شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى تېلېگراممىسى 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كېلىشكىنى بويىچە رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن بىلەن تېلېفونلاشتى.
پۇتىن رۇسىيە تەرەپنىڭ ئۇكرائىنا كىرىزىسىنىڭ ھازىرقى ۋەزىيىتىگە بولغان كۆز قارىشى ۋە رۇسىيە بىلەن ئامېرىكىنىڭ يېقىندىن بۇيانقى ئۇچرىشىش، ئالاقىلىشىش ئەھۋالىنى تونۇشتۇردى ھەم مۇنداق بىلدۈردى: رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ كىرىزىسنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش ئۈچۈن جارى قىلدۇرغان ئىجابىي رولىنى يۈكسەك ئالقىشلايدۇ. رۇسىيە - جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىش ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى ھەرقانداق ۋەزىيەتتە ئۆزگەرمەيدۇ، رۇسىيە تەرەپ داۋاملىق تۈردە جۇڭگو تەرەپ بىلەن قويۇق ئالاقىنى ساقلاشنى خالايدۇ.
شى جىنپىڭ جۇڭگو تەرەپنىڭ پىرىنسىپال مەيدانىنى بايان قىلىپ مۇنداق كۆرسەتتى: مۇرەككەپ مەسىلىنىڭ ئاددىي ھەل قىلىش چارىسى بولمايدۇ. ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو تەرەپ ئىزچىل مەيدانىدا چىڭ تۇرىدۇ، ياراشتۇرۇپ سۆھبەتنى ئىلگىرى سۈرۈشتە چىڭ تۇرىدۇ. جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە - ئامېرىكا ئىككى تەرەپنىڭ ئۇچرىشىش ھالىتىنى ساقلاپ، بىر - بىرى بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى ياخشىلاپ، ئۇكرائىنا كىرىزىسىنى سىياسىي يول بىلەن ھەل قىلىش مۇساپىسىگە تۈرتكە بولۇشىنى كۆرۈشنى خالايدۇ.
ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى ۋە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشىغا ئىجابىي باھا بېرىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىدە تېخىمۇ زور تەرەققىياتنى قولغا كەلتۈرۈشكە ئورتاق تۈرتكە بولۇشقا بىردەك قوشۇلدى. ئىككى تەرەپ بىرلىكتە كۈچ چىقىرىپ ھەمكارلىشىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى تيەنجىن باشلىقلار يىغىنىغا ياخشى تەييارلىق قىلىپ، بىر نۆۋەتلىك دوستانە، ئىتتىپاق، نەتىجىسى مول باشلىقلار يىغىنى قىلىپ ئېچىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشىغا تۈرتكە بولىدۇ.