گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 5 - ئاينىڭ 22 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭنىڭ ئاپتونوم رايونلۇق ئىستاتىستىكا ئىدارىسىدىن ئىگىلىشىچە، 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، باھا ئامىلىنى چىقىرىۋەتكەندە، شىنجاڭنىڭ كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %6.2 ئاشقان.
ئۈچ چوڭ تۈرگە ئايرىپ قارىغاندا، 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، كانچىلىق قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %3.4 ئاشقان، ياسىمىچىلىقنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %9.4 ئاشقان، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسى، يېقىلغۇ گاز ھەم سۇ ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپىنىڭ بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %5.5 ئاشقان.
كەسىپلەر بويىچە ئايرىپ قارىغاندا، 1 - ئايدىن 4 - ئايغىچە، 40 چوڭ تۈردىكى ساھە ئىچىدە 30 ساھەنىڭ قوشۇلما قىممىتى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن ئېشىش ھالىتىنى ساقلىغان. بۇنىڭ ئىچىدە، كۆمۈر قېزىش ۋە يۇيۇپ ئىلغاش كەسپىنىڭ %7.1 ئاشقان، نېفىت ۋە تەبىئىي گاز قېزىش كەسپىنىڭ %1.2 ئاشقان، رەڭلىك مېتال رۇدىسى قېزىش ۋە تاللاش كەسپىنىڭ %30.8 ئاشقان، توقۇمىچىلىق كەسپىنىڭ %25.6 ئاشقان، نېفىت، كۆمۈر ۋە باشقا يېقىلغۇ پىششىقلاش كەسپىنىڭ %5.9 ئاشقان، خىمىيەلىك خام ماتېرىيال ۋە خىمىيەلىك بۇيۇم ياساش كەسپىنىڭ %8.5 ئاشقان، قارا رەڭلىك مېتال تاۋلاش ۋە پىروكاتلاپ پىششىقلاش كەسپىنىڭ %0.1 ئاشقان، رەڭلىك مېتال تاۋلاش ۋە پىروكاتلاپ پىششىقلاش كەسپىنىڭ %17.2 ئاشقان، ئېلېكتىر ئېنېرگىيەسى، ئىسسىقلىق ئېنېرگىيەسىنى ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپىنىڭ %4.2 ئاشقان، يېقىلغۇ گاز ئىشلەپچىقىرىش ۋە تەمىنلەش كەسپىنىڭ %12.7 ئاشقان.