ساۋما قىلىپ مەخسۇس تېمىنى كۆرۈڭ
□ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۇڭ ۋېيگو، لى جيانى
تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى 9812، نوپۇس سانى 100 مىڭدىن ئاشىدۇ، 2024 - يىلى رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 11 مىليارد 220 مىليون يۈەن بولۇپ، كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانا 122گە يەتتى... قورغاس ناھىيەسىنىڭ چىڭسىخوزا بازىرى 30 نەچچە يىل ئىلگىرىلا ئىلى قازاق ئاپتونوم ئوبلاستىدىكى ئالدىنقى قاتاردا تۇرىدىغان يېزا - بازار بولۇپ، بۈگۈنكى كۈندە قورغاسنىڭ ئىقتىسادىي تەرەققىياتىدىكى «تۇراقلاشتۇرغۇچ» دەپ ئاتالدى.
6 - ئاينىڭ 20 - كۈنى، «چېگرانى بويلاپ تۈمەن چاقىرىملىق سەپەر قىلىش − ئاپتونوم رايون قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقى چوڭ تىپتىكى پۈتۈن تاراتقۇلۇق زىيارەت پائالىيىتى» شىمالىي شىنجاڭ گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى قورغاس ناھىيەسىنىڭ چىڭسىخوزا بازىرىغا كېلىپ، چىڭسىخوزا بازىرىنىڭ 30 نەچچە يىلدىن بۇيان «ئورنى» ئۆزگەرمىگەنلىكىنىڭ شىفىرىنى ئىزدىدى.
ئادەتتىكى يېزا - بازارلارغا ئوخشىمايدىغىنى شۇكى، چىڭسىخوزا بازىرى قورغاس ناھىيەسىدىكى بىر يېزا - بازار بولۇپلا قالماي، يەنە ئىلى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا باغچە رايونى، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، قورغاس ناھىيەسى دۆلەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپ باغچىسى، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى چىڭسىخوزا يۈرۈشلەشكەن باغچە رايونى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «شىمالىي رايون يۈرۈشلەشكەن باغچە رايونى» دېيىلدى)نى ئۆز ئىچىگە ئالغان.
«ھەر قېتىم يۇرتۇم تىلغا ئېلىنغاندا، مەن ناھايىتى پەخىرلىنىمەن، بىر يېزا - بازارغا تۆت باغچە رايونى جايلاشقان، بۇنىڭغا نۇرغۇن جاي ھەۋەس قىلىدۇ» دېدى چىڭسىخوزا بازارلىق پارتىيە كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن بازار باشلىقى ۋاڭ جۈن.
بۇ يىل 49 ياشقا كىرگەن ۋاڭ جۈن «رايون بىلەن بازارلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» تەرەققىيات مۇساپىسىگە گۇۋاھ بولدى.
ۋاڭ جۈن چىڭسىخوزىدا تۇغۇلۇپ ئۆسكەن بولۇپ، ئۇنىڭ ئېسىدە قېلىشىچە، چىڭسىخوزا بازىرى ئىزچىل ھالقىپ ئۆتكىلى بولمايدىغان ئەۋزەللىكنى ساقلاپ كەلگەن. 30 نەچچە يىل ئىلگىرى، بازاردىكى چوڭ - كىچىك دۇكانلارغا لىققىدە مال تىزىلغان بولۇپ، كىيىم - كېچەك، ئاياغ، پايپاقلاردىن قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى، ئائىلە ئېلېكتىر سايمانلىرىغىچە ھەممە نەرسە تېپىلاتتى، بايرام، دەم ئېلىش كۈنلىرىدە كوچىدىكى كىشىلەر توپى قاينام - تاشقىنلىققا چۆمۈپ، ئەتراپتىكى بەزى ناھىيە بازارلىرىدىنمۇ ئاۋاتلىشىپ كېتەتتى، شۇ جايدىكى كىشىلەر بۇ بازارنى «كىچىك شياڭگاڭ» «كىچىك شاڭخەي» دەپ ئاتايتتى.
