ساۋما قىلىپ مەخسۇس تېمىنى كۆرۈڭ
■ئىستون سۆزى
بىر چاغلاردا، «توغرىسىغا كېسىپ ئۆتكەن تىيانشاندىن، ئۇچار قۇشلارنىڭمۇ ئۇچۇپ ئۆتمىكى تەس» دېگەن سۆز شىنجاڭنىڭ ھەقىقىي تەسۋىرى ئىدى. بۈگۈنكى كۈندە، قاتار كەتكەن يۇقىرى سۈرئەتلىك يوللار تىيانشاننىڭ جەنۇبى - شىمالىنى تۇتاشتۇرۇپ، بۇ بىپايان رايوننىڭ زامان - ماكان خەرىتىسىنى قايتا شەكىللەندۈرمەكتە. ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى پەيتىدە، ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى «يۇقىرى سۈرئەتلىك يولنى بويلاپ شىنجاڭغا نەزەر سېلىش» تېمىسىدا مەخسۇس ئىستون، مەخسۇس سەھىپە ئاچتى، ئىككى لىنىيەدىكى مۇخبىرلار ئايرىم - ئايرىم ھالدا G30 ۋە G3012 يۇقىرى سۈرئەتلىك يول لىنىيەسىنى بويلاپ يولغا چىقىپ، سەپەر شەكلىدىكى خەۋەر قىلىش ئۇسۇلى ئارقىلىق، شىنجاڭنىڭ ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى چوڭقۇر ئۆزگىرىشلەرنى خاتىرىلەپ، تىيانشاننىڭ جەنۇب - شىمالىدىكى جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەپ ئەمەلىي ئىشلەيدىغان، ھاياتىي كۈچ ئۇرغۇپ تۇرغان يېڭى مەنزىرىنى پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلىدۇ.
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ياۋ گاڭ، سو رۇڭجى
6 - ئاينىڭ 23 - كۈنى كەچتە، قۇياشنىڭ قالدۇق نۇرى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازاردىكى سەيلە مۇنارى ئارىلىقىدىن يېنىپ، رەڭگارەڭ نېئون چىراغلار كېچە ئاسمىنىنى يورۇتتى − كېچە مەنزىرىسى، كېچىلىك ساياھەت ۋە كېچىلىك مال سېتىۋېلىش بۇ جايدا گىرەلەشتى.
پىيادىلەر كوچىسىدىكى رەت - رەت سېلىنغان دۇكانلار ۋە ئۇياقتىن - بۇياققا ئۆتۈشۈپ تۇرىدىغان ساياھەتچىلەر كېچىدىكى ئاساسىي مېلودىيە بولۇپ، لەرزان مۇزىكا ئاۋازى ۋە ساياھەتچىلەرنىڭ خۇشال كۈلكە ئاۋازى ئۈزۈلمەي ئاڭلىنىپ تۇراتتى.
ئۆزتۈر يىپەك سارىيىدا، دۇكان خادىمى ئارزۇگۈل مەمەت پۇتۇڭخۇاغا ئىنگلىزچىنى ئارىلاشتۇرۇپ سۆزلەپ، بىرنەچچە ئەنگلىيەلىك ساياھەتچى ھەم ساياھەت يېتەكچىسىگە ئەتلەس توقۇش ھۈنەر - سەنئىتىنى تونۇشتۇردى. «چوڭ بازارغا دۆلەت ئىچىدىكى ساياھەتچىلەرلا ئەمەس يەنە چەت ئەللىك ساياھەتچىلەرمۇ كېلىدۇ، ئازراق بولسىمۇ ئىنگلىز تىلىنى بىلسەك سودا قىلىشقا قولاي بولىدۇ.» قىزغىن، ئوچۇق - يورۇق ئارزۇگۈل ئەتلەستىن تىكىلگەن كىيىم كىيگەن بولۇپ، چېھرىدە تەبەسسۇم جىلۋىلىنىپ تۇراتتى.
كۆزنى قاماشتۇرىدىغان تاۋارلار، ئىشتىھانى قوزغايدىغان مەززىلىك تائاملار... شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار سانسىزلىغان ساياھەتچىنى كېلىشكە جەلپ قىلدى. «بۇ جايغا كېلىش بەك قولايلىق ئىكەن، مېترو بېكىتىدىن چىقساقلا كېلىدىكەنمىز.» گۇاڭشىلىق ساياھەتچى لى جۈن توردا شىنجاڭنىڭ ساياھەت تونۇشتۇرۇشىغا مەپتۇن بولۇپ، ئايروپىلاندىن چۈشكەندىن كېيىن چامادانىنى سۆرەپ، مېتروغا ئولتۇرۇپ ئۇدۇل بۇ جايغا كەلدى. ياز پەسلى كىرىپ، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 120 مىڭدىن 150 مىڭغىچە ئادەم قېتىم ساياھەتچى كۈتۈۋالدى.
