ساۋما قىلىپ ھەمتۈرتكە مەخسۇس رايونىغا كىرىڭ
گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى شى شىن خەۋەر قىلىدۇ: باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش خىزمىتى ئاساسىي لىنىيەسىنى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ دۆلەت ئومۇملۇقىدىكى «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى نىشانلاپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزۈپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ ئورۇنلاشتۇرۇشىغا ئاساسەن، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى شىنجاڭ گېزىتخانىسى (شىنجاڭ گېزىتچىلىك - تاراتقۇ <گۇرۇھ> چەكلىك شىركىتى) بىلەن بىرلىشىپ «قەلبىمدىكى شىنجاڭنىڭ 2030 - يىلى − <15 - بەش يىل>لىق يىرىك پىلان ئۈچۈن تەكلىپ ۋە مەسلىھەت بېرىمەن» پائالىيىتىنى باشلاپ، پۈتۈن جەمئىيەتكە يۈزلىنىپ ئاشكارا پىكىر - تەكلىپ توپلايدۇ.
پائالىيەت مەزگىلىدە، كەڭ ئامما ۋە جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە «قەلبىمدىكى شىنجاڭنىڭ 2030 - يىلى» دېگەن بۇ باش تېمىنى چۆرىدەپ كەڭ - كۇشادە پىكىر بايان قىلىپ، كەلگۈسى بەش يىلدىكى شىنجاڭنىڭ تەرەققىياتىغا بولغان سەمىمىي ئۈمىدىنى ئىپادىلىسە بولىدۇ. مەيلى مەلۇم بىر ساھە، سىستېمىدىكى چوڭقۇر بايان قىلىش بولسۇن ياكى قىسقا، ئەمما ئەقىل - پاراسەتكە تولغان توغرا ۋە ئېنىق چۈشەنچىلەر بولسۇن؛ مەيلى چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى پىلانلاش، خاس، ئەۋزەل كەسىپلەرنى تەرەققىي قىلدۇرۇش توغرىسىدىكى «ئالتۇن تەدبىر» «ياخشى چارە» بولسۇن ياكى كۈندىلىك تۇرمۇشتىكى ئەڭ جىددىي، ھەل قىلىش ئەڭ ئارزۇ قىلىنىدىغان مەسىلىلەر بولسۇن، پەقەت ئىجادىيلىققا، قاراتمىلىققا ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە پىكىر - تەكلىپلا بولسا ھەممىسى قوبۇل قىلىنىش دائىرىسىگە كىرگۈزۈلىدۇ.
پائالىيەتنى مەسئۇل بولۇپ ئۆتكۈزگۈچى تەرەپ تاپشۇرۇۋالغان تەكلىپلەرنى ۋاقتىدا يىغىپ رەتلەپ، چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىدۇ ۋە دەلىللەيدۇ. ئىجادىيلىققا، مۇمكىنچىلىككە ئىگە ھەم تەسىر كۈچى كەڭ تەكلىپلەر شىنجاڭنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى مۇھاكىمە قىلىشتا پايدىلانما ماتېرىيال دائىرىسىگە پائال كىرگۈزۈلىدۇ. ۋەكىللىك خاراكتېرگە ئىگە بىر قىسىم تەكلىپلەر تاراتقۇلار ئارقىلىق ئېلان قىلىنىپ ۋە كېڭەيتىلىپ، تېخىمۇ كۆپ كىشى شىنجاڭنىڭ كەلگۈسى تەرەققىياتى توغرىسىدىكى مۇھاكىمىگە قاتنىشىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلىنىدۇ.
بۇ قېتىمقى پائالىيەت بۈگۈندىن باشلاپ رەسمىي باشلىنىپ، 2025 - يىلى 9 - ئاينىڭ 8 - كۈنىگىچە داۋاملىشىدۇ. قاتناشقۇچىلار تۆۋەندىكى ئۇسۇللار ئارقىلىق تەكلىپ بەرسە بولىدۇ: ئانار بۇلۇت ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنى ئېچىپ، ئابۇنىچىلار تېرمىنالىنىڭ ئاستىدىكى يۇمىلاق «تەدبىر سوراش» كۇنۇپكىسىنى بېسىپ پائالىيەت مەخسۇس رايونىغا كىرسە بولىدۇ؛ تىيانشان تورىنى ئېچىپ، باش بەتتىكى پائالىيەت مەخسۇس رايونىنى چەكسە بولىدۇ؛ پائالىيەت ئېلانىنىڭ ئىككىلىك كودىنى ئۇزاققىچە بېسىش ياكى ساۋما قىلىش ئارقىلىق، پائالىيەت مەخسۇس رايونىغا كىرسە بولىدۇ.
ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنداق بىلدۈردى: ھازىر، شىنجاڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنىڭ ئاچقۇچلۇق مەزگىلىدە تۇرۇۋاتىدۇ، يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشتا ئومۇمىي خەلقنىڭ ئەقىل - پاراسىتىنى توپلاشقا، كەڭ تەرەققىيات ئورتاق تونۇشىنى مۇجەسسەملەشكە توغرا كېلىدۇ. بۇ قېتىمقى پائالىيەت خەلقتىن ئەقىل سوراش، خەلقتىن ھال - ئەھۋال سوراشنىڭ مۇھىم ئەمەلىيىتى بولۇپلا قالماي، تېخىمۇ مۇھىمى ئاممىنىڭ باش قەھرىمانلىق ئېڭىنى ئۇرغۇتۇپ، گۈزەل شىنجاڭنى ئورتاق گۈللەندۈرۈشكە، ئورتاق بەھرىمەن بولۇشقا تۈرتكە بولىدىغان ئۈنۈملۈك يول. جەمئىيەتتىكى ھەر ساھە زاتلارنىڭ پائال بەس - بەستە قاتنىشىپ، ئىتتىپاق - ئىناق، ئاۋات - باي، مەدەنىي بولغان، تەرەققىي قىلغان، خاتىرجەم ياشاپ خۇشال - خۇرام ئىشلەيدىغان، ئېكولوگىيەسى ياخشى بولغان گۈزەل شىنجاڭ قۇرۇپ چىقىش ئۈچۈن ئۆزىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى ۋە كۈچىنى قوشۇشىنى ئۈمىد قىلىمىز.