□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى گاۋ فېڭ
جاي - جايلاردىن كەلگەن مېھمانلارنى قىزغىن كۈتۈۋېلىپ، كەڭ دائىرىدە ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش. 2025 - يىللىق (جۇڭگو) ئاسىيا - ياۋروپا تاۋار سودا كۆرگەزمىسى پات ئارىدا باشلىنىدۇ، ھەرقايسى جايلاردىن كەلگەن سودىگەرلەر قىزغىنلىققا تولغان شىنجاڭدا يەنە بىر قېتىم جەم بولۇپ، ھەمكارلىشىش ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىدۇ، ئورتاق پايدا ئېلىش ئۈستىدە ئىزدىنىدۇ.
تۆت نۆۋەت ئۆتكۈزۈلگەن تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە، ھەرقايسى دۆلەتلەردىكى سودىگەرلەرنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولۇپ، شىنجاڭنىڭ سىرتقا ئېچىۋېتىشنى تېخىمۇ چوڭقۇر قاتلام، تېخىمۇ كەڭ ساھەگە قاراپ تەرەققىي قىلدۇرۇشىغا تۈرتكە بولدى. كاتتا مەرىكە پەردىسىنىڭ يەنە بىر قېتىم ئېچىلىشى بىلەن، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق جەزمەن تېخىمۇ كۆپ مول مېۋە بېرىدۇ.
يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىش ئوبرازىنى نامايان قىلىش
بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ كۆرگەزمە رايونىنى ئورۇنلاشتۇرۇشتا «N+10+1» ئەندىزىسى ئىجادىي قوللىنىلدى، بۇنىڭ ئىچىدىكى «1» يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئوبرازىنى نامايان قىلىشنى گەۋدىلەندۈرۈشتىن ئىبارەت باش تېمىغا ۋەكىللىك قىلىدۇ.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، شىنجاڭ يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى يادرولۇق رايونى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىشنى تۈرتكە قىلىپ، ئۆزىنىڭ رايون خاراكتېرلىك ئېچىۋېتىش ئىستراتېگىيەسىنى دۆلەتنىڭ غەربكە ئېچىۋېتىش ئومۇمىي ئورۇنلاشتۇرۇشىغا كىرگۈزۈپ، ئاسىيا - ياۋروپا ئالتۇن يولى ۋە غەربكە ئېچىۋېتىشتىكى كۆۋرۈك بېشى ئىستىھكامىنى پائال بەرپا قىلىپ، يېڭى يىپەك يولى مۆجىزىسىنى ئۈزلۈكسىز ياراتتى:
− ئالدىنقى بەش ئايدا، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى 227 مىليارد 670 مىليون يۈەن بولۇپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %22.9 ئاشتى؛ يېقىنقى ئۈچ يىلدىن بۇيان، شىنجاڭنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت - ئېكسپورت ئومۇمىي قىممىتى ھەر يىلى 100 مىليارد يۈەنلىك باسقۇچتىن ھالقىپ ئۆتۈپ، ئېشىش سۈرئىتى ئىككى خانىلىق ساندىن يۇقىرى بولۇشنى ساقلىدى؛
− پورت ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىنى تېزلىتىپ، تاموژنىدىن ئۆتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، جۇڭگو - ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى، جۇڭگو - قىرغىزىستان - ئۆزبېكىستان تۆمۈريولى قاتارلىق چېگرا ھالقىغان يوللارنىڭ دائىملىق يۈرۈشۈشىگە تۈرتكە بولۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىدىغان دۆلەتلەرنى تېخىمۇ قولايلىق بولغان ئەشيا ئوبوروت مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلىدى؛
− جۇڭگو (شىنجاڭ) ئەركىن سودا سىناق رايونى ۋىۋىسكا ئېسىپ قۇرۇلغاندىن بۇيان، 129 تۈرلۈك ئىسلاھاتنى نۇقتىدا سىناق قىلىش ۋەزىپىسىنى ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇپ، خەلقئارا يۇقىرى ئۆلچەملىك ئىقتىساد - سودا قائىدىسىگە ئۇدۇللىشىپ، تۈزۈم تىپىدىكى ئېچىۋېتىش سەۋىيەسىنى كۈچەپ ئۆستۈردى...
