەينەنگە كېلىپ، 5 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك ئەخلاق نەمۇنىچىسى ۋېن بىڭنى ئالايىتەن يوقلاپ ۋە ئۇنىڭدىن ھال سوراپ، ئۇنىڭدىن سەمىمىي ئەھۋال سورىدى ۋە بايراملىق بەخت تىلىدى.
كۆپ يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار ئىلغار نەمۇنىچىلارغا كۆيۈنۈش ھەرىكىتىنى سىجىل قانات يايدۇرۇپ، سىياسەت كاپالىتى، مەبلەغ مەدىتى، پىدائىيلار مۇلازىمىتى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، نەمۇنىچى شەخسلەرنىڭ ئەمەلىي قىيىنچىلىقىنى ھەل قىلىشقا ياردەم بەردى.
قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ۋەتىنىمىز كەلگۈسىنىڭ قۇرغۇچىلىرى، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرنىڭ ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىش ۋە ياخشىلاش دۆلەتنىڭ ئىستىقبالى ۋە تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك.
بۇ يىل 2 - ئاينىڭ 14 - كۈنى، خۇنەن ئۆلكىلىك مائارىپ نازارىتى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلغان «مەن ئىز باسار» 2025 - يىللىق ئەتىيازلىق ئوقۇش مەۋسۇمىدىكى «يېڭى ئوقۇش يىلىدا ئۇچرىشىپ بەختلىك كەلگۈسىگە يۈزلىنەيلى» دېگەن 1 - سائەتلىك دەرس تورغا چىقىرىلدى. دەرسخانىدا «مەن ۋە ئۆزۈم، ئائىلەمدىكىلەر، دوستلار، مەكتەپ، كەلگۈسى»دىن ئىبارەت بەش چوڭ بۆلەكنى چۆرىدەپ، جانلىق ھېكايە ۋە مىساللار ئارقىلىق بالىلار نىشاننى چىڭ كۆزلەش، قەلبىگە ئۈمىد ئۇرۇقىنى چېچىش، ساغلام ئۆسۈپ يېتىلىشكە يېتەكلەندى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، لياۋنىڭ، ئەنخۇي، فۇجيەن، يۈننەن، گەنسۇ، جياڭشى، ئىچكى موڭغۇل قاتارلىق جايلار مول مەزمۇنلۇق «ئوقۇش باشلانغاندىن كېيىنكى بىرىنچى سائەتلىك دەرس»نى بەس - بەستە تەشكىللەپ، يۈرۈشلۈك ئەخلاق تەربىيەسى پائالىيىتىنى مەيدانغا كەلتۈرۈپ، تۈرلۈك تەتقىقات - ئوقۇتۇش پائالىيەتلىرىنى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، قۇرامىغا يەتمىگەنلەرگە ۋەتەننىڭ گۈزەل مەنزىرىسى، مىللەتنىڭ ئۇزاق تارىخى، ئېسىل ئىنقىلابىي ئەنئەنە ۋە يېڭى دەۋردىكى ئۇلۇغ مۇۋەپپەقىيەتلەرنى تولۇق ھېس قىلدۇرۇش داۋامىدا ئۇلارنىڭ ئەخلاق قارىشىنى كۈچەيتتى.
شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن مەملىكەتتە «يېڭى دەۋردىكى ياخشى ئۆسمۈر»لەرنىڭ ئىلغار ئىش ئىزلىرى سىجىل ئېلان قىلىنىپ، ئۆسمۈرلەر ۋە بالىلارنىڭ ئەتراپىدا يۈزبەرگەن تەسىرلىك ھېكايىلەرنى چوڭقۇر قېزىش، كۆپ نۇقتىدىن نامايان قىلىش ئارقىلىق، قۇرامىغا يەتمىگەنلەر ئارىسىدا ئىلغارلاردىن ئۆگىنىش، ئىلغارلاردىن بولۇش قويۇق كەيپىياتى يارىتىلدى.
مەنىۋى تۈۋرۈك تىكلەندى، قىممەت ئۈلگىسى تۇرغۇزۇلدى، دەۋر يېڭى كىشىلىرى يېتىشتۈرۈلدى.
«ئوخشاش بولمىغان ساھە، ئوخشاش بولمىغان توپنىڭ ھەممىسىدە ئۆگىنىشتە ئۈلگە بولۇش، ھەرىكەتتە نەمۇنە بولۇش ئىشقا ئاشۇرۇلۇپ، ئەخلاق - پەزىلەتلىك كىشىلەردىن ئۆگىنىش، ئىلغارلاردىن بولۇشقا تىرىشىشتەك جانلىق ۋەزىيەتنى شەكىللەندۈرۈش كېرەك»، «كۆڭۈل بۆلۈش، كۆيۈنۈش، غەمخورلۇق قىلىش مېخانىزمىنى ئورنىتىپ ۋە تاكامۇللاشتۇرۇپ، ئىلغار شەخسلەر ۋە قەھرىمان نەمۇنىچىلارنىڭ شان - شەرىپى ۋە ئوبرازىنى قوغداش كېرەك.» «يېڭى دەۋر پۇقرالار ئەخلاق قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش پىروگراممىسى»دا ئوتتۇرىغا قويۇلغان مەنزىل قەدەممۇقەدەم رېئاللىققا ئايلانماقتا.
مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، خەلق تۇرمۇشى بەخت - سائادىتى ئاشۇرۇلدى
جېجياڭ ئۆلكىسى نىڭبو شەھىرى بېيلۇن رايونى شىڭياڭ كۆكتات بازىرىغا كىرگىنىمىزدە، يوللار ئازادە، يورۇق، يايما ئورۇنلىرى ناھايىتى تەرتىپلىك ئىدى. كۆكتات سېتىۋالغىلى كەلگەن خېرىدارلار مۇنداق دېدى: كۆكتات سېتىۋېلىش تەسىراتىمىز ياخشىلاندى، تۇرمۇشىمىزنىڭ بەخت كۆرسەتكۈچىمۇ ئاشتى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، نىڭبو شەھىرى كۆپلىگەن «ئەڭ گۈزەل مەكتەپكە بېرىش يولى» «خاتىرجەم كۆكتات بازىرى يولى»نى بەرپا قىلىپ، تۈرلۈك «كىچىك كونا» رايونلارغا قارىتا شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، مىكرو ئۆزگەرتىش، مىكرو ئۆستۈرۈشنى قانات يايدۇرۇپ، پۇقرالارنىڭ ھەقىقىي ئېرىشىش تۇيغۇسى ئارقىلىق مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىنىڭ يەنە يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى.
خەلق شەھىرىنى خەلق قۇرىدۇ، خەلق شەھىرى خەلق ئۈچۈن خىزمەت قىلىدۇ.
ئالاقىدار تارماقلار بىرلىكتە «مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش داۋامىدا مەدەنىيەت مىراسلىرىنى قوغداش ۋە ئۇنىڭغا ۋارىسلىق قىلىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىش توغرىسىدىكى خىزمەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئامما ئالدىنى ئېلىش، ئامما قوغداش، قوغداشقا تېگىشلىكلىرىنى تولۇق قوغداشتىن ئىبارەت ئىجتىمائىيلاشقان تور بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولدى.
بېيجىڭ شەھىرى «مەدەنىي ھەرىكەتنى ئىلگىرى سۈرۈش نىزامى» ۋە ئالاقىدار قانۇن - نىزاملارنىڭ يولغا قويۇلۇش ئەھۋالىنى چۆرىدەپ پىكىر - تەكلىپلەرنى ئەستايىدىل ئاڭلىدى؛ شاڭخەي شەھىرى «خەلق شەھىرى، مەدەنىي سالاپەت» باش تېما پائالىيىتىنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇردى، مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنى ئالغا سىلجىتىش، ئەمەلىيلەشتۈرۈش بويىچە خەلق ئۈچۈن قىلىنغان ئەمەلىي ئىش 1600دىن ئاشتى؛ شىنجاڭ ئەدەبىيات - سەنئەت تەشۋىقات شۆبە ئەترىتى تەشكىللەپ قۇرۇپ، «مەدەنىي ئەمەلىيەت چوڭ بازىرى» قاتارلىق خاس پائالىيەت داڭلىق ماركىلىرىنى يارىتىپ، مەدەنىيەت مۇلازىمىتىنى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئەتراپىغا يەتكۈزدى؛ تيەنجىن شەھىرى جىننەن رايونى مەدەنىي ئەمەلىيەت بازىسى سېپى بەرپا قىلىپ، تۇرمۇشلاشتۇرۇش، كۆرۈنۈشلەشتۈرۈش ئۇسۇلى ئارقىلىق ئۈن - تىنسىز تەسىر كۆرسىتىپ يېڭى ئىستىل يېتىلدۈردى؛ جياڭسۇ ئۆلكىسى نەنتۇڭ شەھىرى بىر قولدا دائىملىق تەربىيەلەش ۋە يېتەكلەشنى تۇتۇپ، بىر قولدا تەپسىلات خاراكتېرلىك ئاشكارىلاش، جازالاشنى تۇتۇپ، شەھەر ئاھالىلىرىنى مەدەنىي ئادەت يېتىلدۈرۈشكە يېتەكلىدى؛ سىچۇەن، چۇڭچىڭ سىچۇەن - چۇڭچىڭ مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى «بىر كارىدور، تۆت بەلباغ»نى بەرپا قىلىپ، قالتىس نامايان قىلىنغان مەدەنىيەت پائالىيىتى ۋە پىدائىيلار مۇلازىمىتى ئارقىلىق ئاممىغا مەنپەئەت يەتكۈزدى ...
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، مەملىكەتلىك مەدەنىي شەھەر بەرپا قىلىش خىزمىتىدە باشتىن - ئاخىر بەرپا قىلىش خەلق ئۈچۈن بولۇش، بەرپا قىلىشتا خەلققە مەنپەئەت يەتكۈزۈش، بەرپا قىلىشتا خەلققە تايىنىش، تېخىمۇ دائىملىق، ئۇزاق ئۈنۈملۈك، ئەمەلىيەتچىل بولۇش - ئەمەلىي بولۇشنى كۆزلەپ، ھەم شەھەرنىڭ تاشقى ئوبرازىنى گۈزەللەشتۈردى، ھەم پۇقرالارنىڭ تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈردى.
مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش شەھەرگە كۈچ قوشۇش بىلەن بىللە، يېزا - كەنتلەرنىڭ كونا قىياپىتىنى يېڭىلىدى.
بۇ يىل 3 - ئايدا، بىر خۇش خەۋەر خۇاڭخۇ كەنتىدىكى كەنت ئاھالىلىرىنىڭ دوستلار چەمبىرىكىنى «قاپلىدى»: 7 - نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك مەدەنىي كەنت - بازارلارغا نام بېرىش تىزىملىكى ئېلان قىلىنغاندا، بۇ كەنت تىزىملىككە كىرگۈزۈلدى. خۇاڭخۇ كەنتى خۇبېي ئۆلكىسى ۋۇخەن شەھىرىنىڭ شەھەر ئەتراپى رايونىغا جايلاشقان بولۇپ، يېقىنقى يىللاردىن بۇيان مەدەنىيەت ئىجادىيەت كەسپىنى تەدرىجىي تەرەققىي قىلدۇردى.
« ھازىر چامباشچىلىق، چاي سەنئىتى، ساپال سەنئىتى قاتارلىق 20 خىزمەت ئىشخانىسىنى ماكانلىشىشقا جەلپ قىلىپ، 22 ئائىلىلىك دېھقاننىڭ بىكار تۇرغان ئۆيىنى جانلاندۇردۇق.» خۇاڭخۇ كەنتى كەنت ئاھالە كومىتېتىنىڭ مۇدىرى ياڭ بو مۇنداق دېدى: ساياھەتچىلەرنىڭ كېلىشى ئائىلىۋى مېھمانخانىلارنىڭ مېھمان بىلەن تولۇشى، يېمەك - ئىچمەك ئىستېمالىنىڭ جانلىنىشى، مەھسۇلاتلارنىڭ سېتىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، ئەتراپتىكى دېھقانلارنىڭ ئىشقا ئورۇنلىشىش مەسىلىسىنى ھەل قىلدى، كىشى بېشىغا ھەر يىلى 20 مىڭ يۈەن كىرىم يارىتالايدۇ.
خۇاڭخۇ كەنتىدىن گۇيجوۋنىڭ سۈيياڭ ناھىيەسى شياۋگۈەن يېزىسى شياۋگۈەن كەنتىگىچە، خېبېينىڭ جېڭدىڭ ناھىيەسى جېڭدىڭ بازىرىدىن خەينەننىڭ ۋېنچاڭ شەھىرى لۇڭلۇ بازىرىغىچە، زور بىر تۈركۈم كەنت - بازارلار مەدەنىيلىك بەرپا قىلىشنى ۋاسىتە قىلىپ، خاس كەسىپلەر جۇش ئۇرۇپ راۋاجلىنىشى، كەنت ئاھالىلىرى تۇرمۇشىنىڭ كۈندىن - كۈنگە ياخشىلىنىشى، كەنت قىياپىتىنىڭ يېڭى تۈسكە كىرىشىگە تۈرتكە بولۇپ، مەنزىرىسى گۈزەل، خەلقى باياشات، مەدەنىي، ئىناق گۈللىنىش يولىدا ماڭدى.