30 نەچچە يىلدىن بۇيان، چىڭسىخوزا بازىرى ئارقا - ئارقىدىن تۈزۈلمە ئىسلاھاتى ۋە يېڭىلىق يارىتىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىشنى باشتىن كەچۈردى، بۇ ئۆزگىرىشلەر كىچىك بازاردىكى ئاممىغا بۆسۈشكە ۋە بەسلىشىشكە جۈرئەت قىلىدىغان، ئۆتكەلگە ھۇجۇم قىلىپ قىيىنچىلىقلارنى يېڭىدىغان، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەيدىغان ئىچكى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ ئېلىپ كەلدى. «چىڭسىخوزا بازىرى ئىزچىل ئىلى ئوبلاستىنىڭ مۇھىم تەرەققىيات موتورى بولۇپ، مۇشۇ يىللاردا ئىلى ئوبلاستىدىكى ھاياتىي كۈچ ۋە تەرەققىيات يوشۇرۇن كۈچىگە ئىگە باغچە رايونلىرىنىڭ بىرى بولۇپ ئۆسۈپ يېتىلدى» دېدى ۋاڭ جۈن.
ۋاڭ جۈن مۇخبىرلارغا كۆرسەتكەن بىر گۇرۇپپا سانلىق مەلۇماتلار ئۇنىڭ ئېيتقانلىرىنى ئىسپاتلىدى. دۆلەت دەرىجىلىك ئۈچ باغچە رايونى، ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك بىر باغچە رايونى چىڭسىخوزا بازىرىغا ماكانلاشتى، 150 كىۋادرات كىلومېتىرغا يەتمەيدىغان كۆلەم جەنۇبىي رايون سانائەت باغچىسى، غەربىي رايون سانائەت باغچىسى، شىمالىي رايون سانائەت باغچىسىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان، شىنرۇڭ كەسىپلەر باغچىسى، چاۋياڭ كەسىپلەر باغچىسى (يېمەكلىك كەسىپلەر باغچىسى)، يېڭى ئېنېرگىيە، يېڭى ماتېرىيال كەسىپلەر باغچىسى قاتارلىق نۇرغۇن تارماق باغچە رايونلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بولۇپ، بىرقەدەر مۇكەممەل كەسىپ زەنجىرىنى شەكىللەندۈرگەن.
ئىستاتىستىكا قىلىنىشىچە، ھازىرغىچە، چىڭسىخوزا بازىرىدىكى تىجارەت ئاساسىي گەۋدىسى 9812گە يەتكەن؛ رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 2021 - يىلىدىكى 3 مىليارد 590 مىليون يۈەندىن ئېشىپ 2024 - يىلىدىكى 11 مىليارد 220 مىليون يۈەنگە يەتكەن؛ سانائەت ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 2021 - يىلىدىكى 1 مىليارد 890 مىليون يۈەندىن ئېشىپ 2024 - يىلىدىكى 6 مىليارد 890 مىليون يۈەنگە يەتكەن، بۇنىڭ ئىچىدە، كۆلەمدىن يۇقىرى سانائەت قوشۇلما قىممىتى 2021 - يىلىدىكى 479 مىليون يۈەندىن ئېشىپ 2024 - يىلىدىكى 1 مىليارد 654 مىليون يۈەنگە يەتكەن، كۆلەمدىن يۇقىرى كارخانىمۇ 2021 - يىلىدىكى 35تىن ئېشىپ 2024 - يىلىدىكى 122گە يەتكەن.
«بۇ يىل، بىز رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 15 مىليارد يۈەن(شىمالىي رايون يۈرۈشلەشكەن باغچە رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن ئاشۇرۇشقا تىرىشىۋاتىمىز» دېدى ۋاڭ جۈن.
چىڭسىخوزا بازىرىنىڭ «ئورنى» نېمە ئۈچۈن شۇنچە مۇقىم؟ ۋاڭ جۈن تارىخىي جۇغلانما، رايون ئورنى ئەۋزەللىكى، سىياسەت ئەۋزەللىكى، كەسىپ ئەۋزەللىكى، نوپۇس ئەۋزەللىكىدىن ئىبارەت بەش چوڭ سەۋەبنى خۇلاسىلەپ چىقتى.
