9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. سۈرەتتە: شى جىنپىڭ قارشى ئېلىشقا چىققان ئاممىغا قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈرمەكتە. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى شيې خۇەنچى فوتوسى
شىنخۇا ئاگېنتلىقى، ئۈرۈمچى، 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى شى جىنپىڭ مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنىڭ 70 يىللىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىش ئۈچۈن، 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى چۈشتىن كېيىن مەخسۇس ئايروپىلان بىلەن ئۈرۈمچىگە يېتىپ كەلدى. شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتىنىڭ باش شۇجىسى، دۆلەت رەئىسى، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسى بولۇش سۈپىتى بىلەن مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنى باشلاپ شىنجاڭغا كېلىپ، شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى قۇرۇلغانلىقىنى تەبرىكلەش پائالىيىتىگە قاتنىشىشى پارتىيە ۋە دۆلەت تارىخىدىكى تۇنجى قېتىملىق ئىش بولۇپ، پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ شىنجاڭ خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت كادىرلار ۋە ئاممىغا بولغان سەمىمىي غەمخورلۇقىنى تولۇق ئىپادىلىدى.
جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى، مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئۆمەك باشلىقى ۋاڭ خۇنىڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بەنگۇڭتىڭىنىڭ مۇدىرى سەي چى شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ كەلدى.
ئالتۇن كۈز پەسلىدە، شىنجاڭ تۇپرىقىنىڭ ھەممىلا جايى مول ھوسۇل شادلىقىغا چۆمگەنىدى. ئۈرۈمچى تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىدا داقا - دۇمباق ساداسى ياڭراپ، كەيپىيات قىزغىن بولدى.
سائەت 14تىن 20 مىنۇتلار ئۆتكەندە، شى جىنپىڭ ئولتۇرغان مەخسۇس ئايروپىلان تىيانشان خەلقئارا ئايروپورتىغا قوندى، ئايروپىلان توختىتىش مەيدانىدا كۈتۈپ تۇرغان شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت، ھەر ساھە ئاممىسى قىزغىن ئالقىش ياڭراتتى. شى جىنپىڭ ئايروپىلان بۆلمىسىدىن چىقىپ، قارشى ئېلىشقا چىققان ئاممىغا قول ئىشارىسى بىلەن ئېھتىرام بىلدۈردى.
شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق پارتىيە كومىتېتىنىڭ شۇجىسى چېن شياۋجياڭ، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق ھۆكۈمىتىنىڭ رەئىسى ئەركىن تۇنىياز، ئاپتونوم رايونلۇق خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇدىرى زۇمرەت ئوبۇل، ئاپتونوم رايونلۇق سىياسىي كېڭەشنىڭ رەئىسى نۇرلان ئەبىلمەجىن، شىنجاڭ ئىشلەپچىقىرىش - قۇرۇلۇش بىڭتۇەنىنىڭ جېڭۋېيسى خې جۇڭيوۋ قاتارلىقلار ئايروپىلان شوتىسى يېنىدا كۈتۈۋالدى. شى جىنپىڭ ئايروپىلان شوتىسىدىن چۈشكەندە، پىيونېر گۈل تەقدىم قىلدى. ھەر مىللەت ئامما ۋەكىللىرى مىللىيچە كىيىملىرىنى كىيىپ، ناخشا ئېيتىپ، ئۇسسۇل ئويناپ، باش شۇجىنىڭ كەلگەنلىكىنى قارشى ئېلىپ، باش شۇجىغا بولغان سەمىمىي تىلىكىنى بىلدۈردى.
ئۈرۈمچى شەھىرى بايرام كەيپىياتىغا تولدى. ئايروپورتتىن تۇرار جايغىچە بولغان ئاساسلىق كوچىلارنىڭ ئىككى تەرىپى رەڭگارەڭ گۈللەرگە پۈركەنگەن بولۇپ، رەڭدار بايراقلار لەپىلدەپ تۇراتتى، ھەر مىللەت ئامما قوللىرىغا قىزىل بايراق ئېلىپ، بىرلىكتە تەنتەنە قىلىپ، قارشى ئېلىش ۋە مىننەتدارلىق ھېسسىياتىنى ئىپادىلىدى. شى جىنپىڭ يول بويى ئاممىغا توختىماي قول ئىشارىسى قىلدى، سەمىمىي ئېھتىرام بىلدۈردى.
مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىلىق ۋەزىپىسىنى ئۈستىگە ئالغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت بىرلىك سەپ بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى گەنجيې، مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى شۆھرەت زاكىر، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى شېن يىچىن، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى ۋاڭ دۇڭفېڭ، مەركىزىي ھەربىي كومىتېتنىڭ ئەزاسى ليۇ جېنلى، ھەمراھ بولۇپ پائالىيەتكە قاتنىشىدىغان جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى خې لىفېڭ، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى، دۆلەت ئىشلىرى كومىسسارى ۋاڭ شياۋخۇڭ قاتارلىقلار شۇ ئايروپىلاندا يېتىپ كەلدى.
مەركەز ۋەكىللەر ئۆمىكىنىڭ ئەزالىرى بىر ۋاقىتتا يېتىپ كەلدى، ئەزالار مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى، ئارمىيەدىكى ئالاقىدار ئورۇنلار، ئىچكى موڭغۇل، گۇاڭشى، شىزاڭ، نىڭشيادىن ئىبارەت تۆت ئاپتونوم رايون ۋە شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىۋاتقان ئالاقىدار ئۆلكە، بىۋاسىتە قاراشلىق شەھەرلەردىكى مەسئۇل يولداشلار قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.