1958 - يىلى، 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر زاۋۇتىنىڭ پولات تاۋلاش سېخى. □ ياڭ شۆزۇ فوتوسى سۈرەتنى شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرى تەمىنلىگەن
2022 - يىلى 11 - ئاينىڭ 15 - كۈنى، تېخنىك خادىملار 1 - نومۇرلۇق RH ۋاكۇئۇملۇق ئىنچىكە تاۋلاش پېچى مەشغۇلات ئۆيىدە پىروگراممىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى تەكشۈرمەكتە. □ جى خاۋجيې فوتوسى سۈرەتنى شىنجاڭ سۈرەت ئامبىرى تەمىنلىگەن
□ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن
«1951 - يىلى قىشتىكى تۇدۇڭخابا دەرياسى بويىدا، ئىش ئورنىدا ئەمگەك ناخشىسى ئەزەلدىن توختىمىغانىدى.» شىنجاڭ 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر گۇرۇھى چەكلىك شىركىتى (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «1 - ئاۋغۇست» پولات - تۆمۈر شىركىتى دېيىلىدۇ)نىڭ پېنسىيەگە چىققان 92 ياشلىق خىزمەتچىسى يەن جاڭخۇا بوۋاي سارغىيىپ كەتكەن كونا سۈرەتنى قولى بىلەن يېنىك سىلىدى، ئۇنىڭ كۆزلىرىدىن نۇر چاقناپ تۇراتتى، «شىنجاڭدىكى تۇنجى پولات - تۆمۈر زاۋۇتى ئۈچۈن، كۆپچىلىكنىڭ پۈتۈن ۋۇجۇدى تۈگىمەس غەيرەتكە تولغانىدى».
ئەينى چاغدا شىنجاڭنىڭ سانائەت ئاساسى يوق دېيەرلىك ئىدى − بىر تال تۆمۈر مىخنىمۇ ياسىيالمايتتى، بىر سۇڭ پولات تاختايمۇ يوق ئىدى، كانلار قاتتىق ئۇيقۇدا ياتاتتى، زاۋۇتلار يوق دېيەرلىك ئىدى، پۇقرالارنىڭ تۇرمۇشى قىيىنچىلىقتا ئۆتەتتى. پولات - تۆمۈردىن ئىبارەت سانائەتنىڭ بۇ «ئاشلىقى» شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىدىكى ئەڭ جىددىي ئارزۇ بولۇپ قالغانىدى.
1951 - يىلى، جياڭجۈن ۋاڭ جېن شىنجاڭدا تۇرۇشلۇق ئازادلىق ئارمىيە كوماندىر - جەڭچىلىرى ۋە شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنى باشلاپ، ئادەم ئاياغ باسمىغان تۇدۇڭخابا دەرياسى بويىغا كېلىپ، شىنجاڭغا تەۋە بولغان پولات - تۆمۈر ئومۇرتقىسى قۇرۇپ چىقىشقا قەسەم بەردى.
شۇ يىلى 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى، يەن جاڭخۇا شىنجاڭ ھەربىي رايونىنىڭ بىر ئەزاسى بولۇش سۈپىتىدە قۇرۇلۇشچىلار سېپىگە قوشۇلدى. بۇ بىر توپ «پولات - تۆمۈر كەسىپىدىن خەۋىرى يوق» كىشىلەر ئىشنى نۆلدىن باشلىدى: كۈندۈزى لاپاستا مەدەنىيەت ئۆگىنىپ، قائىدە - تۈزۈملەرنى خاتىرىلەپ، كېچىسى چېرتيوژنى چۆرىدەپ تېخنىكا ئۈستىدە ئىزدەندى؛ رۇدىلارنى پارچىلاشتا پۈتۈنلەي بولقا بىلەن قاتتىق سوقاتتى، دومنا پېچقا ماتېرىيال قاچىلاشتا ئىشچىلار مۈرىسىدە يۈدۈپ پېچ ئۈستىگە ئېلىپ چىقىپ تۆكەتتى؛ كان قېزىشتا جوتۇ ئىشلىتىلەتتى، رۇدا توشۇشتا ئېشەك ۋە تۆگىگە تايىنىلاتتى... بوۋاي ئەسلىگەندە، ئىگىلىك تىكلەشتىكى جاپا - مۇشەققەت خۇددى رەڭسىز كىنو كۆرۈنۈشىدەك بىر - بىرلەپ كۆز ئالدىدىن ئۆتتى.
1952 - يىلى 4 - ئاينىڭ 28 - كۈنى، تۇنجى پېچتىكى قىپقىزىل لاۋۇلداپ تۇرغان پولات ئېرىتمىسى ئېتىلىپ چىققاندا، پۈتكۈل سېخ قاينام - تاشقىنلىققا چۆمدى: گۈلدۈراس ئالقىش ساداسى ياڭرىدى، ئىسسىق ياشلار تۆكۈلدى، كىشىلەر بىر - بىرى بىلەن چىڭ قۇچاقلاشتى. شىنجاڭنىڭ «قولىدا تۆمۈرنىڭ سۇنۇقىمۇ بولماسلىق» تارىخى ئاخىر مۇشۇ دەقىقىدە ئۆزگەرتىپ يېزىلدى.
70 نەچچە يىلدا پېچتىكى ئوت ئۆچمىدى، 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتىمۇ كونا قىياپىتىنى ئۆزگەرتىپ يېڭى تۈسكە كىردى.