بەش قىتئەدىن كېلىپ بىر - بىرى بىلەن ئۇچرىشىش، نۇرغۇن سودىگەر جەم بولۇش. تاۋار سودا كۆرگەزمىسى بىر كۆزنەك، ئۇ، شىنجاڭنىڭ ئۈزلۈكسىز ئالغا سىلجىتىلىۋاتقان يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىش ئوبرازىنى مەركەزلىك نامايان قىلماقتا.
«بۈگۈنكى شىنجاڭ ئېچىۋېتىشتىكى ئالدىنقى سەپ. ھەرقانداق بىر كارخانا شىنجاڭدا شەرق ۋە غەربتىن ئىبارەت ئىككى كەڭ بازارغا ئوخشاشلا يۈزلىنىدۇ، شىنجاڭ مەبلەغ سېلىشتىكى قالتىس جايغا ئايلاندى.» 2023 - يىللىق تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە، جېڭۋېي خەلقئارا گۇرۇھى مۇدىرىيىتىنىڭ رەئىسى ۋاڭ ۋېنيىننىڭ نۇتقىدا شىنجاڭنىڭ «شەرق بىلەن بىرلىشىپ غەربكە چىقىرىش، غەربتىن كىرگۈزۈپ شەرقتىن ئېلىپ كېلىش» ئېچىۋېتىش ئەۋزەللىكى ئەكس ئەتتۈرۈلدى.
«يىپەك يولى سودا سۇپىسى بەرپا قىلىپ، ئاسىيا - ياۋروپا كەسىپ ساھەسىدە ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىش» «يىپەك يولى سودا سۇپىسى بەرپا قىلىش، ئىقتىسادىي جەھەتتە ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئېلىشقا تۈرتكە بولۇش» «يىپەك يولى روھىنى ئەۋج ئالدۇرۇش، ئاسىيا - ياۋروپا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش» «ئاسىيا - ياۋروپا ھەمكارلىقى ئۈستىدە ئورتاق كېڭىشىش، يىپەك يولىنىڭ گۈللىنىشىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش»... ئۆتكەن ھەر نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ باش تېمىسىغا «ھەمكارلىق» دېگەن سۆز مۇجەسسەملەنگەن.
بۇ، تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ ئەسلىدىكى ئىنتىلىش نىشانى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى شىنجاڭنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىشىدىكى ماھىيەتلىك مەزمۇن. شىنجاڭنىڭ ئېچىۋېتىلگەن دەرۋازىسى بارغانسېرى چوڭ ئېچىۋېتىلىپ، ئاسىيا - ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى كېڭەيتىش داۋامىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا جەلپ قىلىنىپ، «تىنچ ھەمكارلىشىش، ئوچۇق - سىغدۇرۇشچان بولۇش، ئۆزئارا ئۆگىنىش، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىش»تىن ئىبارەت يىپەك يولى روھى كەڭ ئەۋج ئالدۇرۇلدى.
ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق سۇپىسى بەرپا قىلىش
6 - ئاينىڭ بېشىدا، تاۋار سودا كۆرگەزمىسى ئېچىلىش ھارپىسىدا، شىنجاڭ تىيانشان لىفىت ياساش چەكلىك شىركىتى مەخسۇس تەييارلىغان كۆرگەزمە بۇيۇملىرىنى جىددىي ياسىدى. بۇ نۆۋەتلىك كۆرگەزمىدە، بۇ شىركەت 400 كىلوگىراملىق ۋە 250 كىلوگىراملىق لىفىتلارنى كۆرگەزمىگە قويۇپ، ھەرقايسى دۆلەت سودىگەرلىرىنىڭ بىۋاسىتە ھېس قىلىشى ئۈچۈن قولايلىق يارىتىدۇ.