مەدەنىي ئورۇن كەسىپ مەدەنىيلىكىنىڭ ئىلگىرى سۈرگۈچىسى، شۇنداقلا جەمئىيەت مەدەنىيلىكنىڭ كاتالىزاتورى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار كەسىپلەرگە بولغان يېتەكچىلىكنى ھەقىقىي كۈچەيتىپ، مەملىكەت بويىچە زور بىر تۈركۈم مەدەنىي ئورۇنلارنى بەرپا قىلىش ئارقىلىق ئىشلارنىڭ تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىيات ئارقىلىق كەسىپ بايرىقىنى تىكلەپ، كەسىپنىڭ «مەدەنىيلىك ئۈلگىسى»گە ئايلاندى، ئىش ئورنىنى سۆيۈپ، كەسىپنى قەدىرلەش، تىرىشىپ بىرىنچى قاتاردا تۇرۇش، گۈزەللىكنى بىرلىكتە يارىتىشقا تۈرتكە بولىدىغان كەسىپ يېڭى ئىستىلى جۇڭخۇا زېمىنىنى قاپلىدى.
ئائىلە ئىستىلى جەمئىيەت كەيپىياتىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى، ئائىلىلەر مەدەنىي بولسا جەمئىيەت مەدەنىي بولىدۇ.
ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار مەدەنىي ئائىلە بەرپا قىلىشنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇشنى تۇتقا قىلىپ، بەرپا قىلىش پىكىر يولى، تەدبىرلىرىنى ئەلالاشتۇرۇپ، سىياسەت يېتەكچىلىكى، كۆرسەتكۈچ سىستېمىسى قاتارلىق جەھەتلەردە باشقا ئاممىۋى خاراكتېرلىك مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيەتلىرى بىلەن يۇغۇرۇپ، يۈرۈشلەشتۈرۈپ، بىر - بىرىنى ئىلگىرى سۈردى.
ياش، ئوتتۇرا ياش ئائىلە ئەزالىرىنىڭ خىزمەت بېسىمى زور بولۇش، ئائىلە يۈكى ئېغىر بولۇش مەسىلىسىگە قارىتا، غەمخورلۇق قىلىش، يار - يۆلەك بولۇشنى كۈچەيتىپ، پەرزەنتلىرىنى تەربىيەلەش، ياشانغانلارنى ئائىلىدە كۈتۈش قاتارلىق «ئالدىراۋاتقان، قىينىلىۋاتقان، غەم قىلىۋاتقان، ئارزۇ قىلىۋاتقان» مەسىلىلەرنى ھەل قىلىشقا ياردەم بېرىپ، بەرپا قىلىش خىزمىتىنى ئاممىغا تېخىمۇ يېقىن قىلدى، خەلق رايىغا تېخىمۇ يېقىنلاشتۇردى.
خېنەن، جىلىن، سەنشى، شەنشى، خېيلۇڭجياڭ، چىڭخەي، نىڭشيا قاتارلىق جايلار مەدەنىي ئائىلە بەرپا قىلىش مەھەللە سۇپىسى قۇرۇپ، مەدەنىي ئولتۇراق رايون، مەدەنىي بىنا - قورۇ بەرپا قىلىش بىلەن بىرلەشتۈرۈپ، كىشىلەرنى ئائىلىسىنىڭ بەختىنى كۆزلەش، باشقىلارغا ئىللىقلىق يەتكۈزۈش جەريانىدا مەنىۋى مەنزىلىنى يۈكسەلدۈرۈشكە يېتەكلىدى.
مەكتەپ − مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدىكى مۇھىم بازا، مەدەنىي مەكتەپ بەرپا قىلىش ياش - ئۆسمۈرلەرنىڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى تۇنجى تۈگمىسىنى ياخشى ئېتىشىگە مۇناسىۋەتلىك.
