6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، شىنجاڭنىڭ «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ھەم تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى خوتەندە ئېچىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. □ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
گېزىتىمىز، خوتەن، 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: 6 - ئاينىڭ 24 - كۈنى، شىنجاڭنىڭ «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ھەم تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنى خوتەندە ئېچىلدى، يىغىندا شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرى، بولۇپمۇ چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىدا قىلغان مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، نەتىجە ۋە تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى ئورۇنلاشتۇرما قىلدى، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە پۈتۈن كۈچ بىلەن غەلىبە قىلىپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ، كېڭەيتىپ، دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى قەتئىي مۇستەھكەملەش تەلەپ قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى، بىڭتۇەن پارتىيە كومىتېتىنىڭ 1 - شۇجىسى، 1 - جېڭۋېي ما شىڭرۇي، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسى پارتىيە گۇرۇپپىسىنىڭ شۇجىسى، ئىدارە باشلىقى ليۇ گوخۇڭ يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز رىياسەتچىلىك قىلدى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن شۇجىسى، بىڭتۇەننىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ قاتناشتى.
يىغىندا ئاپتونوم رايوننىڭ باش ئورمان باشلىقى بۇيرۇقى ئوقۇپ ئۆتۈلدى، شىنجاڭنىڭ «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ھەم تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ئالغا سىلجىتىش ئەھۋالى ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىندى.
ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: پارتىيە 18 - قۇرۇلتىيىدىن بۇيان، باش شۇجى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى قۇرۇلۇشىنىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىشلىرىدىكى مۇھىم ئورنى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، بىر قاتار ئىجادىي يېڭى قاراش، يېڭى ئىدىيە، يېڭى ئىستراتېگىيەنى ئىجادىي ئوتتۇرىغا قويۇپ، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى شەكىللەندۈرۈپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىدا پۇختا قەدەم تاشلاشقا يېتەكچىلىك قىلدى. باش شۇجى شى جىنپىڭ دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقى قۇرۇلۇشىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، چۆللىشىشنىڭ ھەر تەرەپلىمە ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەشنى كۈچەيتىش ۋە «ئۈچ شىمال» قاتارلىق نۇقتىلىق ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشلىرىنى ئالغا سىلجىتىش سۆھبەت يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئېچىپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىنى ياخشى قىلىش ئومۇمىي سەپەرۋەرلىك بۇيرۇقى چىقىرىپ، خېشى كارىدورى − تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى قاتارلىق بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشلارنى پۈتۈن كۈچ بىلەن ياخشى قىلىش توغرىسىدا ئورۇنلاشتۇرما قىلدى. بىز شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىنچىكە ئۆزلەشتۈرۈپ، پۇختا ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم سۆزىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىپ، قۇمنى ئىلمىي تىزگىنلەپ، قۇمنى دەل جايىدا تىزگىنلەپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە پۈتۈن كۈچ بىلەن غەلىبە قىلىپ، تىرىشىپ شىنجاڭ خاسلىقىغا ئىگە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش يولىنى تېپىپ چىقىشىمىز كېرەك.
ما شىڭرۇي مۇنداق كۆرسەتتى: «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشىنى يولغا قويۇش دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسى، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتى بىزگە تاپشۇرغان مۇھىم سىياسىي ۋەزىپە. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار، ئاممىنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، يېتەكلەپ، تاپشۇرۇقنى ئەستە چىڭ ساقلاپ، بۇرچنى باتۇرلۇق بىلەن زىممىگە ئېلىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىشىدا، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ئومۇميۈزلۈك باشلاپ، 3046 كىلومېتىر كېلىدىغان قۇمنى توسۇش يېشىل مۇداپىئە بەلبېغىدا گىرۋەكنى قاشالاپ تۇتاشتۇرۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، شىنجاڭنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ما شىڭرۇي ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەنگە ۋاكالىتەن مەركەز ۋە دۆلەتنىڭ مىنىستىرلىق، كومىتېتلىرى، مەركەز كارخانىلىرى، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ زور كۈچ بىلەن قوللىغانلىقىغا چىن كۆڭلىدىن رەھمەت ئېيتتى، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىگە قاتناشقان ھەر مىللەت كادىرلار، ئامما ۋە ھەر ساھە زاتلارغا ئالىي ئېھتىرام بىلدۈردى.
