□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ
5 - ئاينىڭ 23 - كۈنى، ئۈرۈمچىدە، دىققەت خەلقئارا تارقىتىش ۋە رايون ھەمكارلىقىغا مەركەزلەشكەن بىر مەيدان كاتتا يىغىن باشلىنىش ئالدىدا تۇراتتى.
«گۈزەل ماكاننى ئورتاق قۇرۇپ، گۈللەنگەن كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش»نى باش تېما قىلغان 2025 - يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاراتقۇلار ھەمكارلىق مۇنبىرى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر، كۆزەتكۈچى دۆلەتلەر ۋە سۆھبەتلىشىش ھەمراھلىرىدىن جەمئىي 26 دۆلەتتىكى 300دىن ئارتۇق ئاساسىي ئېقىم تاراتقۇلار ۋەكىلى، ئالاقىدار تارماقلارنىڭ مەسئۇللىرى، مۇتەخەسسىس، ئالىملار ۋە كارخانا ۋەكىللىرىنى بىر يەرگە جەم بولۇشقا جەلپ قىلدى، تاراتقۇلار ھەمكارلىق چوڭ پىلانى ئۈستىدە ئورتاق كېڭەشتى، رايون تەرەققىياتىنىڭ كەلگۈسى توغرىسىدا ئورتاق سۆزلەشتى.
شىنجاڭ قانداق قىلىپ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى رامكىسى ئىچىدە خەلقئارا تارقىتىشنىڭ مۇھىم سەھنىسىگە ئايلاندى؟ بۇ قېتىمقى مۇنبەرنىڭ ئارقىسىدا ھەم شىنجاڭنىڭ ئوچۇق تەرەققىياتىنىڭ مۇقەررەر تاللىشى بار، ھەم جۇڭگونىڭ رايون ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشتىكى ئاچقۇچلۇق ئورۇنلاشتۇرۇشىمۇ بار.
ئۆزگىچە ئەۋزەللىك مۇنبەرنىڭ ماكانلىشىشىغا شارائىت ياراتتى
«تاراتقۇلار ھەمكارلىقى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەمكارلىقىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى. بۇ قېتىمقى مۇنبەر نۇرغۇن پۇرسەت ئېلىپ كېلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇ ئاپپاراتلىرى ئارا ھەمتۈرتكە بولۇش يېڭى سەھىپىسىنى ئاچىدۇ» دېدى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ مۇئاۋىن باش كاتىپى سۇخايىل. خان مۇخبىرنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ.
ئۇنىڭ قارىشىچە، ئاممىۋى تاراتقۇلار دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، رايون ھەمكارلىقى ۋە دۇنيا ئىشلىرىدا ئاچقۇچلۇق رول ئوينايدۇ، ھالبۇكى تاراتقۇلار مەدەنىيلىكتە ئۆزئارا ئۆرنەك ئالىدىغان كۆۋرۈك بولۇش سۈپىتى بىلەن، ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ئۆزئارا ئىشىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشقا يەنىمۇ ئاساس سالىدۇ، بۇ، «شاڭخەي روھى»نىڭ يادرولۇق قىممىتىگە ماس كېلىدۇ. شىنجاڭنىڭ ئۆزگىچە رايون ئورنى ۋە ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكى بولسا مۇنبەرنىڭ بۇ جايغا ماكانلىشىشىغا شارائىت ياراتتى.
بۇ قېتىمقى مۇنبەرنى خەلق گېزىتخانىسى، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزدى. خەلق گېزىتى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي رادىيو - تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى قاتارلىق دۆلەت ئىچىدىكى تاراتقۇلاردىن تاجىكىستان «خوۋار» دۆلەت ئاگېنتلىقى، رۇسىيە ئەمگەك گېزىتى قاتارلىق خەلقئارا تاراتقۇلارغىچە، يىغىنغا قاتنىشىدىغان كۈچلۈك سەپ مۇنبەرنىڭ تەسىر كۈچىنى ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى.
مۇنبەرنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگەن تەرەپنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق كۆرسەتتى: شىنجاڭ ئۈچ ئۆلچەم بويىچە روشەن ئەۋزەللىككە ئىگە. رايون ئورنى جەھەتتە، شىنجاڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا نۇرغۇن دۆلەت بىلەن چېگرالىنىدۇ، شىنجاڭدا مۇنبەر ئۆتكۈزگەندە، شىنجاڭنىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى ھەمكارلىقىدىكى كۆۋرۈكلۈك ۋە ۋاسىتىلىك رولىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرغىلى بولىدۇ.
ئىقتىسادىي جەھەتتە، شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» يادرولۇق رايونى بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ جايدا مۇنبەر ئۆتكۈزۈش شىنجاڭنىڭ رايون ئورنى ئەۋزەللىكى ۋە بايلىق ئەۋزەللىكىنى تېخىمۇ ياخشى جارى قىلدۇرۇشقا پايدىلىق بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» قۇرۇلۇشىدىكى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشىگە تۈرتكە بولىدۇ.