مەملىكەت بويىچە مەدەنىي مەكتەپ بەرپا قىلىش جەريانىدا، ئالىي، ئوتتۇرا، باشلانغۇچ مەكتەپلەر «ئىدىيە - ئەخلاق قۇرۇلۇشى ياخشى بولۇش، رەھبەرلىك بەنزىسى قۇرۇلۇشى ياخشى بولۇش، ئوقۇتقۇچىلار قوشۇنى قۇرۇلۇشى ياخشى بولۇش، مەكتەپ مەدەنىيىتى قۇرۇلۇشى ياخشى بولۇش، گۈزەل مۇھىت قۇرۇلۇشى ياخشى بولۇش، پائالىيەت بازىسى قۇرۇلۇشى ياخشى بولۇش»تىن ئىبارەت بەرپا قىلىش ئۆلچىمىگە توغرىلىنىپ، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىيەت ئارقىلىق ئوزۇقلاندۇرۇش، ئەمەلىيەت ئارقىلىق ئادەم تەربىيەلەش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈردى.
باشتىن - ئاخىر خەلق تۇرمۇشى بەخت سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى چىقىش نۇقتىسى قىلىپ، مەدەنىي شەھەر، مەدەنىي كەنت - بازار، مەدەنىي ئورۇن، مەدەنىي ئائىلە، مەدەنىي مەكتەپتىن ئىبارەت «بەش چوڭ بەرپا قىلىش»تىكى باھالاش ئۆلچىمى بارغانسېرى مۇكەممەللەشتى.
2023 - يىلىدىن بۇيان، مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش خىزمىتى «ئورۇقلىتىش، يۈكنى يېنىكلىتىش، ئۆلچەشنى ئازايتىش، كاشىلىنى ئازايتىش، شاۋقۇننى پەسەيتىش، سۈپەتنى ئۆستۈرۈش» پىكىر يولى بويىچە، تۈزۈم لايىھەسى، كۆرسەتكۈچ تەسىس قىلىش، باھالاش ئۇسۇلى، بېكىتىش چارىسى قاتارلىق جەھەتلەردە ئومۇميۈزلۈك ياخشىلاش ئېلىپ بېرىپ، ھەم بەرپا قىلىش نەتىجىلىرىنى ھېس قىلغىلى، مەنپەئەتلەنگىلى بولىدىغان قىلدى، ھەم باھالاش خىزمىتىدە تەسىرنى ئازايتىش، كاشىلىسىز قىلىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
بۈگۈنكى كۈندە، ئامما ئوتتۇرىغا قويغان پىكىرلەرنى ئاڭلايدىغان، ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى مەسىلىلەرنى باشقۇرىدىغان ئادەم بار بولدى، ئاممىنىڭ جەمئىيەتنى ئىدارە قىلىشقا قاتنىشىش ئاكتىپلىقى ئۈزلۈكسىز ئاشتى. پۇقرالارنىڭ چېھرىدىكى تەبەسسۇم ئاممىۋى مەنىۋى مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش پائالىيىتى نەتىجىسىنىڭ ئىللىق ئىزاھاتىغا ئايلاندى.
دەۋر يېڭى ئىستىلى ئەۋج ئالدۇرۇلۇپ، مەدەنىي ئادەت يېتىلدۈرۈلدى
سوۋغاتلىق پۇل «تۇغۇلغان كۈن خالتىسى»غا ئۆزگەرتىلىپ، ئىچىگە 20 يۈەن پۇل ۋە ۋەزنى ئېغىر گۈرۈچ سېلىنىپ كۆڭۈل ئىزھار قىلىندى؛ قورۇما تۈرلىرى بىرلىككە كەلتۈرۈلۈپ، مىقدارى مۇۋاپىق ئازايتىلدى، بىر ئۈستەلگە ئالتىدىن سەككىزگىچە قورۇما چىقىرىلىدىغان بولدى... يېقىندا گۇاڭشى بەيسې شەھىرى تيەندۇڭ ناھىيەسى شياڭجوۋ بازىرى موفەن كەنتىنىڭ كەنت ئاھالىسى لۇ شۆچاۋنىڭ 61 ياشقا كىرگەن تۇغۇلغان كۈنى ئاددىي - ساددا ھەم داغدۇغىلىق ئۆتكۈزۈلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، گۇاڭشى «توي ۋە ئۆلۈم ئىشلىرى»نى تېجەشلىك ئۆتكۈزۈش، ئاددىي ئۆتكۈزۈشنى باشلىنىش نۇقتىسى قىلىپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، بېجىرىش كۆلىمى، زىياپەت ئۆلچىمى، مۇلازىمەت قوشۇنى، سوۋغاتلىق پۇلنىڭ يۇقىرى چېكى، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى بىرلىككە كەلتۈرۈپ، ئاممىنى تولۇق ئاساسقا ئىگە قىلدى؛ گۇاڭدۇڭ «توي ئىشلىرىدا بىر ئىستاكان چاي، ئۆلۈم ئىشلىرىدا بىر قاچا ئۇماچ» بولۇشنى تەشەببۇس قىلدى، توينى يېڭىچە ئۆتكۈزۈش، دەپنە ئىشلىرىنى ئاددىي ئۆتكۈزۈش، ئارتۇقچە مۇراسىملارنى ئۆتكۈزمەسلىك تەدرىجىي يېڭى كەيپىياتقا ئايلاندى... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ھەرقايسى جايلاردا «توي ۋە ئۆلۈم ئىشلىرى» ئارقا - ئارقىدىن «ئورۇقلىدى»، مەدەنىي يېڭى كەيپىيات ئىناق، گۈزەل يېزا - كەنتلەرنى تېخىمۇ جەزبىدارلىققا ئىگە قىلدى.
