8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى، ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. سۈرەتتە: چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە يىرىك پىلان باشقارمىسىغا كىرىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پىلانلاش ۋە ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى. □ ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى سۈي جىجيەن فوتوسى
گېزىتىمىز، ئۈرۈمچى، 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى خەۋىرى ئانار بۇلۇت\شىنجاڭ گېزىتى مۇخبىرى ۋاڭ شىڭرۇي خەۋەر قىلىدۇ: ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايوننىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز 8 - ئاينىڭ 8 - كۈنى ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىدا تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلدى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: شى جىنپىڭ ئىقتىساد ئىدىيەسى ۋە باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ شىنجاڭ خىزمىتى توغرىسىدىكى مۇھىم سۆزى، مۇھىم يوليورۇقى، تەستىقىي يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، يېڭى تەرەققىيات ئىدىيەسىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىقتىسادىي تەرەققىياتنىڭ ياخشى ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، «14 - بەش يىل»نى مۇۋەپپەقىيەتلىك تاماملاشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «15 - بەش يىل»نىڭ ياخشى باشلىنىشىغا پۇختا ئاساس سېلىش كېرەك.
چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى تۇراقلىق مۈلۈك سېلىنمىسى باشقارمىسىغا كىرىپ، ئاپتونوم رايوننىڭ مەبلەغ سېلىش ۋە تەرەققىيات ئەھۋالى توغرىسىدىكى تونۇشتۇرۇشنى ئاڭلىدى، مەبلەغ سېلىش خىزمىتى سىستېمىسى، مەبلەغ سېلىش تۈرلىرىنى تەكشۈرۈپ تەستىقلاش قاتارلىق ئەھۋاللارنى ئىگىلىدى؛ تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسى ۋە يىرىك پىلان باشقارمىسىدا ئاپتونوم رايوننىڭ «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلانىنى تۈزۈشنىڭ ئىلگىرىلەش ئەھۋالىنى تەپسىلىي ئىگىلىدى، تۈرلۈك نۇقتىلىق خىزمەتلەرنى پىلانلاش ۋە ئالغا سىلجىتىش توغرىسىدا كۆپچىلىك بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇردى.
ئارقىدىن، چېن شياۋجياڭ، ئەركىن تۇنىياز ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ خىزمەت دوكلاتىنى ئاڭلىدى. چېن شياۋجياڭ مۇنداق تەكىتلىدى: يېڭى دەۋردىكى پارتىيەنىڭ شىنجاڭنى ئىدارە قىلىش تەدبىرىنى تولۇق، دەل جايىدا، ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، دىققەتنى شىنجاڭ خىزمىتى باش نىشانىغا مەركەزلەشتۈرۈپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، جۇڭخۇا مىللىتى ئورتاق گەۋدىسى ئېڭىنى مۇستەھكەملەش ئاساسىي لىنىيەسىنى چۆرىدەپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، خەلق تۇرمۇشىغا زىچ يېقىنلىشىپ قەلبلەرنى مۇجەسسەملەشتە چىڭ تۇرۇپ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتقا تۈرتكە بولۇپ، پۈتۈن ئاپتونوم رايوندىكى ھەر مىللەت خەلقنىڭ ئېرىشىش تۇيغۇسى، بەخت تۇيغۇسى، بىخەتەرلىك تۇيغۇسىنى ئۈزلۈكسىز ئاشۇرۇش كېرەك. «بەش