ما شىڭرۇي مۇنداق تەكىتلىدى: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرما تەلىپىگە ئۆلچەم بويىچە، تەلەپ بويىچە ئەستايىدىل توغرىلىنىپ، دۆلەت ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق ئىدارىسىنىڭ يېتەكچىلىكى ۋە ياردىمىدە، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىپ، ئەۋزەل كۈچلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، سىجىل تۈردە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، تىرىشىپ «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ۋە تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇشقا ئايلاندۇرۇش كېرەك. دىققەتنى تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىنى قاشالاش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشتىكى «ئاساسىي جەڭ مەيدانى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىر چەمبەر، ئىككى رايون، ئۈچ لىنىيە»دىن ئىبارەت نۇقتىلىق رايونلارنى چۆرىدەپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈش، ئاپەت ئەھۋالىغا قاراپ مۇداپىئەلىنىش، تۈرگە ئايرىپ تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، يېشىللىق دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىپ، سۇ بايلىقىدىن مۇۋاپىق پايدىلىنىپ، بىيولوگىيەلىك قۇم تىزگىنلەش، قۇرۇلۇش ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش، يورۇقلۇق ۋولت ئارقىلىق قۇم تىزگىنلەش قاتارلىق ئەندىزىلەردىن ئىلمىي پايدىلىنىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى «يېشىل شارپا»نى تېخىمۇ پۇختا توقۇپ چىقىش كېرەك. قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنى ھەر تەرەپلىمە تۈزەشتىكى «ئاچقۇچلۇق نۇقتا»نى چىڭ تۇتۇپ، رايونلارغا ئايرىپ تەدبىر قوللىنىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئورمان، ئوتلاق سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، نۇقتىلىق ئورۇنلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تېخنىكا يولىنى دەل جايىدا تاللاپ، ئېكولوگىيەنى قوغداش - ئەسلىگە كەلتۈرۈشتىكى بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەرنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، قۇملۇق يەر، قۇم بارخانلىرىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدىكى چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىدىن ئىبارەت «باش يېتەكچى»نى چىڭ تۇتۇپ، دۆلەتنىڭ مۇھىم سىياسەت يۆنىلىشىگە ئۆلچەم بويىچە توغرىلىنىپ، بىر تۈركۈم چوڭ - چوڭ تۈرلەرنى زۆرۈرىيىتى، مۇمكىنچىلىكى، ئىلمىيلىكىنى گەۋدىلەندۈرۈپ پىلانلاپ، قۇرۇلۇۋاتقان تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى تېزلىتىپ، نازارەت قىلىش - باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدىغان يېشىل قۇرۇلۇش، ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى بەرپا قىلىش كېرەك. قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ئامىل كاپالىتى «بىرىكمە تەدبىر»ىنى ياخشى قوللىنىپ، «قۇم تىزگىنلەشكە دائىر توققۇز ماددىلىق» تەدبىردىن ئومۇميۈزلۈك ياخشى پايدىلىنىپ، قۇملۇق كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇرۇشتىكى سىياسەت مەدىتى ۋە پەن - تېخنىكا تىرىكىنى كۈچەيتىپ، ھەر مىللەت ئاممىنى پائال قاتنىشىشقا، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشتىن نەپ ئېلىشقا يېتەكلەپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، جەمئىيەت ئۈنۈمىنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. خىزمەت مەسئۇلىيىتىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشتىكى تۇتقىنى مەھكەم تۇتۇش كېرەك، ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىشى، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈشى، مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشى، ھەر دەرىجىلىك قوماندانلىق ئىشتابلىرى، ھەرقايسى باشلامچى ئورۇنلار، ئورمانچىلىق، ئوتلاق تارماقلىرى قاتارلىقلار ھەرقايسىسى ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈشى، ئالدىراقسانلىق قىلىپ كۆز ئالدىدىكى مەنپەئەتكە بېرىلىپ كېتىش، نەتىجە قازىنىشقا ئالدىراپ كېتىش ئىدىيەسىنى تۈگىتىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
ليۇ گوخۇڭ مۇنداق كۆرسەتتى: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەت ۋە بىڭتۇەن باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ ۋە پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ تەدبىر - ئورۇنلاشتۇرمىلىرىنى ئەستايىدىل ئىزچىللاشتۇرۇپ، پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلقنى يېتەكلەپ قۇم دېڭىزىدا كەسكىن جەڭ قىلىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىغا «يېشىل شارپا» يۆگەپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش ۋە سۇنى ئىدارە قىلىش، سۇچىلىقنى گۈللەندۈرۈشنى «قوش ئۆستۈرۈش»، چۆللىشىپ كەتكەن ۋە قۇملىشىپ كەتكەن تۇپراق كۆلىمىنى «قوش ئازايتىش»، تەبىئىي بوستانلىق ۋە سۈنئىي بوستانلىق كۆلىمىنى «قوش ئاشۇرۇش»، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم ۋە ئىقتىسادىي ئۈنۈمنى «قوش ئىلگىرى سۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇپ، توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىدە باسقۇچ خاراكتېرلىك، بەلگە خاراكتېرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ھازىر، بۇ خىزمەت دەل ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش، داۋان ئېشىش، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىش ئاچقۇچلۇق باسقۇچىدا تۇرماقتا، ئىشنى پۇختا قىلىپ، بوشاشماي كۈرەش قىلىپ، تېخىمۇ كۆپ نەتىجىلەرنىڭ قولغا كەلتۈرۈلۈشىگە تۈرتكە بولۇش كېرەك. ئوبيېكتىپ قانۇنىيەتكە ئەمەل قىلىپ، تاغ، دەريا، ئورمان، ئېتىز، كۆل، ئوتلاق، قۇملۇقنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ قوغداش ۋە سىستېمىلىق تۈزەشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ، ئورمان بىنا قىلىشقا ماس كەلسە ئورمان بىنا قىلىش، ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈشكە ماس كەلسە ئوت - چۆپ ئۆستۈرۈش، قاقاس پېتى ساقلاشقا مۇۋاپىق كەلسە قاقاس پېتى ساقلاش، قۇم پېتى ساقلاشقا مۇۋاپىق كەلسە قۇم پېتى ساقلاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، رايونلار بىرلىشىپ ئالدىنى ئېلىش، بىرلىشىپ تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، ئىستېرېئولۇق ئېكولوگىيە مۇداپىئە تورى شەكىللەندۈرۈش كېرەك. سۈپەتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تۈرلەرنىڭ تۈر تۇرغۇزۇش ئۆتكىلى، مەشغۇلاتنى لايىھەلەش ئۆتكىلى، قۇرۇلۇش قىلىش ئۆتكىلى، سۈپەتنى تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋېلىش ئۆتكىلىنى چىڭ تۇتۇپ، تارىخنىڭ سىنىقىدىن ئۆتەلەيدىغان بولۇشقا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىش كېرەك. نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەشنى كۈچەيتىپ، قۇم مەنبەسىنىڭ كېڭىيىپ كەتمەسلىكىگە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشنى نىشان قىلىپ، نۇقتىلىق رايونلارنى گەۋدىلەندۈرۈپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، گىرۋەكنى قاشالاش يېشىل مۇداپىئە بەلبېغىنىڭ كەڭلىكىنى پۇختا كېڭەيتىش كېرەك. مېخانىزمدا يېڭىلىق يارىتىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، قۇملۇق كەسپىنى ئىلمىي، تەرتىپلىك راۋاجلاندۇرۇپ، ئېكولوگىيەگە سۇ ئىشلىتىش ئەندىزىسى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، «يورۇقلۇق ۋولت + قۇم تىزگىنلەش» مېخانىزمىدا يېڭىلىق يارىتىپ، مەركەز كارخانىلىرىنىڭ سىياسەت - تەدبىرلەرنى تۈزۈشكە قاتنىشىشىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خىزمەت ھاياتىي كۈچىنى سىجىل ئۇرغۇتۇش كېرەك. پەن - تېخنىكىنىڭ تىرەكلىك رولىنى كۈچەيتىپ، قۇم تىزگىنلەش ئاچقۇچلۇق تېخنىكىسىدا ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىشنى كۈچەيتىپ، ئەقلىي ئىقتىدارلاشتۇرۇش، ماشىنىلاشتۇرۇش سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، نەتىجىلەرنى كېڭەيتىش، ئەمەلىي قوللىنىشنى تېزلىتىش كېرەك. بىرتۇتاش پىلانلاش - ماسلاشتۇرۇشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك، ئۆلكە دەرىجىلىك قاتلاملار ئومۇمىي مەسئۇلىيەتنى زىممىگە ئېلىپ، رايون خاراكتېرلىك مۇھىم مەسىلىلەرنى تەتقىق قىلىپ ھەل قىلىشى، شەھەر، ناھىيە قاتلاملىرى كونكرېت ئىجرا قىلىشنى كۈچەيتىپ، ۋەزىپىلەرنى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ياخشى تۇتۇشى كېرەك. قۇم تىزگىنلەش ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلەپ، «ئۈچ شىمال روھى»نى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشى نەتىجىلىرىنى نامايان قىلىش كېرەك.
خوتەن ۋىلايىتى، سانجى خۇيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى، ئارال شەھىرى، مەكىت ناھىيەلىك پارتىيە كومىتېتىدىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار ۋە جۇڭگو تۆمۈريول قۇرۇلۇشى تەرەققىيات گۇرۇھى شىنجاڭ قوماندانلىق ئىشتابى، شايار ناھىيەسى موشىن تەرەققىيات چەكلىك شىركىتى، چەرچەن ناھىيەسىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەر قۇم تىزگىنلەش ئەترىتى، خېشى كارىدورى − تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭى بۆلەك رايونى مۇتەخەسسىسلەر گۇرۇپپىسىنىڭ ۋەكىللىرى يىغىندا پىكىر ئالماشتۇرۇپ سۆز قىلدى.
چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى، ھۆكۈمەت، سىياسىي كېڭەش، بىڭتۇەننىڭ ئالاقىدار رەھبەرلىرى، دۆلەت ئورمانچىلىق - ئوتلاق ئىدارىسىدىكى ئالاقىدار يولداشلار، ئاپتونوم رايوندىكى ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر ۋە بىڭتۇەندىكى ھەرقايسى شى، شەھەرلەر، ئاپتونوم رايون ۋە بىڭتۇەندىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، شىنجاڭغا ياردەم بېرىۋاتقان ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەرنىڭ ئالدىنقى سەپ قوماندانلىق ئىشتابلىرى، قىسمەن ناھىيە، شەھەر ۋە تۇەن - مەيدانلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، مۇتەخەسسىسلەر ۋە كارخانا ۋەكىللىرى قاتارلىقلار ئاساسىي يىغىن مەيدانىدا يىغىنغا قاتناشتى. ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتى ئورگىنى، ھەرقايسى ۋىلايەت، ئوبلاست، شەھەرلەر، ناھىيە، شەھەر، رايونلار، بىڭتۇەننىڭ شى، شەھەر، تۇەن - مەيدانلىرىدا شۆبە يىغىن مەيدانى تەسىس قىلىندى.
يىغىندىن ئىلگىرى، يىغىن قاتناشقۇچىلىرى كېرىيە ناھىيەسى، بىڭتۇەن 14 - شى قاتارلىق جايلارغا بېرىپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش، قۇملۇق كەسپىنى راۋاجلاندۇرۇش قاتارلىق جەھەتتىكى ئۇسۇل ۋە نەتىجىلەرنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم تەكشۈردى.