يېزا - كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشتە ھەم خاسلىق يارىتىش، ھەم روھنى تاۋلاش كېرەك. كونا ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى ئالغا سىلجىتىش دەل «روھنى تاۋلاش»نىڭ ئىچكى تەلىپى.
پارتىيە 20 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، ئالاقىدار تارماقلار ھەرقايسى جايلارنىڭ كونا ئۆرپ - ئادەتلەرنى ئۆزگەرتىشنى يېزا - كەنتلەرنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسىغا سىڭدۈرۈشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، دىققەتنى «يۇقىرى سوممىلىق تويلۇق» «ھەشەمەتلىك دەپنە قىلىش» «قارتا بىلەن قىمار ئويناش» «فېئودال خۇراپاتلىق» قاتارلىق مەسىلىلەرگە مەركەزلەشتۈرۈپ، توي ۋە ئۆلۈم ئىشلىرى كېڭىشى، ئەخلاق باھالاش يىغىنى، كەنت ئاھالىلىرى كېڭىشى ۋە زەھەر چەكلەش، قىمار چەكلەش يىغىنى قاتارلىق ئامما ئۆزى باشقۇرۇش تەشكىلاتلىرىنى قۇرۇپ، تاكامۇللاشتۇرۇپ، كەنت قائىدىسى، خەلق ئەھدىنامىسىگە تۈزىتىش كىرگۈزۈپ، يېزا ئىستىلى مەدەنىيلىكىدە يېڭى كەيپىياتنىڭ جۇش ئۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى.
يۇقىرى سوممىلىق تويلۇق، ئادەمگەرچىلىك جەھەتتە بەسلىشىش قاتارلىق كونا قائىدە - يوسۇن، ناچار ئىللەتلەرنى چەكلەشنىڭ ئارقىسىدا، مەدەنىي يېڭى ئىستىل كۈندىلىك تۇرمۇشقا ئۈن - تىنسىز سىڭىشىپ، يۇرتداشلارنىڭ قىممەت يۆنىلىشى ۋە ھەرىكەت مىزانىغا ئايلانماقتا.
ئىقتىسادچىل - تېجەشلىك بولۇشتا چىڭ تۇرۇلۇپ، يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇلۇپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقىنىڭ يېڭى دەۋردىكى يېڭى سەھىپىسى داۋاملىق پۈتۈلدى.
2024 - يىلى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئاشلىق تېجەش ۋە يېمەكلىك ئىسراپچىلىقىغا قارشى تۇرۇش ھەرىكەت لايىھەسى»نى بېسىپ تارقىتىپ، ئاشلىق ۋە يېمەكلىك تېجەشنىڭ ھەقىقىي ئەسقاتىدىغان ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمىنى شەكىللەندۈرۈشنى تېزلەتتى.
گۈرۈچ دانىسى گەرچە كىچىك بولسىمۇ، ئۇنىڭدا ئەنئەنىۋى گۈزەل ئەخلاقنىڭ شانلىق نۇرى جىلۋىلىنىپ تۇرىدۇ؛ تېجەشلىك بولۇش ئىنتايىن مۇھىم، ئۇ ھازىرقى زامان جۇڭگونىڭ ياخشى كەيپىياتىنى ئەكس ئەتتۈرىدۇ.
شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش قۇرۇلۇش بىڭتۇەنى كادىرلار ۋە ئاممىنى «ئاشلىق تېجەش» باش تېمىسىدىكى لېكسىيە سۆزلەش يىغىنىنى قانات يايدۇرۇشقا تەشكىللەپ، پېشقەدەم بوز يەر ئۆزلەشتۈرۈش جەڭچىلىرىنىڭ بوز يەر ئېچىش، ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ھېكايىسى ئارقىلىق كۆپچىلىككە ئىسراپچىلىقنى ئازايتىش توغرىسىدا تەربىيە بەردى؛ شىزاڭ لاسا يېمەك - ئىچمەك ئىسراپچىلىقىنى توسۇش «قىزىل - قارا تىزىملىك» تۈزۈمىنى ئورنىتىپ، نازارەت قىلىش - تەكشۈرۈشنى قەرەللىك قانات يايدۇردى... سىجىل تىرىشىش ۋە ئومۇمىي خەلق قاتنىشىش ئارقىلىق، تېجەشلىك بولۇشنى تەشەببۇس قىلىدىغان جەمئىيەت كەيپىياتى تېخىمۇ قويۇقلاشتى.
«يېرىم باھالىق قورۇمىلار، ئاز مىقدارلىق قورۇمىلارنى تېخىمۇ ماس كېلىدۇ دەپ تەۋسىيە قىلىش» «ئېشىپ قالغان قورۇما - تاماقلارنى ئوراپ ئېلىپ كېتىشكە بولىدۇ»، بۈگۈنكى كۈندە ئاشخانا، تاماقخانىلاردىكى دىيالوگلاردا ئىدىيەدىكى ئۆزگىرىش ئەكس ئېتىپ، تېجەشلىك بولۇشتىن ئىبارەت يېڭى «يېمەكلىك مودىسى» ئاممىنىڭ تۇرمۇشىغا چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىپ، يېمەك - ئىچمەك تىجارەتچىلىرى ۋە ئىستېمالچىلارنىڭ ئورتاق تونۇشىغا ئايلانماقتا.
«سەمىمىيلىك تەبىئىي قانۇنىيەت؛ سەمىمىيلىككە ئىنتىلىش ئادەم بولۇشنىڭ يولى.» ياخشى ئىناۋەت مۇھىتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشىدا بولۇشقا تېگىشلىك مۇھىم مەزمۇن.
مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭى، گوۋۇيۈەن بەنگۇڭتىڭى «ئىجتىمائىي ئىناۋەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇش توغرىسىدىكى پىكىر»نى بېسىپ تارقىتىپ، «سەمىمىيەت مەدەنىيىتىنى ئەۋج ئالدۇرۇپ، سەمىمىيەت تەربىيەسىنى ئومۇملاشتۇرۇش» «لەۋزىدە تۇرىدىغان، ۋەدىسىگە ئەمەل قىلىدىغان ياخشى جەمئىيەت كەيپىياتىنى شەكىللەندۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش» قاتارلىق مۇھىم ئورۇنلاشتۇرمىلارنى ئوتتۇرىغا قويدى.
«سەمىمىيەت يۇلتۇزى»نى سىجىل باھالاش، «سودىنى سەمىمىيەت ئارقىلىق گۈللەندۈرۈش تەشۋىقات ئېيى» قاتارلىق پائالىيەتلەرنى قانات يايدۇرۇشتىن ئاخبارات تاراتقۇلىرى ئارقىلىق ئاممىۋى پىكىر نازارەتچىلىكى ئېلىپ بېرىپ، ئېغىر دەرىجىدە لەۋزىدە تۇرماسلىق قىلمىشلىرىنى ئاشكارىلاش سالمىقىنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە زورايتىشقىچە، يەنە ھەرقايسى جايلاردا «سەمىمىيەت جۇغلانما نومۇرى» «سەمىمىيەت ئارخىپى» تەسىس قىلىپ، «سەمىمىيەت تەربىيەسى بازىسى» «سەمىمىيەت باش تېما باغچىسى» بەرپا قىلىشقىچە، «ئىناۋەتنى چۈشىنىش، ئىناۋەت بويىچە ئىش كۆرۈش، لەۋزىدە تۇرۇش»تىن ئىبارەت جەمئىيەت كەيپىياتى شەكىللەنمەكتە.
تور مەدەنىيلىكى يېڭى ۋەزىيەتتىكى جەمئىيەت مەدەنىيلىكىنىڭ مۇھىم مەزمۇنى.