ساياھەتچىلەر كۆپەيسە ئېھتىياج تېخىمۇ كۆپىيىدۇ. شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار «ئالدىن تۆلەم بېرىش» مېخانىزمىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، مەخسۇس تۆلەم مەبلىغى كۆلچىكى تەسىس قىلىپ، «چوڭ بازار مەنزىرە رايونىنىڭ مەدەنىي، سەمىمىي تىجارەت قىلىش ئەھدىنامىسى»نى ئوتتۇرىغا چىقىرىپ، «تىجارەتنى قېلىپلاشتۇرۇش. سەمىمىي مۇلازىمەت قىلىش» بويىچە مەخسۇس تېمىدا تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇپ، يېمەك - ئىچمەك، ياتاق، مەدەنىيەت ئىجادىيىتى قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى سودىگەرلەرنى قاپلاپ، نەق مەيداندا باھا بەلگىسىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، ئىستېمالچىلارنىڭ ھوقۇقىنى قوغداش مۇلازىمەت پونكىتى تەسىس قىلىپ، 24 سائەت نازارەت قىلىش مۇلازىمەت قىزىق لىنىيەسىنى ئېلان قىلىپ، ئەرزنى بىر تەرەپ قىلىش ئىشلىرىنى ۋاقتىدا بېجىردى. مۇلازىمەت سۈپىتىنىڭ ئۆستۈرۈلۈشى شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارنى نۇرغۇن ساياھەتچىنىڭ شىنجاڭغا كەلگەندىكى تۇنجى بېكىتىگە ئايلاندۇردى.
شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار مەنزىرە رايونى مۇلازىمەت مەركىزىنىڭ مۇئاۋىن مۇدىرى سۇ شۆلۇ مۇنداق تونۇشتۇردى: تىجارەت باشلاش ئالدىدا تۇرغان جياڭلەيچېڭ مەدەنىيەت - سودا - ساياھەت ئۇنىۋېرسال گەۋدىسى 1 - قەۋەتتە شەھەر ئايروپىلان كۈتۈش زالى تەسىس قىلىپ، ساياھەتچىلەرگە ئايروپىلانغا چىقىش كارتىسى بېجىرىش، يۈك - تاقنى ھاۋالىلىك توشۇش ھەم چەت ئەل پۇلىنى ئالماشتۇرۇش قاتارلىق مۇلازىمەتلەر بىلەن تەمىنلەپ، ساياھەتچىلەرگە يەنىمۇ قولايلىق يارىتىدۇ.
چىقىم قىلىش قولايلىق بولۇش ئوخشاشلا ساياھەتچىلەرنىڭ تەسىراتىنى ئاشۇردى. نان باش تېما سارىيىدا، قازاقىستانلىق ساياھەتچى فەپىزا فىرۇزەنى نان قەھۋەسى، نان ئەتكەن چېيى قاتارلىقلار جەلپ قىلدى، ئۇ كارتا سۈركەپ بىردەمدىلا مەززىلىك نان قەھۋەسىنى قولىغا ئالدى. «كارتا سۈركىسىلا ھېسابات قىلغىلى بولىدىكەن، نەق پۇل ئالماشتۇرغاندىن كۆپ قولايلىق ئىكەن.» چېگرادىن كىرگەن ساياھەتچىلەرگە «غەمسىز چىقىم قىلىش»نى ھېس قىلدۇرۇش ئۈچۈن، ئۈرۈمچى شەھىرى دىققەتنى ئايرودۇرۇم، سودا چەمبىرىكى، كېچىلىك ئىستېمال توپلاشقان رايون قاتارلىق چەت ئەللىك كىشىلەر كۆپ كېلىدىغان پائالىيەت ئورنىغا مەركەزلەشتۈرۈپ، نۇقتىلىق سودىگەرلەر چەت ئەل كارتىسىنى قوبۇل قىلىش تېرمىنالى بىلەن %100 قاپلىنىشنى ئىشقا ئاشۇردى.
ئىجتىمائىي ئالاقە سۇپىسىدا ساياھەتچىلەرنىڭ ھەر كۈنى سائەت 20دىن باشلاپ شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازارنى كېچىلىك ساياھەت قىلىشى تەۋسىيە قىلىندى، بۇنىڭغا شىنجاڭدا يازدا كېيىن قاراڭغۇ چۈشۈش، كەچقۇرۇن تېخىمۇ سالقىن بولۇش، تېخىمۇ مۇھىمى مەنزىرە رايونىنىڭ مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنى يۇغۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ كېچىنى كۈندۈزدەك ئاۋاتلاشتۇرغانلىقى سەۋەب بولغان. مەركىزىي سەھنىدە ئۆزگەرتىپ ئىشلەنگەن شىنجاڭ ناخشا - ئۇسسۇللىرى ئورۇنلىنىۋاتاتتى، لازېر نۇرلۇق رادون چىرىغى مۇزىكىغا ئەگىشىپ ھەرىكەتلەندى، ساياھەتچىلەر رىتىمغا ئەگىشىپ ئۇسسۇلغا چۈشتى؛ چوڭ تىپتىكى VR چۆكۈش شەكلىدىكى تىياتىرخانا «يىپەك يولىدىكى ئاجايىپ ئۇچرىشىش خاتىرىسى» ساياھەتچىلەرنى قەدىمدىن ھازىرغا ھالقىپ ئۆتۈپ، يىپەك يولىنىڭ تارىخىي ئۆزگىرىشلىرىنى ھېس قىلدۇردى... بۇ يىل بەرپا قىلىنغان «كەچلىك بازار» تۈرىنىڭ تىجارەت ۋاقتى ھەر كۈنى سائەت نۆلگىچە ئۇزارتىلدى.
ئەنئەنىۋى سودا كوچىسىدىن مەدەنىيەت بىلەن ساياھەتنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىغىچە، يەنە ئاپتونوم رايون كېچىلىك ئىستېمال ئۈلگە كۆرسىتىش رايونىغىچە، شىنجاڭ خەلقئارا چوڭ بازار ئەنئەنىۋى بازار ئۇقۇمى پاسىلىنى بۇزۇپ تاشلاپ، مەڭگۈ ئاخىرلاشمايدىغان «يىپەك يولى مېھمان كۈتۈش زالى» ئارقىلىق، مىڭ يىللىق يىپەك يولىدىكى كولدۇرما رىۋايىتىنى داۋاملاشتۇرماقتا.