چوڭ ئىستراتېگىيەلىك ئورۇن بېكىتمىسى»نىڭ ماھىيەتلىك مەزمۇنى ۋە ۋاسىتىسىنى چوڭقۇر مۇھاكىمە قىلىپ، باشلىنىش نۇقتىسى ۋە كۈچەش نۇقتىسىنى دەل جايىدا تېپىپ، سىياسەت سىستېمىسىنى تاكامۇللاشتۇرۇپ، يىرىك پىلان سىستېمىسىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، تۈرنىڭ تىرەك بولۇشىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ شىنجاڭ ئەمەلىيىتىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىش كېرەك. «14 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاندىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى يۇقىرى سۈپەتلىك تاماملاپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ھازىرقى ئىقتىسادىي ۋەزىيەت توغرىسىدىكى ئىلمىي ھۆكۈمىنى چوڭقۇر ئىگىلەپ، مۇقىملىق ئاساسىدا ئىلگىرىلەش خىزمەت باش رىتىمىدا چىڭ تۇرۇپ، سىياسەتنىڭ ئىزچىللىقى، مۇقىملىقىنى ساقلاپ، ئىشقا ئورۇنلىشىشنى مۇقىملاشتۇرۇش، كارخانىنى مۇقىملاشتۇرۇش، بازارنى مۇقىملاشتۇرۇش، كۆزلىمىنى مۇقىملاشتۇرۇشقا كۈچەپ، يەنىمۇ ئىلگىرىلىگەن ھالدا ئىسلاھاتنى ئومۇميۈزلۈك چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئۈنۈملۈك سېلىنمىنى سىجىل كېڭەيتىپ، ئىستېمال ھاياتىي كۈچىنى ئۈزلۈكسىز ئۇرغۇتۇپ، يۇقىرى سەۋىيەلىك سىرتقا ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىپ، پۇقراۋى ئىگىلىكنىڭ تەرەققىياتىنى كۈچەپ ئالغا سىلجىتىپ، خەلق تۇرمۇشىنى كاپالەتلەندۈرۈش خىزمىتىنى پۇختا ياخشى ئىشلەپ، زور يوشۇرۇن خەۋپ - خەتەرنىڭ ئۈنۈملۈك ئالدىنى ئېلىپ ۋە ئۇنى تۈگىتىپ، پۈتۈن يىللىق ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتىدىكى نىشان - ۋەزىپىلەرنى تىرىشىپ تاماملاش كېرەك. «15 - بەش يىل»لىق يىرىك پىلاننى ئىلمىي ياخشى تۈزۈپ، «15 - بەش يىل» مەزگىلىنىڭ باسقۇچلۇق تەلىپىنى دەل جايىدا ئىگىلەپ، ئىشىكنى ئېچىۋېتىپ تەدبىر سوراش، خەلقتىن ئەقىل سوراشتا چىڭ تۇرۇپ، دىققەتنى زامانىۋىلاشقان كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلىش، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنى راۋاجلاندۇرۇش، جەنۇبىي شىنجاڭدىن ئىبارەت «شاھمات كۆزى»نى جانلاندۇرۇش، بىڭتۇەن بىلەن يەرلىكنىڭ يۇغۇرما تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش، ئېكولوگىيە - مۇھىتنى قوغداشنى كۈچەيتىش قاتارلىقلارغا مەركەزلەشتۈرۈپ، مۇھىم ئىستراتېگىيەلىك ۋەزىپە، مۇھىم سىياسەت - تەدبىر، چوڭ - چوڭ قۇرۇلۇش تۈرلىرىنى ئىلمىي پىلانلاش كېرەك. پارتىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشتىكى ئاساسىي گەۋدىلىك مەسئۇلىيەتنى چىڭىتىپ، مەركەزنىڭ سەككىز تۈرلۈك بەلگىلىمىسىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇش ئۆگىنىش - تەربىيەسى نەتىجىلىرىدىن ياخشى پايدىلىنىپ، توغرا سىياسىي نەتىجە قارىشىنى پۇختا تۇرغۇزۇپ ۋە ئەمەلدە كۆرسىتىپ، پارتىيە ئىستىلى، پاكلىق قۇرۇلۇشىنى ۋە چىرىكلىككە قارشى تۇرۇش كۈرىشىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، سادىق، پاك، مەسئۇلىيەتچان كادىرلار قوشۇنى بەرپا قىلىپ، ئىسلاھات، تەرەققىيات ئىشلىرىنى ئالغا سىلجىتىشنى كۈچلۈك كاپالەت بىلەن تەمىنلەش كېرەك.
چېن ۋېيجۈن، قادېن كەبىن تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىشقا قاتناشتى.