□گېزىتىمىز ئوبزورچىسى
ئېكولوگىيە مەنزىرىسى نېمە ئۈچۈن كىشىنى ھاياجانغا سالىدۇ؟ ھەم يېشىللىق بىلەن قاپلانغاچقا، تېخىمۇ مۇھىمى بوشاشماي كۈرەش قىلىش بولغاچقا. شىنجاڭنىڭ «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى ھەم تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى ئالغا سىلجىتىش يىغىنىدا نەتىجە ۋە تەجرىبىلەر يەكۈنلەندى، نۇقتىلىق خىزمەتلەر ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، بۇ، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى يەنىمۇ ياخشى قىلىشتىكى قايتا سەپەرۋەرلىك، قايتا ئورۇنلاشتۇرما بولۇپ، بىزنىڭ توختىماي ئىلگىرىلەپ، داۋاملىق كۈرەش قىلىپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدە پۈتۈن كۈچىمىز بىلەن غەلىبە قىلىپ، تەكلىماكان قۇملۇقى گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنىڭ نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۆلىتىمىزنىڭ شىمالىدىكى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.
قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش تاشنى دومىلىتىپ تاغقا چىقىش جەريانى بولۇپ، ئىرادىدىن قايتماي، بىر مەقسەتتە ھەمكارلىشىشقا ئەھمىيەت بېرىش كېرەك. ھازىر، شىنجاڭنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈم قولغا كەلتۈرۈلدى، بولۇپمۇ پۈتۈن شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت خەلق قۇم دېڭىزىدا كەسكىن جەڭ قىلىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىغا «يېشىل شارپا» تاقىدى، بۇ، دۆلىتىمىزنىڭ «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭىدىكى كىشىنى ھاياجانغا سالىدىغان تارىخىي پەيت، ئىنسانلارنىڭ قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش تارىخىدىكى كىشىنى ھەيران قالدۇرىدىغان يېشىللىق مۆجىزىسى، تېخىمۇ مۇھىمى، شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنىڭ شىنجاڭدىكى جانلىق ئەمەلىيىتى بولۇپ، ئۇنىڭ ئەھمىيىتى زور، قەلبلەرنى ئىلھاملاندۇرىدۇ.
نەتىجىلەرنى كۆرۈش بىلەن بىللە، شۇنىمۇ كۆرۈشىمىز كېرەككى، شىنجاڭ يەنىلا ئېكولوگىيەسى ئاجىز رايون، قۇملاشقان يەر كۆلىمى چوڭ، تارقىلىشى كەڭ، دەرىجىسى ئېغىر، تۈزەش قىيىن بولۇشتەك ئاساسىي ھالىتى تېخى تۈپتىن ئۆزگەرمىگەن بولۇپ، چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش خىزمىتى ۋەزىيىتى يەنىلا كەسكىن. نۆۋەتتە، ئېكولوگىيە مۇداپىئە لىنىيەسىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىش جېڭىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇر ئالغا سىلجىتىش بوستانلىق يېزا ئىگىلىكى تەرەققىياتى، تۈرلۈك بايلىق - ئېنېرگىيەنى ئىمكانىيەتلىك سىجىل ئېچىپ پايدىلىنىشقا مۇناسىۋەتلىك بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى گۈزەل جۇڭگو قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك، ھەر مىللەت ئاممىنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىشكە مۇناسىۋەتلىك. يۈكسەكلىكنى يەنىمۇ ئۆستۈرۈپ، بۇرچ تۇيغۇسى ۋە تەخىرسىزلىك تۇيغۇسىنى كۈچەيتىپ، ئىشەنچ ۋە ئىرادىنى چىڭىتىپ، ئەۋزەل كۈچلەرنى مەركەزلەشتۈرۈپ، سىجىل تۈردە كۈچنى مۇجەسسەملەپ ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ، «ئۈچ شىمال» قۇرۇلۇشى بويىچە ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىش جېڭى، تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىدىكى توسۇپ زەربە بېرىش جېڭىنى شى جىنپىڭ ئېكولوگىيە مەدەنىيلىكى ئىدىيەسىنى ئەمەلىيەتتىن ئۆتكۈزۈشتىكى بەلگە خاراكتېرلىك قۇرۇلۇش قىلىپ قۇرۇپ چىقىش كېرەك.
چۆللىشىشنىڭ ئالدىنى ئېلىش - تىزگىنلەش ۋە قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىنى ياخشى ئىشلەشتە قارىقويۇق ئىش قىلىشقا بولمايدۇ، ھەم سىستېمىلىق قاراشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك، ھەم تىزگىنلەش مۇھىم نۇقتىسىنى گەۋدىلەندۈرۈش كېرەك. دىققەتنى تەكلىماكان قۇملۇقىنىڭ گىرۋىكىنى قاشالاش نەتىجىلىرىنى مۇستەھكەملەش، كېڭەيتىشتىكى «ئاساسىي جەڭ مەيدانى»غا مەركەزلەشتۈرۈپ، «بىر چەمبەر، ئىككى رايون، ئۈچ لىنىيە»دىن ئىبارەت نۇقتىلىق رايونلارنى چۆرىدەپ، يېشىللىق دائىرىسىنى كېڭەيتىشنى ئاساسىي مەزمۇن قىلىپ، تەكلىماكان قۇملۇقىدىكى «يېشىل شارپا»نى تېخىمۇ پۇختا توقۇپ چىقىش كېرەك. قۇربانتوڭغۇت قۇملۇقىنى ئۇنىۋېرسال تۈزەشتىكى «ئاچقۇچلۇق نۇقتا»نى مەھكەم ئىگىلەپ، بىر تۈركۈم ئېكولوگىيەنى قوغداش - ئەسلىگە كەلتۈرۈش چوڭ - چوڭ تۈرلىرىنىڭ ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇپ، يېپىنچا ئۆسۈملۈكلەر بىلەن قاپلىنىش دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ، قۇملۇق يەر، قۇم بارخانلىرىنىڭ مۇقىملىقىنى كۈچەيتىش كېرەك. ئېكولوگىيە قۇرۇلۇشىدىكى چوڭ - چوڭ تۈر قۇرۇلۇشلىرىنىڭ «باش يېتەكچى»لىكىنى چىڭ تۇتۇپ، تۆھپىسى ھازىرقىلارغا، پايدىسى كېيىنكىلەرگە بولىدىغان يېشىل قۇرۇلۇش، ئەلا سۈپەتلىك قۇرۇلۇش، خەلق تۇرمۇشى قۇرۇلۇشىنى بەرپا قىلىش كېرەك. قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەشتىكى ئامىل كاپالىتى «بىرىكمە تەدبىرى»نى ياخشى قوللىنىپ، ئېكولوگىيەلىك ئۈنۈم، ئىقتىسادىي ئۈنۈم، جەمئىيەت ئۈنۈمىنىڭ ئورگانىك بىرلىكىنى ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك پارتىيە كومىتېتى ۋە ھۆكۈمەت سىياسىي مەسئۇلىيەتنى قەتئىي زىممىگە ئېلىشى، پارتىيە كومىتېتى، ھۆكۈمەتتىكى ئاساسلىق مەسئۇل يولداشلار تەشەببۇسكارلىق بىلەن بىرىنچى سەپكە چوڭقۇر چۆكۈپ، مەسىلىلەرنى ماسلاشتۇرۇپ ھەل قىلىشى، ھەر دەرىجىلىك قوماندانلىق ئىشتابلىرى، ھەرقايسى باشلامچى ئورۇنلار، ئورمانچىلىق ۋە ئوتلاق تارماقلىرى قاتارلىقلار ئۆز مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىپ، بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، قۇمدىن مۇداپىئەلىنىش، قۇم تىزگىنلەش خىزمىتىدە ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك.
جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش − ئادەم بىلەن تەبىئەت ئىناق بىللە ئۆتىدىغان زامانىۋىلاشتۇرۇش. يېڭى مۇساپىدە، بىز ئىستراتېگىيەلىك ئىرادىنى ساقلاپ، «ئۈچ شىمال روھى»نى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇپ، «تۆھپە يېزىشتا مەن بولمىساممۇ بولىدۇ» دەيدىغان مەنزىل ۋە «تۆھپە قوشۇشتا چوقۇم مەن بولۇشۇم كېرەك» دەيدىغان مەسئۇلىيەتچانلىق بىلەن، قەتئىي تەۋرەنمەي يېشىللىقنى قۇملۇقنىڭ ئىچكىرىسىگە كېڭەيتىپ، قۇملۇق يېشىل تۈسكە كىرگەن ئېكولوگىيە گۈزەل مەنزىرىسىنى ھەيۋەتلىك نامايان قىلىپ، ۋەتىنىمىزنىڭ شىمالىدىكى ئېكولوگىيە بىخەتەرلىك توسۇقىنى مۇستەھكەملەش ئۈچۈن شىنجاڭ كۈچىنى قوشۇشىمىز كېرەك.