مەدەنىيەت جەھەتتە، كۆپ مىللەت توپلىشىپ ئولتۇراقلاشقان رايون بولۇش سۈپىتى بىلەن، شىنجاڭنىڭ مول مەدەنىيەت بايلىقى جۇڭگونىڭ كۆپ خىل مەدەنىيىتىنىڭ جەلپكارلىقىنى تېخىمۇ ياخشى نامايان قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
سانلىق مەلۇماتلار شىنجاڭنىڭ ئىستراتېگىيەلىك قىممىتىنى ئىسپاتلىماقتا.
2022 - يىلىدىن 2024 - يىلىغىچە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى ئۇدا 200 مىليارد يۈەن، 300 مىليارد يۈەن، 400 مىليارد يۈەنلىك چوڭ ئۆتكەلدىن ئاشتى، بۇنىڭ ئىچىدە %75تىن كۆپرەكى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودىدىن كەلگەن.
بۇ يىل 1 - پەسىلدە، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودىسى ئوڭۇشسىز ۋەزىيەتتە ئېشىپ، ئېشىش سۈرئىتى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ئوخشاش مەزگىلدىكى %1.3لىك ئېشىش سۈرئىتىدىن يۇقىرى بولدى. 2024 - يىلى، شىنجاڭ تۆمۈريولىنىڭ ئالاتاۋ، قورغاس ئىككى پورت ئارقىلىق قاتنىغان جۇڭگو - ياۋروپا (ئوتتۇرا ئاسىيا) نۆۋەتچى پويىزى 16 مىڭ قېتىمدىن ئېشىپ، تارىخىي يېڭى يۇقىرى سەۋىيە يارىتىلدى. بۇلتۇر قۇرۇلۇش باشلانغان جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى تۈرى خەلقئارا ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى سۇپىسىنى بەرپا قىلىدۇ.
بۇنىڭدىن باشقا، جۇڭگو شىنجاڭ ئالاقىدار دۆلەتلەردە يولغا قويۇلغان سۇ ئېلېكتىر ئىستانسىسى، پىششىقلاش - ياساش، نېفىت، تەبىئىي گاز، كان ئېچىش قاتارلىق تۈرلەردىمۇ شۇ جايدىكى خەلققە ھەقىقىي بەخت - سائادەت ئېلىپ كەلدى.
خەلقئارادىكى «دوستلار چەمبىرىكى»نىڭ كېڭىيىشى ئوخشاشلا شىنجاڭ ئەمەلىي كۈچىنى نامايان قىلدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، جۇڭگو − ئاسىيا - ياۋروپا كۆرگەزمىسى، دۇنيا تاراتقۇلار باشلىقلىرى يىغىنى قاتارلىق مۇھىم پائالىيەتلەر ئارقا - ئارقىدىن شىنجاڭغا ماكانلاشتى، 2025 - يىلىلا شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى پارتىيەلەر مۇنبىرى، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى كېسىم قانۇن مۇنبىرى قاتارلىقلار ئۆتكۈزۈلۈپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر رەقەملىك مائارىپ ئىتتىپاقىنىڭ يوپۇقىنى ئېچىش قاتارلىق نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولدى، شىنجاڭ «پائالىيەتكە قاتناشقۇچى»دىن «ئاساسىي مەيدان مەسئۇلىيىتىنى زىممىگە ئالغۇچى»غا ئايلانماقتا.
خەلقئارالىق نەزەردىن پايدىلىنىپ ھەقىقىي شىنجاڭنى ئىستېرېئولۇق نامايان قىلىش
تاراتقۇلار ھەرقايسى دۆلەت خەلقىنىڭ ئۆزئارا چۈشىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئەمەلىي ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇش قاتارلىق جەھەتلەردە تەڭداشسىز رولىنى جارى قىلدۇرماقتا. بۇ قېتىمقى مۇنبەردە شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇلىرى ئۈچۈن مۇھىم ئالماشتۇرۇش سۇپىسى قۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇلار ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىش مەقسەت قىلىنغان.
دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشىگە باغلىق. ئاساسىي مۇنبەر ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، جۇڭگو - چەت ئەل تاراتقۇلىرى ھەم ئاپپارات ۋەكىللىرى يەنە تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىغا بېرىپ، دىققەتنى شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، مەدەنىيەت - ساياھەت، ئېكولوگىيە قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلىرىگە مەركەزلەشتۈرۈپ چوڭقۇر خەۋەر قىلىپ، قولىدىكى قەلەم ۋە كامېرا ئارقىلىق، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى خەلق ئىچى دوستلۇق ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.