ھەر يىلى جۇڭگو تور مەدەنىيلىكى يىغىنى، دۇنيا ئالاقە تورى يىغىنى ۋۇجېن باشلىقلار يىغىنى ئۆتكۈزۈلۈپ، «يېڭى دەۋر تور مەدەنىيلىكى ئومۇمىي مەنپەئەتدارلىق ئېلانى» بويىچە ئەسەر قوبۇل قىلىش، كۆرگەزمە قىلىش پائالىيىتى ئۇدا يولغا قويۇلۇپ، «تورنى ساپلاشتۇرۇش» يۈرۈشلۈك مەخسۇس ھەرىكىتى قانات يايدۇرۇلۇپ، «ئۆز تاراتقۇ»لارنىڭ ئەخلاق تۆۋەن چېكىنى قايرىپ قويۇپ ئېقىم قوغلىشىش ئەھۋالى، تور بىۋاسىتە كۆرسىتىش ساھەسىدىكى ساختا ۋە چاكىنا، قالايمىقان ھادىسىلەر تۈزىتىلدى... ئالغا باسىدىغان، ياخشىلىققا ئىنتىلىدىغان تور مەدەنىيىتى كۈنسېرى زورايدى. مەدەنىي يېڭى ئىستىل سىجىل ئەۋج ئېلىپ، مەدەنىي ئادەتلەر ئۈزلۈكسىز يېتىلدۈرۈلدى.
بۈگۈنكى كۈندە، مەدەنىيەت يادىكارلىقلىرىغا چېقىلىش، قالايمىقان سىزىش - بوياش قاتارلىق قىلمىشلار تەدرىجىي ئازايدى، مەدەنىي ساياھەت قىلىش ئېغىزدىكى شوئاردىلا توختاپ قالمىدى؛ ئاپتوموبىللار پىيادىلەرگە يول بېرىش ئورتاق تونۇشقا ئايلاندى، قاتناش مەدەنىيلىكى تىنچ - ئامان سەپەرگە چىقىشقا كۈچ قوشتى؛ تاماشىبىنلار ئورنىدا «ئالقىش سادالىرى تىل - ئاھانەتنىڭ ئورنىنى ئالدى»، مەدەنىي مۇسابىقە كۆرۈش ئالقىش سادالىرىغا تېخىمۇ كۈچلۈك تۈس قوشتى؛ تور زوراۋانلىقى، پىتنە - ئىغۋا تارقىتىش كىشىلەرنى بىزار قىلدى، يۈز مىليونلىغان تور ئەھلىنىڭ مەنىۋى ماكانى تېخىمۇ ساپلاشتى...
مەدەنىيلىك بارغانسېرى بىر خىل ئادەتكە ئايلىنىپ، ئىنچىكە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، كىچىك ھالقىلارغىچە ئەمەلىيلەشتۈرۈش، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈش جەريانىدا كونكرېت ھەم كىچىك بولغان ئاددىي ئەمەلىيەتكە ئايلىنىپ، ئاددىيلىق ئىچىدىكى ئاجايىپ كۈچنى ئۈزلۈكسىز نامايان قىلدى.
يېڭى سەپەرگە ئاتلاندۇق، يەلكەن چىقىرىپ يەنە يولغا چىقتۇق.
پارتىيە 20 - نۆۋەتلىك مەركىزىي كومىتېتى 3 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ «قارارى»دا مەدەنىيەت تۈزۈلمە - مېخانىزم ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا زور ئورۇنلاشتۇرمىلار ئوتتۇرىغا قويۇلۇپ، غايە - ئېتىقاد تەربىيەسىنى دائىملاشتۇرۇش - تۈزۈملەشتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇش، مەدەنىيلىك يېتىلدۈرۈش، مەدەنىيلىك ئەمەلىيىتى، مەدەنىيلىك بەرپا قىلىش خىزمەت مېخانىزمىنى ياخشىلاش ۋە ئۇنىڭدا يېڭىلىق يارىتىش، مەدەنىي يېزا ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش قاتارلىق خىزمەتلەرگە قارىتا يېڭى تەلەپلەر قويۇلدى.
كەلگۈسىگە يۈزلەنگىنىمىزدە، مەنىۋى مەدەنىيلىك قۇرۇلۇشى خىزمىتى مۇقەررەر يېڭى كەيپىيات، يېڭى نەتىجە ئارقىلىق يېڭى پەللىگە كۆتۈرۈلۈپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈشنى تېخىمۇ قۇدرەتلىك مەنىۋى كۈچ بىلەن تەمىنلەيدۇ.
(شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى تېلېگراممىسى)