2013 - يىلى، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى ئوتتۇرىغا قويۇلغاندىن كېيىن، چىڭسىخوزا بازىرى قورغاس پورتىغا 20 نەچچە كىلومېتىر كېلىدىغان رايون ئورنى ئەۋزەللىكىگە تايىنىپ، نۇرغۇن كارخانىنىڭ ياقتۇرۇشىغا ئېرىشتى؛ ئىلى دۆلەت يېزا ئىگىلىك پەن - تېخنىكا باغچە رايونى، قورغاس ئىقتىسادىي تەرەققىيات رايونى، قورغاس ناھىيەسى دۆلەت زامانىۋى يېزا ئىگىلىك كەسىپلەر باغچىسى ئىلگىرى - كېيىن ماكانلىشىپ، ياخشى سىياسەت مەدىتى ئېلىپ كېلىپلا قالماي، بۇ جاينىڭ «سىفون ئۈنۈمى»نى تېخىمۇ قوزغاتتى؛ ئادەتتىكى ئىشلەمچىلەر ۋە يۇقىرى پەن - تېخنىكا ئىختىساسلىقلىرىنىڭ سىجىل كۆپلەپ كىرىشى 1 -، 2 -، 3 - كەسىپنىڭ تېز سۈرئەتتە تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولدى... مول تارىخىي جۇغلانما، ئەۋزەل جۇغراپىيەلىك ئورۇن، نۇرغۇن كارخانىنىڭ ياقتۇرۇشى چىڭسىخوزا بازىرىنى ئۇچقاندەك راۋاجلاندۇردى.
ۋاڭ جۈن مۇنداق تونۇشتۇردى: تۆت باغچە رايونى ۋە چىڭسىخوزا بازىرى ئۈستىقۇددۇس، تاتلىق يوپۇرماقلىق جۇخارگۈلى، سۈت مەھسۇلاتلىرى، مېۋە - چېۋە پىششىقلاش، قوناق، لازا قاتارلىقلارنى زەنجىر باشلامچىسى قىلغان «يېزا ئىگىلىك ئىشلەپچىقىرىشىدىن سانائەت مەھسۇلاتىغا ئايلىنىشقىچە» پۈتۈن كەسىپ زەنجىرى تەرەققىيات ئەندىزىسىنى بەرپا قىلىپ، «ئالتە چوڭ كەسىپ توپى»نى شەكىللەندۈردى. كەلگۈسىدە، رايون، ئوبلاست، ناھىيەلەر يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغان سانائەت رايونى(تەرەققىيات رايونى) قۇرۇلۇشى، «ئىككى قورغاس، ئىككى غۇلجا» بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش رايونى(نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇش رايونى) يېڭى ئىستراتېگىيەسى، «رايون بىلەن بازارلارنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش» يۇغۇرما تەرەققىياتى، تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسى (ئامباردا ساقلاش ئەشيا ئوبوروتى باغچىسى) ۋە يېڭى ئايرودۇرۇم قۇرۇلۇشىدىن ئىبارەت تۆت چوڭ پۇرسەتنى چىڭ تۇتۇپ، چىڭسىخوزا بازىرىنى قورغاس چېگرا ئېغىزى ئالدى دۇكان، كەينى زاۋۇت يادرولۇق رايونى، ئىلى دەرياسى ۋادىسى ئامباردا ساقلاش ئەشيا ئوبوروتى ئىككىلەمچى تۈگۈن يىغىش - تارقىتىش رايونى، شىنجاڭ ھەتتا غەربىي شىمالدىكى بىرىنچى چوڭ بازار مول توپلاشقان رايون، رايون ئىقتىسادىي تەرەققىياتىنىڭ يېڭى موتور ئاساسىي جەڭ رايونى قىلىپ قۇرۇپ چىقىشقا تىرىشىمىز. بۇ يىل رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 15 مىليارد يۈەن(شىمالىي رايون يۈرۈشلەشكەن باغچە رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن ئاشۇرۇشقا، «15 - بەش يىل» مەزگىلىدە رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتىنى 20 مىليارد يۈەن(شىمالىي رايون يۈرۈشلەشكەن باغچە رايونىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ)دىن ئاشۇرۇشقا تىرىشىمىز.
«ئىشىنىمەنكى، كەلگۈسىدە چىڭسىخوزا بازىرى تېخىمۇ مۇنەۋۋەر جاۋاب قەغىزى تاپشۇرىدۇ» دېدى ۋاڭ جۈن.