«ئۆز كۆزى بىلەن كۆرگەن ھەقىقەت ئەڭ قايىل قىلىش كۈچىگە ئىگە!» ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى(مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) مەدەنىيەت ئىلمى ئوقۇتۇش تەتقىقات بۆلۈمىنىڭ مۇدىرى، پىروفېسسور ياۋ يەنخۇڭ مۇنداق قارىدى: نەق مەيداندا زىيارەت قىلىش ھەرقايسى دۆلەت تاراتقۇلىرىنى شىنجاڭنىڭ گۈللەنگەن، مۇقىم، ھەر مىللەت خەلق خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان بەختلىك تۇرمۇشىنى بىۋاسىتە ھېس قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ. ئۇلار قەشقەر قەدىمىي شەھىرىدىكى چېھرىدىن كۈلكە يېغىپ تۇرغان سودىگەرلەرنى، شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىدىكى ئالدىراش ئىشلەپچىقىرىش مەنزىرىسىنى كۆرگەندە، ئوبيېكتىپ نۇقتىدىن دۇنياغا ھەقىقىي، ئىستېرېئولۇق، جانلىق شىنجاڭنى بايان قىلىپ، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنىڭ جانلىق ئەمەلىيىتىنى نامايان قىلالايدۇ.
مۇزېيدا تارىخ ئاساسىنى ھېس قىلىش، ئۇنىۋېرسال باجدىن خالىي رايونغا بېرىپ تەرەققىيات تومۇرىنى ئىگىلەش... يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ ئوتتۇرا ئاسىيادىكى دۆلەتلەر، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر قاتارلىقلار بىلەن بولغان ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، چۈشىنىش، ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، «تەكلىپ قىلىش» «سىرتقا چىقىرىش» خىزمىتىنى تېخىمۇ پائال، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ياخشى ئىشلىدى. ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تۈركۈم - تۈركۈم ئېكسكۇرسىيە - زىيارەت ئۆمەكلىرى شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات ئەھۋالى ۋە ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئىتتىپاق، بەختلىك تۇرمۇشىنى ئىگىلىدى.
«جۇڭگو شىنجاڭ بەك گۈزەل ئىكەن، تەسەۋۋۇرۇمدىكىدىن تامامەن ئېشىپ كەتتى» «مەن شىنجاڭدىكى خەلق ئاممىسىنىڭ بەختلىك ۋە ئەركىن تۇرمۇش كەچۈرۈۋاتقانلىقىغا گۇۋاھ بولدۇم» «بۇ جاي ھەقىقىي ئېچىۋېتىش ئالدىنقى سېپى ئىكەن»... ئۇلارنىڭ نەزەرىدىكى شىنجاڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ جانلىق ئىخچام كۆرۈنۈشى.
بۇ قېتىمقى مۇنبەر ئارقىلىق، تېخىمۇ كۆپ كىشى يېڭى دەۋردىكى شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان يېڭى قىياپىتى، يېڭى كەيپىياتىنى كۆرىدۇ، خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ شىنجاڭغا بولغان چۈشىنىشى ۋە قەلبتىن ئېتىراپ قىلىشى كۈچىيىدۇ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تېخىمۇ دوستانە خەلقئارا ئاممىۋى پىكىر مۇھىتى يارىتىلىپ، پۈتۈن دۇنياغا ئىشەنچلىك، سۆيۈملۈك، ھۆرمەتكە سازاۋەر جۇڭگو ئوبرازى نامايان قىلىنىدۇ.
تاراتقۇلار ھەمكارلىشىپ رايون تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى بىرلىكتە بەرپا قىلىش
2025 - يىلى شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاراتقۇلىرى سۆھبەت يىغىنى «تاراتقۇلار ھەمكارلىقى، تەقدىر ئورتاق گەۋدىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش» «ئىجادىي تەرەققىي قىلىش، يۇغۇرۇلغان يېڭى كەلگۈسىنى ئورتاق يارىتىش»تىن ئىبارەت ئىككى چوڭ يادرولۇق قارالمىنى چۆرىدەپ قانات يايدۇرۇلۇپ، ئۇچۇر توسۇقىنى قانداق بۇزۇپ تاشلاش، ساختا خەۋەرگە قانداق تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق دۇنياۋى تارقىتىش خىرىسى ھەم 5G، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق يېڭى تېخنىكىلارنىڭ تاراتقۇ ئېكولوگىيەسىنى قايتا بەرپا قىلىش ئۈستىدە مۇھاكىمە ئېلىپ بارىدۇ.
