قومۇل شەھىرى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ سەنتاڭخۇ بازىرىدىكى شىتوۋمېي 1 - نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنى (5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى تارتىلغان). □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىن فوتوسى
ساۋما قىلىپ مەخسۇس تېمىنى كۆرۈڭ
■ قۇرۇلۇش كىچىك ئارخىپى
شىنجاڭنىڭ قومۇل سەنتاڭخۇ كان رايونىدىكى شىتوۋمېي 1 - نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىنى قىسقىچە تونۇشتۇرۇش: بۇ كۆمۈر كان قومۇل شەھىرى باركۆل قازاق ئاپتونوم ناھىيەسىنىڭ دەل شىمالىغا 120 كىلومېتىر كېلىدىغان جايدىكى سەنتاڭخۇ كان رايونىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىغا جايلاشقان بولۇپ، بايلىق زاپاس مىقدارى 3 مىليارد 575 مىليون توننا، كان كۆلىمى 102.75 كىۋادرات كىلومېتىر كېلىدۇ. كۆمۈر تۈرى 31 - نومۇرلۇق يېپىشماس كۆمۈرنى ئاساس قىلىدۇ، كۈلى ئاز، گۈڭگۈرت تەركىبى تۆۋەن، فوسفور تەركىبى تۆۋەن، ئىسسىقلىق قىممىتى يۇقىرى، گازلاشتۇرۇش كۆرسەتكۈچى ياخشى بولۇشتەك ئالاھىدىلىكلەرگە ئىگە، ئوتتۇرىچە ئىسسىقلىق چىقىرىش مىقدارى 5200 كىلوكالورىيەدىن ئاشىدۇ، بۇ، «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» «شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» ھەم قومۇلنىڭ شىمالىدىكى يېڭى تىپتىكى ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم كۆمۈر مەنبەسى كاپالىتى.
گېزىتىمىز، قومۇل، 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: 2020 - يىلىدىكى 5 مىليون توننىدىن 2024 - يىلىدىكى 35 مىليون توننىغا ئۆرلەشكىچە، قىسقىغىنا بەش يىلدا، شىنجاڭنىڭ قومۇل سەنتاڭخۇ كان رايونىغا جايلاشقان شىتوۋمېي 1 - نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىنىڭ ئىشقا ئاشۇرغان ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى يەتتە ھەسسە تېز ئاشتى. بۇ كۆمۈر كان پۈتكۈل قۇرۇلۇش ۋە قېزىش خىزمىتىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، ئەلا سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى تېز جارى قىلدۇرۇپ، مۇھىم كۆمۈر مەنبەسى بولۇش سۈپىتى بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۈزلۈكسىز كۈچەيتتى.
5 - ئاينىڭ 18 - كۈنى، «چوڭ دۆلەت قۇرۇلۇشىدىن شىنجاڭغا نەزەر» پۈتۈن تاراتقۇلۇق خەۋەر قىلىش كوللېكتىپى شىتوۋمېي 1 - نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنىغا كىردى. ئازگال ئاستىدىكى ئالدىراش قېزىۋاتقان، توشۇۋاتقان كۆرۈنۈشلەر 5G سىگنالى ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش قوماندانلىق مەركىزىنىڭ چوڭ ئېكرانىدا ئەمەلىي ۋاقىتتا نامايان بولۇپ تۇرۇۋاتقانلىقىنى كۆرگىلى بولاتتى. ئىككى كىلومېتىر يىراقلىقتىكى كۆمۈر قېزىش مەشغۇلات رايونىدا، قېزىش ماشىنىلىرى تەرتىپلىك مەشغۇلات قىلىپ، كۆمۈر قاتلىمىنىڭ ئۈستىدىكى توپىنى ئاچقاندىن كېيىن، توپا تەرتىپ بويىچە توپا چىقىرىش مەيدانىغا توشۇلماقتا.
شىتوۋمېي 1 - نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنى «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» «شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش» ھەم قومۇلنىڭ شىمالىدىكى يېڭى تىپتىكى ئۇنىۋېرسال ئېنېرگىيە بازىسى قۇرۇلۇشىنىڭ مۇھىم كۆمۈر مەنبەسى كاپالىتى. ئۇنىڭ قۇرۇلۇش تىجارىتىنى قىلغۇچى تەرەپ − شىنجاڭ قومۇل سەنتاڭخۇ ئېنېرگىيە ئېچىش قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش ۋە ئورۇنلاشتۇرۇشنى تېزلەتتى، 4 - ئاينىڭ ئاخىرىغىچە، بۇ يىل ئىشلەپچىقارغان كۆمۈر 7 مىليون 650 مىڭ توننا بولدى.
قومۇل شەھىرىنىڭ شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىشتىكى ئەۋزەل قاتناش رايون ئورنى شارائىتىغا تايىنىپ، شىتوۋمېي 1 - نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنى «شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش»تىكى ئاساسلىق جەڭ مەيدانى بولۇپ قالدى. شىنجاڭ قومۇل سەنتاڭخۇ ئېنېرگىيە ئېچىش قۇرۇلۇش چەكلىك مەسئۇلىيەت شىركىتى پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، باش دىرېكتور لى شۇگۇاڭ مۇنداق تونۇشتۇردى: «ھەر يىلى بۇ جايدىن چىقىرىلغان شىنجاڭ كۆمۈرى <شىنجاڭ كۆمۈرىنى سىرتقا توشۇش> ئومۇمىي مىقدارىنىڭ %10تىن كۆپرەكىنى ئىگىلەيدۇ».
تىلغا ئېلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، شىتوۋمېي 1 - نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنى ئىشلەپچىقارغان كۆمۈر قومۇل − چۇڭچىڭ 800± كىلوۋولتلۇق ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش قۇرۇلۇشى يەنى «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 - لىنىيەسىگە ئىشلىتىلىدۇ، كۆمۈر ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىگە ئايلاندۇرۇلغاندىن كېيىن، ئۈزلۈكسىز تۈردە چۇڭچىڭغا يەتكۈزۈلىدۇ. لى شۇگۇاڭ مۇنداق بىلدۈردى: «شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈش» 3 - لىنىيەسىدىكى بىردىنبىر ئوت ئېلېكتىر ئىستانسىسى ئازگىلى ئارقىلىق كۆمۈر تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىدىغان ئورۇن بولۇش سۈپىتىمىز بىلەن، بۇ يىل كۆمۈر كېنىمىز مۇناسىۋەتلىك توك تارقىتىش كارخانىلىرى بىلەن 4 مىليون توننا كۆمۈر تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش كېلىشىمى ئىمزالىدى.
كۆمۈرنىڭ ئېنېرگىيە بىلەن تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىشتىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ» «مۇقىملاشتۇرغۇچ»لۇق رولىنى يەنىمۇ جارى قىلدۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ زور ئىستراتېگىيەلىرىگە بولغان تەمىنلەشكە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش ئۈچۈن، بۇ يىل شىتوۋمېي 1 - نومۇرلۇق ئۈستى ئوچۇق كۆمۈر كېنى قېزىش ھۈنەر - سەنئىتى ۋە سەۋىيەسىنى سىجىل ئۆستۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇپ قوللىنىشنى كۈچەيتىپ، كۆمۈرنىڭ ئەۋزەل ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى يەنىمۇ قويۇپ بېرىدۇ. بۇنىڭدىن باشقا، بۇ كۆمۈر كان يەنە تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى قۇرۇلۇشىدا ئىش باشلاپ، «كۆمۈرنى يەرگە چۈشۈرمەي» توشۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇشنى پىلانلىدى.