«تاۋار سودا كۆرگەزمىسى بىزنىڭ خەلقئاراغا يۈزلىنىشىمىزدىكى مۇھىم سۇپا.» بۇ شىركەتنىڭ باش مۇدىرى جۇڭ جيەنگو مۇنداق دېدى: «جۇڭگو ياسىمىچىلىقى»نىڭ تەسىر كۈچى سىجىل ئېشىۋاتقان پۇرسەتتىن پايدىلىنىپ، كارخانىمىز يېڭى پۇرسەتنى كۈتۈۋېلىپ، رۇسىيە، قازاقىستان قاتارلىق نۇرغۇن دۆلەتلەردىكى سودىگەرلەر بىلەن چوڭقۇر كېڭىشىۋاتىدۇ.
مەھسۇلاتلارنى مەركەزلىك كۆرگەزمە قىلىش، تەمىنلەش - ئېھتىياجىغا دائىر كېڭىشىشنى قانات يايدۇرۇش، سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش تونۇشتۇرۇش يىغىنى ئۆتكۈزۈش... كۆپ يىللىق تەرەققىيات نەتىجىسىدە، تاۋار سودا كۆرگەزمىسى مول بولغان ئىقتىساد - سودا كېڭىشىشىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش پائالىيىتى ئارقىلىق، ئاسىيا - ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ سودىگەرلىرى ئارىسىدىكى ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاسىيا - ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشتىكى مۇھىم سۇپىغا ئايلاندى.
كۆرگەزمىگە قاتنىشىش كۆلىمى كۈنسېرى كېڭەيدى. بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە، ئاسىيا، ئافرىقا، لاتىن ئامېرىكىسى قاتارلىق 50 دۆلەت (رايون)، دۆلەت ئىچىدىكى 21 ئۆلكە، ئاپتونوم رايون، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەردىن كەلگەن 2000دىن ئارتۇق كارخانا كۆرگەزمىگە، يىغىنغا قاتنىشىدۇ، 140 مىڭ كىۋادرات مېتىر كېلىدىغان زال ئىچى - سىرتى كۆرگەزمە رايونى تەسىس قىلىنىدۇ. تاۋار سودا كۆرگەزمىسىنىڭ تەرەققىيات مۇساپىسىگە نەزەر سالساق، كۆرگەزمىگە قاتناشقان كارخانىلارنىڭ سانى 2015 - يىلىدىكى 800 نەچچە كارخانا بىلەن سېلىشتۇرغاندا بىر ھەسسىدىن ئارتۇق قاتلىنىپ، ھەرقايسى دۆلەتتىكى سودىگەرلەرنى كېڭىشىش - ھەمكارلىشىشنى قانات يايدۇرۇش كەڭ بوشلۇقى بىلەن تەمىنلىدى.
سودا ئالاقىسى نەتىجىسى كۆرۈنەرلىك بولدى. 2023 - يىللىق تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە، جەمئىي 360 ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىق تۈرى ئىمزالانغان بولۇپ، ئىقتىساد - سودا نەتىجىسى 521 مىليارد 37 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئىلگىرىكى ھەر نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىلىرىگە قارىغاندا زور دەرىجىدە ئاشتى. بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە 60 نەچچە مەيدان سودىنى ئىلگىرى سۈرۈش پائالىيىتى ئۆتكۈزۈلىدىغان بولۇپ، بۇ، كەسىپلەرنى ئۇدۇللاشتۇرۇپ كېڭىشىش ۋە نەتىجىلەرنى ئېلان قىلىش، سودىگەر چاقىرىپ مەبلەغ جەلپ قىلىش بويىچە تونۇشتۇرۇش قاتارلىقلارغا مۇناسىۋەتلىك.
تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ ئىقتىساد - سودا كېڭىشىش - ھەمكارلىشىش سۇپىسى ئارقىلىق، شىنجاڭ ياڭىقى سىنگاپور بازىرىدىكى سېتىش يولىنى ئاچتى، ئۆزبېكىستاننىڭ قۇرۇق مېۋىلىرى چاڭجياڭ دېلتىسى، جۇجياڭ دېلتىسى قاتارلىق رايونلارغا سېتىلدى، شىنجاڭدىكى كانچىلىق شىركەتلىرىمۇ موڭغۇلىيە، قازاقىستان قاتارلىق دۆلەتلەردىكى كانچىلىق شىركەتلىرى بىلەن ھەمكارلىقنى ئىشقا ئاشۇردى... سودا دائىرىسى كېڭەيدى، دوستلار چەمبىرىكى چوڭايدى، كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان سودىگەرلەر تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدىن ئىبارەت بۇ سۇپىنىڭ رولىنى بارغانسېرى ئېتىراپ قىلدى.
«تاۋار سودا كۆرگەزمىسى كۆرگەزمىگە قاتنىشىدىغان سودىگەرلەرنى پۈتۈن مەملىكەت ھەتتا دۇنياغا يۈزلەنگەن ئالماشتۇرۇش سۇپىسى بىلەن تەمىنلەپ، كارخانىلارنىڭ تېز تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولالايدۇ» دېدى شىنجاڭ جياڭنۇڭيۈەن بىيو پەن - تېخنىكا چەكلىك شىركىتىنىڭ باش دىرېكتورى لى شىنۋېي.
ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش كۆۋرۈكى بەرپا قىلىندى
دۆلەتلەر ئارا مۇناسىۋەت خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشىگە باغلىق، خەلقنىڭ يېقىن ئۆتۈشى خەلق قەلبىنىڭ تۇتىشىشىغا باغلىق. تاۋار سودا كۆرگەزمىسى سۇپىسىدا، ھەرقايسى دۆلەت سودىگەرلىرى، ھەر ساھە زاتلار چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، سىغدۇرۇشچان بولۇپ، ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىپ، شىنجاڭنىڭ ئاسىيا - ياۋروپادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەر بىلەن بولغان مەدەنىيەت، قانۇن قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، خەلق قەلبىنى تۇتاشتۇرىدىغان كۆۋرۈك بەرپا قىلدى.
«جۇڭگودا نۇرغۇن ھەمكارلىق ھەمراھلىرىمىز بار، تاۋار سودا كۆرگەزمىسى خۇددى يېڭى - كونا دوستلارنىڭ بىر مەيدان چوڭ يىغىلىشىغا ئوخشايدۇ، ئۇ بىزنى يەنە بىر قېتىم جەم بولۇپ ھەمكارلىق توغرىسىدا پاراڭلىشىش، دوستلۇق ئىزھار قىلىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىدۇ» دېدى 2023 - يىللىق تاۋار سودا كۆرگەزمىسى كارخانىلار ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى ئۇدۇللاشتۇرۇش يىغىنى (جۇڭگو شىنجاڭ − ئوتتۇرا ئاسىيا ۋە رۇسىيە مەخسۇس مەيدانى)دا، قازاقىستان ئېكسپورت سۇغۇرتا شىركىتىنىڭ جۇڭگودا تۇرۇشلۇق رايون دىرېكتورى سېرگىي سارمانوف.
رومانتىكىلىق بىلەن ماس قەدەمدە مېڭىش، ياشلىق باھارى بىلەن بىرلىكتە ئۇسسۇلغا چۈشۈش، ئاسىيا - ياۋروپا مودا كىيىم ھەپتىلىكى تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدىكى كۆپ خىل مەدەنىيەتنىڭ ئۇچرىشىش ۋە ئالماشتۇرۇش سەھنىسى ھېسابلىنىدۇ. «جۇڭگو شىنجاڭغا ھەر قېتىم كەلسەم، شىنجاڭلىق لايىھەلىگۈچىلەرنىڭ ئەسەرلىرىنى ھەر قېتىم كۆرسەم، ناھايىتى ھەيران قالىمەن ۋە خۇشال بولىمەن.» ئاسىيا - ياۋروپا مودا كىيىم ھەپتىلىكى پائالىيىتىگە كۆپ قېتىم قاتناشقان ئوتتۇرا ئاسىيالىق لايىھەلىگۈچى ھەيدەرخان كالىيېف مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئامىلىنى ئۆز لايىھەمگە سىڭدۈرۈشنى سىنايمەن ھەم جۇڭگولۇق لايىھەلىگۈچىلەر بىلەن ھەمكارلىشىشنى ئارزۇ قىلىمەن.
