گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى لى ياڭ خەۋەر قىلىدۇ: 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق ھۆكۈمەتنىڭ دائىمىي يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى، يىغىندا باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ يېقىنقى مەزگىلدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى يەتكۈزۈلدى، ئۆگىنىلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشى بويىچە، يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ توردىكى توك باھاسىنى بازارلاشتۇرۇش ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش، رەقەملىك شىنجاڭ قۇرۇلۇشى قاتارلىقلار مۇھاكىمە قىلىندى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسىنى چىڭ كۆزلەپ، يېڭى ئېنېرگىيەنى ئاساسىي گەۋدە قىلغان يېڭى تىپتىكى ئېلېكتىر ئېنېرگىيە سىستېمىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش كېرەك. يۇقىرى پەللىنى تەڭشەش بويىچە قوشۇمچە مۇلازىمەت سودىسى ۋە باھا مېخانىزمىنى ئەلالاشتۇرۇپ، شارائىتى بار كارخانىلارنىڭ ئېلېكتىر مەنبەسى، ئېلېكتىر تورى، يۈك كۆتۈرۈشچانلىقى، زاپاس ساقلاش ئىقتىدارىنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىق ئۇسۇللار ئارقىلىق يېشىل توكنى بىۋاسىتە تۇتاشتۇرۇشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى قانات يايدۇرۇشقا مەدەت بېرىپ، يېشىل توك ئىشلىتىش نىسبىتىنى تەدرىجىي ئۆستۈرۈش كېرەك. كارخانىلارنىڭ ئاساسىي قوشۇنلۇق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيە تۈرلىرىنى تېز ئەنگە ئېلىش، تېز ئېچىش، تېز قۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭى ئېنېرگىيە تۈرىنى تەۋەلىك بويىچە ئەنگە ئېلىش خىزمىتىنى قانۇن - بەلگىلىمە بويىچە ياخشى ئىشلەپ، يېڭى ئېنېرگىيە تۈرىنى قارىغۇلارچە يولغا قويۇشتىن ساقلىنىش كېرەك. شىنجاڭ ئىچىدىكى تايانچ ئېلېكتىر تورى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، جەنۇبىي ۋە شىمالىي شىنجاڭنىڭ ئالاھىدە يۇقىرى بېسىملىق ئېلاستىكلىق تۇراقلىق توك يەتكۈزۈش يولى تەتقىقاتىنى قانات يايدۇرۇپ، شىنجاڭ توكىنى سىرتقا يەتكۈزۈشنى يولغا قويۇشنى تېزلىتىش كېرەك. ئوتتۇرا، شەرقىي قىسىمدىكى كەسىپلەرنىڭ يۆتكىلىشىنى ياخشى قوبۇل قىلىپ، يېشىل ھېسابلاش ئىقتىدارى، سانلىق مەلۇمات مەركىزى قاتارلىق كەسىپلەرنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە بىلەن يۇغۇرۇلۇپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يېڭىچە ئېنېرگىيە ساقلاشنى ئىلمىي، مۇۋاپىق پىلانلاپ ۋە ئورۇنلاشتۇرۇپ، لىتىيلىق باتارېيە قاتارلىق نىسبەتەن پىشىپ يېتىلگەن يېڭىچە ئېنېرگىيە ساقلاش تەننەرخىنى تۆۋەنلىتىش ۋە كۆلەملەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدۇرۇشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بازارلاشتۇرۇش يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى ئېنېرگىيەنىڭ ئېلېكتىر تورىغا يەتكۈزگەن توك مىقدارىنىڭ ئومۇميۈزلۈك بازارغا كىرىشىگە، توردىكى توك باھاسىنىڭ بازار ئارقىلىق شەكىللىنىشىگە تۈرتكە بولۇپ، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىي قىلىدىغان باھا راسچوت مېخانىزمىنى يۈرۈشلەشتۈرۈپ ئورنىتىش كېرەك. باھا مەسئۇل تارماقلىرى ئېنېرگىيە مەسئۇل تارماقلىرى، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسىنى يۈرۈشتۈرۈشكە مەسئۇل تارماقلار قاتارلىقلار بىلەن بىرلىكتە كونكرېت لايىھە تۈزۈپ، يولغا قويۇش جەريانىدا يولۇققان مەسىلىلەرنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشى كېرەك. ھەرقايسى جايلار بازار باھاسىنىڭ داۋالغۇشى، يېڭى ئېنېرگىيەلىك توك چىقىرىش تەننەرخى ۋە پايدا ئۆزگىرىشى، تېرمىنال ئىستېمالچىلىرىنىڭ توك باھاسى سەۋىيەسى قاتارلىقلارنى يېقىندىن ئىزلاپ تەكشۈرۈپ، ئىسلاھاتنىڭ ساھە تەرەققىياتى ۋە كارخانا تىجارىتى قاتارلىق جەھەتلەرگە بولغان تەسىرىنى ئەستايىدىل باھالاپ، سىياسەتنى تەشۋىق قىلىش، چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، ئىسلاھات ئۈنۈمىنى ۋاقتىدا يەكۈنلەپ، سىياسەتنى يولغا قويۇشنى ئەلالاشتۇرۇپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ يېڭى ئېنېرگىيە ساھەسىنىڭ سىجىل، ساغلام تەرەققىياتىنى زور كۈچ بىلەن ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەلەپ قىلىندى: رەقەملىك شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا يۇقىرى سۈپەتلىك تۈرتكە بولۇپ، ئومۇمىي جەھەتتىن پىلانلاش، بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئاپتونوم رايونىمىزنىڭ رەقەملەشكەن تەرەققىياتىنى ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىپ، ئىقتىساد، جەمئىيەتنىڭ تىپىنى ئۆزگەرتىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈشكە ھەر تەرەپلىمە كۈچ قوشۇش كېرەك. ئاساسىي تىرەك سىستېمىسىنى ئاساس، بىر گەۋدىلەشكەن ئەقلىي ئىقتىدارلىق مەركەزنى تۈگۈن، مۇھىم قوللىنىشنى تۇتقا قىلىپ، رەقەملىك شىنجاڭ قۇرۇلۇشىنىڭ بىر پۈتۈنلۈكى، سىستېمىلىقلىقى، ماسلىشىشچانلىقىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. پۈتۈن ئاپتونوم رايوننىڭ «بىر تور» قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇپ، مەمۇرىيەت تورى، رادىيو - تېلېۋىزىيە تورى، ھېسابلاش ئىقتىدارى تورى، سانلىق مەلۇمات تورى، نەرسە تورى، سىنلىق تۇتاشتۇرۇش تورى، سۈنئىي ھەمراھ تورىنى ئورگانىك يۇغۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. بىر گەۋدىلەشكەن ھېسابلاش ئىقتىدارى بايلىقى ئاساسىنى بەرپا قىلىپ، دۆلەتنىڭ «شەرقنىڭ سانلىق مەلۇماتلىرىنى غەربكە يۆتكەپ ھېسابلاش» ئىستراتېگىيەلىك ئورۇنلاشتۇرۇشىغا پائال سىڭىشىش كېرەك. سانلىق مەلۇمات ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى سىجىل ئالغا سىلجىتىپ، سانلىق مەلۇماتلار ئوبوروت، سودا سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىش كېرەك. دىققەتنى «ئون چوڭ كەسىپ توپى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، سانلىق مەلۇمات ئېقىمى ئارقىلىق تېخنىكا ئېقىمى، مەبلەغ ئېقىمى، ئىختىساسلىقلار ئېقىمى، ماددىي ئەشيا ئېقىمىغا يېتەكچىلىك قىلىپ، تولۇق ئامىللىق ئىشلەپچىقىرىش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، رەقەملىك ئىقتىسادنىڭ تەرەققىيات ھاياتىي كۈچىنى ئۇرغۇتۇش كېرەك. ئاقىل شەھەر قۇرۇلۇشىنى تېز ئالغا سىلجىتىپ، ئاقىل مائارىپ، ئاقىل ساغلاملىق، ئاقىل ئۆي - جاي مۇلازىمىتى، ياشانغانلارنى ئاقىل كۈتۈش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈش كېرەك. تىنچ - ئامان شىنجاڭ سانلىق مەلۇمات ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، سانلىق مەلۇمات ئارقىلىق خەۋپ - خەتەردىن ئالدىن سىگنال بېرىشكە كۈچ قوشۇشنى كۈچەيتىپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سانلىق مەلۇمات بىخەتەرلىكى ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك رەقەملىك شىنجاڭ قۇرۇلۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا يەنە باشقا ئىشلار مۇھاكىمە قىلىندى.