سۇخايىل . خان مۇنداق بىلدۈردى: شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىدا نۆۋەتتە ئون ئەزا دۆلەت، ئىككى كۆزەتكۈچى دۆلەت، 14 سۆھبەتلىشىش ھەمراھى بار بولۇپ، باشتىن - ئاخىر جۇشقۇن ھاياتىي كۈچىنى ساقلاپ كەلمەكتە. شىنجاڭ «بەش پورت ئارقىلىق سەككىز دۆلەتكە تۇتىشىدىغان، بىر يول ئارقىلىق ياۋروپا - ئاسىيانى تۇتاشتۇرىدىغان» ئۆزگىچە رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە ئىگە، بۇ جايدا تاراتقۇلار ئارىسىدىكى ئىجابىي ھەمتۈرتكىلىكنى تېخىمۇ كۆپ قانات يايدۇرۇش رايون تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. ئۇ «شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تاراتقۇلار ھەمكارلىق ئىتتىپاقى» قاتارلىق دائىمىي ئاپپاراتلارنى تەسىس قىلىپ، قەرەللىك باشلىقلار يىغىنى، مۇخبىرلار ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، تېخنىكا ھەمكارلىقى قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق، ھەمكارلىق ئاساسىنى پۇختىلاش تەكلىپىنى بەردى.
«تاراتقۇلار ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، <بىر بەلباغ، بىر يول>نى ئورتاق بەرپا قىلىشقا كۈچ قوشالايدۇ.» ياۋ يەنخۇڭ مۇنداق دېدى: تاراتقۇلار ھەمكارلىقى ئارقىلىق ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنىڭ سىياسەت ئالاقىسى ۋە خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، «بەشنى راۋانلاشتۇرۇش» نىشانىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا كۈچ قوشۇپ، رايون ئىقتىسادىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش ئۈچۈن ياخشى ئاممىۋى پىكىر مۇھىتى ياراتقىلى بولىدۇ. بىرلىشىپ ھۆججەتلىك فىلىم ئىشلەش، كۆپ تىللىق ئاخبارات سۇپىسىنى ئورتاق بەرپا قىلىش قاتارلىق ھەمكارلىشىش ئەندىزىسى ئارقىلىق، ئەزا دۆلەتلەرنىڭ خەۋپسىزلىك، تەرەققىيات قاتارلىق ساھەلەردە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشىگە كۈچ قوشقىلى بولىدۇ.
شىنجاڭغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، تاراتقۇلار ھەمكارلىقى ئارقىلىق ھەم تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق تۈرلىرىنى جەلپ قىلغىلى بولىدۇ، ھەم يالغان سۆزلەرگە قايتۇرما زەربە بېرىپ، ئورتاق تونۇشنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.
مۇنبەرنى مەسئۇل بولۇپ ئۇيۇشتۇرغۇچى تەرەپنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: بۇنىڭدىن كېيىن شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ تاراتقۇلىرى ئالماشتۇرۇش ۋە ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ مۇھىم پائالىيەتلىرى ۋە تەرەققىيات نەتىجىلىرىنى ئورتاق خەۋەر قىلىدۇ؛ ئۇچۇردىن ھەمبەھرىلىنىش ۋە ئاخبارات خەۋەرلىرى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى ۋە ئورتاق مەنپەئىتىنى بىرلىكتە قوغداپ، خەلق رىشتىنى تۇتاشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ؛ يېڭى تاراتقۇ، رەقەملىك پەن - تېخنىكا ئارقىلىق كۈچ قوشۇش، مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، تاراتقۇ كەسپى تىجارىتى ۋە تېخنىكا قوللىنىشتا يېڭىلىق يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر تاراتقۇلىرىنىڭ خەلقئارا رىقابەت كۈچىنى ئورتاق ئۆستۈرىدۇ.
جۇغراپىيەلىك تۈگۈندىن ھەمكارلىق ئېگىزلىكىگىچە، رايون سەھنىسىدىن خەلقئارا سۇپىغىچە، شىنجاڭ يېڭى باشلىنىش نۇقتىسىدا تۇرماقتا. بۇ قېتىمقى مۇنبەرنىڭ ئۆتكۈزۈلۈشى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشىنىڭ بىر كۈچلۈك ئىزاھاتى، شۇنداقلا جۇڭگونىڭ شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىغا ئەزا دۆلەتلەر ئارىسىدىكى ھەمكارلىققا تۈرتكە بولۇشىدىكى بىر مۇھىم قەدەم بولۇپ قالىدۇ.
ھەرقايسى دۆلەت تاراتقۇلىرىنىڭ كامېرالىرى شىنجاڭغا توغرىلانغاندا، خاتىرىلەنگىنى بۇ تۇپراقتىكى ئۆزگىرىشلەر بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئېچىۋېتىلگەن، ئۆزىگە ئىشىنىدىغان جۇڭگونىڭ دۇنيا بىلەن تەرەققىيات ئۈستىدە ئورتاق ئىزدىنىش قەتئىي ئىرادىسى.