بۇ نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسىدە 27 دۆلەت دۆلەت (رايون) تاۋار سارىيىنى كۆڭۈل قويۇپ بەرپا قىلىدىغان بولۇپ، ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات نەتىجىلىرى، ئەۋزەل بايلىقلىرى ۋە خاس مەھسۇلاتلىرى ئىستېرېئولۇق نامايان قىلىنىدۇ، بۇ، ھەرقايسى دۆلەتلەر ئارىسىدىكى مەدەنىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى يەنىمۇ ئىلگىرى سۈرىدۇ.
قانۇنچىللىق «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشتا كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇش، ماجىرالارنى تۈگىتىش، ئۇزاققىچە نەپ يەتكۈزۈشتىن ئىبارەت كاپالەتلەندۈرۈش رولىنى ئويناپ كەلمەكتە. جۇڭگو بىلەن ئوتتۇرا ئاسىيادىكى ھەرقايسى دۆلەتلەرنىڭ ئىقتىساد - سودىدا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدىكى ھەمكارلىقىغا تۈرتكە بولۇش قانۇنچىللىقنىڭ قوغدىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.
ئالدىنقى نۆۋەتلىك تاۋار سودا كۆرگەزمىسى مەزگىلىدە، ئوتتۇرا ئاسىيا قانۇن مۇلازىمىتى ھەمكارلىق مۇنبىرى ئۆتكۈزۈلۈپ، ئوتتۇرا ئاسىيا قانۇن مۇلازىمىتى ھەمكارلىق مېخانىزمى قوزغىتىلدى، ئوتتۇرا ئاسىيا قانۇن مۇلازىمىتى ھەمكارلىقى ۋە تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش ئوتتۇرا ئاسىيا ھەمكارلىقىنى ئەلا سۈپەتلىك، يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان خەلقئارالىق قانۇن مۇلازىمىتى بىلەن تەمىنلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا تۈرتكە بولدى.
بۈگۈنكى كۈندە، شىنجاڭ «بىر بەلباغ، بىر يول» ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقى قانۇن مۇلازىمەت سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئالغا سىلجىتىش جەھەتتە پۇختا قەدەم تاشلىدى. يىپەك يولى ئىقتىساد بەلبېغى قانۇن ئىشلىرى رايونى شىنجاڭ ئەركىن سودا سىناق رايونىنىڭ ئىجادىي نەتىجىسى بولۇپ ماكانلاشتى، ئۈرۈمچى خەلقئارا كېسىم مەھكىمىسىنىڭ يوپۇقى ئېچىلىپ، «بىر بەلباغ، بىر يول» سودا ئىشلىرى كېسىمىنى ئەمەلدە كۆرسىتىشنىڭ خەلقئارالىق يولى ئۈستىدە پائال ئىزدىنىلىپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ سىرتقا چىقىشىغا ۋە چەت ئەل كارخانىلىرىنى كىرگۈزۈشكە مۇلازىمەت قىلىندى.
تۆگە كولدۇرمىلىرىنىڭ ئاۋازى پويىزلارنىڭ گۈلدۈرلىشىگە ئايلاندى، يىپەك يولى قەدىمىي يولى ئېچىۋېتىش تۈگۈنىگە ئۆزگەردى. تاۋار سودا كۆرگەزمىسى ئارقىلىق شىنجاڭ دۇنيا بىلەن كەينى - كەينىدىن سۆھبەتلىشىشنى قانات يايدۇرۇپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ ئورتاق پايدا ئېلىشنىڭ يېڭى سەھىپىسىنى پۈتمەكتە.