سەھەردە، «1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتى جىيۈن» سۇپىسىدا، يۈك توشۇش زاكازلىرى ئېكراندا تېز ئالمىشىپ تۇراتتى. پولات پىروكاتلاش سېخىدا، مېخانىك بىلەك پىلتە پولاتنى دەل جايىدا قىستى، ئوت ئۇچقۇنلىرى ئەقلىي ئىقتىدارلىق نازارەت قىلىشتا چاچرىدى؛ چىدامچانلىقى يۇقىرى پولات ماتېرىياللىرى لىق قاچىلانغان نۆۋەتچى پويىز 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ تۆمۈريول مەخسۇس لىنىيەسىدىن گۈدۈك چېلىپ يولغا چىقىپ، ئوتتۇرا ئاسىيانىڭ ئىچكىرىسىگە قاراپ ماڭدى. بۈگۈنكى كۈندىكى 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتى باش ئىشتاب، جەنۇبىي شىنجاڭ، شىمالىي شىنجاڭ ئۆزئارا تىرەك بولىدىغان «بىر باش ئىشتاب، كۆپ بازا»دىن ئىبارەت تەرەققىيات ئەندىزىسىنى شەكىللەندۈرۈپ، پېيى بازارغا سېلىنغان شىركەتنى بارلىققا كەلتۈردى، ئۇنىڭ ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى 10 مىليون توننىغا يېتىدۇ، مەھسۇلاتلىرى تاياقچە ماتېرىيال، سىم ماتېرىيال، ئەلا سۈپەتلىك پولات ۋە مېتال بۇيۇملارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىغان بولۇپ، شىنجاڭدىكى كەسىپ زەنجىرى ئەڭ ئۇزۇن، ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارى ئەڭ چوڭ، تۈرى ئەڭ تولۇق پولات - تۆمۈر كارخانىسىغا ئايلاندى.
يېڭىلىق يارىتىش 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ ئۆزگىرىشىدىكى يادرولۇق شىفىر. يېقىنقى ئۈچ يىلدا، كارخانىنىڭ تەتقىق قىلىپ ئېچىش سېلىنمىسى مۇقىم ھالدا %3.5تىن يۇقىرى نىسبەتنى ئىگىلىدى، پاتېنت ئىلتىماس قىلىش مىقدارى ئۇدا كۆپ يىل شىنجاڭ كارخانىلىرى ئىچىدە باش ئورۇندا تۇردى. 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتى يەنە دۇنيا بويىچە تۇنجى 400 كۇب مېتىرلىق سانائەت دەرىجىلىك مول ھىدروگېن - كاربون ئايلانما ئوكسىگېنلىق دومنا پېچى قۇرۇپ، تولۇق ئوكسىگېنلىق مېتال تاۋلاشنى %100 ئىشقا ئاشۇردى، قاتتىق يېقىلغۇ سەرپىياتىنى %30 تۆۋەنلەتتى، كاربون قويۇپ بېرىش مىقدارىنى %25تىن ئارتۇق ئازايتتى. 2023 - يىلى بۇ تاۋارلاشقان ئۈلگە كۆرسىتىش تۈرى ئىشقا كىرىشتۈرۈلگەندىن كېيىن، تولۇق ئوكسىگېنلىق مېتال تاۋلاش ۋە كۆمۈر گازى ئاپتوماتىك ئايلىنىش ھۈنەر - سەنئىتىنى پۈتۈن لىنىيەلىك تۇتاشتۇرۇپ، دۇنيا بويىچە تۆۋەن كاربونلۇق مېتاللورگىيە ساھەسىدە ئۈلگە تىكلىدى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتى يېشىل تەرەققىيات ئىدىيەسىنى قەتئىي ئەمەلدە كۆرسىتىپ، مۇھىتنى تۈزەش سېلىنمىسىنى سىجىل زورايتىپ، كېرەكسىز سۇنى قويۇپ بەرمەسلىك، كېرەكسىز گازنى ئۆلچەمگە يەتكۈزۈپ قويۇپ بېرىش ۋە قاتتىق تاشلاندۇقلارنى زاۋۇتتىن چىقارماسلىقنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، مۇھىت سۈپىتىنى كۆرۈنەرلىك ياخشىلىدى ھەم غەربىي شىمال بويىچە تۇنجى پولات - تۆمۈر مەدەنىيىتى باش تېمىسىدىكى دۆلەت 3A دەرىجىلىك سانائەت ساياھەت مەنزىرە رايونىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك بەرپا قىلدى.
«گەمە» ياتاقتىن باغچىلاشقان زاۋۇت رايونىغىچە، ئىشچىلار بولقىدا رۇدا پارچىلاشتىن «1+8» رەقەملىك سىستېمىنى باشقۇرۇش - تىزگىنلەشنىڭ پۈتۈن جەريانىغىچە، 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتىدىكى ئۆزگىرىشلەر دۆلىتىمىز پولات - تۆمۈر سانائىتى تەرەققىياتىنىڭ جانلىق ئىزاھاتى بولۇپ قالدى.
بۈگۈنكى كۈندە، 1 - ئاۋغۇست پولات - تۆمۈر شىركىتىنىڭ زاۋۇت رايونىغا كىرسىڭىز، كۆل بويىدا ئىرغاڭشىپ تۇرغان قومۇشلارنى، جىمجىت قەد كۆتۈرۈپ تۇرغان مول ھىدروگېن - كاربون ئايلانما ئوكسىگېنلىق دومنا پېچنى كۆرىسىز، ئۇ خۇددى ئۈن - تىنسىز ھالدا: جاپاغا چىداپ كۈرەش قىلىش گېنى ئەزەلدىن ئاجىزلاشمىدى، بۇ گېن دەۋر تومۇرىنى بويلاپ يېڭىلىق يارىتىش ئېقىمىغا قوشۇلۇپ، يېڭى دەۋر مۇساپىسىدە ئۆركەشلەپ ئالغا ئىلگىرىلەۋاتىدۇ، دەپ بايان قىلىۋاتقاندەك قىلاتتى.