گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى جاڭ يەنفاڭ خەۋەر قىلىدۇ: 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتى «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى ۋە «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈش خىزمىتىنى تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سۆھبەت يىغىنى ئاچتى، يىغىندا، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھى چوڭقۇر ئۆگىنىلدى، ئىزچىللاشتۇرۇلدى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ خىزمەت تەلىپى ئەستايىدىل ئەمەلىيلەشتۈرۈلدى، قانۇندا بەلگىلەنگەن مەسئۇلىيىتىنى ئادا قىلىش، مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش ئورۇنلاشتۇرما قىلىندى، ئاپتونوم رايوننىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنىڭ ئوڭۇشلۇق تاماملىنىشىغا تۈرتكە بولۇپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى يۇقىرى سۈپەتلىك تۈزۈشنى ئىلمىي پايدىلانما بىلەن تەمىنلەپ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلىشى ئۈچۈن ياخشى تولۇق تەييارلىق قىلىندى.
ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل يىغىنغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى.
يىغىندا مۇنداق كۆرسىتىلدى: بەش يىللىق يىرىك پىلاننى تۈزۈش دۆلەت ئىگىلىكى ۋە خەلق تۇرمۇشىغا مۇناسىۋەتلىك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسى ۋە يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، مەۋقەنى خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ مەسئۇلىيەت ئورنىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى ۋە «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈش خىزمىتى بويىچە مەخسۇس تېمىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشنى پۇختا قانات يايدۇرۇش كېرەك. يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى يېتەكچى قىلىپ، شىنجاڭنىڭ تەرەققىيات يۈزلىنىشىنى دەل جايىدا ئىگىلەش، يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسى بەرپا قىلىشنى تېزلىتىش، سېلىشتۇرما ئەۋزەللىكنى تولۇق جارى قىلدۇرۇش داۋامىدا پىكىر يولىنى تېپىش، تەكلىپ بېرىش كېرەك. نۇقتىلىق ۋەزىپىلەرنى گەۋدىلەندۈرۈپ، «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نى چىڭ كۆزلەپ، شىنجاڭنىڭ ئەبەدىي ئەمىنلىكىگە مۇناسىۋەتلىك نېگىزلىك، ئۇللۇق، ئۇزاق مەزگىللىك خىزمەتلەرنى چۆرىدەپ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپىلەر، مۇھىم ئىسلاھات تەدبىرلىرى ۋە بەلگە خاراكتېرلىك چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇشلارغا ئالاقىدار ئىلمىي تەكلىپلەرنى چوڭقۇر تەتقىق قىلىپ ئوتتۇرىغا قويۇپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان تۈزۈشىگە تېخىمۇ ياخشى كۈچ قوشۇپ، يۇقىرى سۈپەتلىك يىرىك پىلان ئارقىلىق يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا يېتەكچىلىك قىلىش كېرەك.
يىغىندا مۇنداق تەكىتلەندى: پۈتۈن جەريانلىق خەلق دېموكراتىيەسىنى ئەمەلدە كۆرسىتىپ، خەلقنى مەركەز قىلغان قىممەت يۈزلىنىشىدە چىڭ تۇرۇپ، خەلق رايى يوللىرىنى تېخىمۇ ياخشى راۋانلاشتۇرۇپ، ئورتاق تونۇشنى كەڭ دائىرىدە مۇجەسسەملەش كېرەك. ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەدبىر سوراشتا چىڭ تۇرۇپ، ۋەكىللەر ئائىلىسى - پونكىتى قاتارلىق سۇپىلارغا تايىنىپ، خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، تىرىشىپ جەمئىيەتنىڭ ئارزۇسى، ئاممىنىڭ ئەقىل - پاراسىتى، مۇتەخەسسىسلەرنىڭ پىكرى، ئاساسىي قاتلامنىڭ تەجرىبىلىرىنى تولۇق قوبۇل قىلىپ، ئۇنىڭدىن يىرىك پىلان تۈزۈشتە پايدىلىنىپ، تەرەققىيات ئۇلۇغۋار پىلانىنى ئورتاق تۈزۈپ چىقىش كېرەك. تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش سۈپىتى ۋە ئۈنۈمىنى ھەقىقىي ئۆستۈرۈپ، دوكلات ئاڭلاش، نەق مەيداندا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش، سۆھبەتلىشىپ پىكىر ئالماشتۇرۇش، ھاۋالىلىك تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىش قاتارلىق كۆپ خىل ئۇسۇللارنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ، كەڭ دائىرىدە چوڭقۇر ئەھۋال ئىگىلەپ، تۈزۈم جەھەتتە، قانۇن جەھەتتە ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىغا تەسىر كۆرسىتىۋاتقان ۋە ئۇنى چەكلەۋاتقان كەمتۈكلۈكلەر، بوغما ھالەت مەسىلىسىنى كۆپلەپ تەتقىق قىلىپ ۋە تەھلىل قىلىپ، ئالدىن كۆرەرلىككە، قاراتمىلىققا ۋە مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي تۈزۈش ئۈچۈن ئەقىل - پاراسەت ۋە كۈچ قوشۇش كېرەك.
توختى ياقۇپ، پىڭ شىنلەي يىغىنغا قاتناشتى.
يىغىندا، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئاپتونوم رايوننىڭ «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى يولغا قويۇش ئەھۋالى ۋە «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلان پىروگراممىسىنى تۈزۈش ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشى ئاڭلاپ ئۆتۈلدى، ئالاقىدار ئورۇنلاردىكى مەسئۇل يولداشلار، بىر قىسىم كارخانىلار، تەتقىقات ئاپپاراتلىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار ۋە ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى پىكىر - تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويدى.