شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 9 - ئاينىڭ 23 - كۈنى تېلېگراممىسى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بويىچە تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈشنى سىجىل چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىدىغان ھەر دەرىجىلىك ئاپپاراتلارنىڭ پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بويىچە تەربىيەلەشنى قانات يايدۇرۇشىنى قېلىپلاشتۇرۇش ۋە ئۇنىڭغا يېتەكچىلىك قىلىش ئۈچۈن، مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى(دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) «شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى دەرسلىك سىستېمىسى ۋە ئوقۇتۇش پىروگراممىسى (پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈشتە قوللىنىلىدۇ)» (قىسقارتىلىپ «پىروگرامما» دېيىلدى)نى تەشكىللەپ تۈزدى، يېقىندا جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى پارتىيە مەكتىپى نەشرىياتى تەرىپىدىن رەسمىي نەشر قىلىنىپ تارقىتىلدى.
«پىروگرامما»دا شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىدىكى «ئوننى ئايدىڭلاشتۇرۇش»، «14تە چىڭ تۇرۇش»، «13 جەھەتتىكى مۇۋەپپەقىيەت» قاتارلىق ئاساسلىق مەزمۇنلارنى چۆرىدەپ، 26 دەرس تەسىس قىلىنغان ھەم ھەربىر دەرسنىڭ ئوقۇتۇش مەقسىتى، ئوقۇتۇش مۇھىم نۇقتىسى، ئوقۇتۇش مەزمۇنى، ئوقۇتۇش ئۇسۇلى، نۇقتىلىق ئوقۇشلۇق مۇندەرىجىسى قاتارلىقلار ئايدىڭلاشتۇرۇلغان بولۇپ، پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش ئاپپاراتلىرى شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى ئوقۇتۇشىنى قانات يايدۇرۇشتىكى مۇھىم ئاساس ھېسابلىنىدۇ.
مەركىزىي كومىتېت تەشكىلات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمى، مەركىزىي كومىتېت پارتىيە مەكتىپى (دۆلەت مەمۇرىيەت شۆيۈەنى) ئۇقتۇرۇش بېسىپ تارقىتىپ مۇنداق تەكىتلىدى: ھەرقايسى جايلار، ھەرقايسى تارماقلار ۋە پارتىيە ئەزالىرى، كادىرلارنى تەربىيەلەپ يېتىشتۈرىدىغان ھەر دەرىجىلىك ئاپپاراتلار شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسى بويىچە تەربىيەلەش - يېتىشتۈرۈش پىلانىنى ئەستايىدىل ياخشى يولغا قويۇپ، «پىروگرامما»دىكى تەلەپ بويىچە، نەزەرىيە تەتقىقاتى جەھەتتىكى بايان قىلىش ۋە چۈشەندۈرۈشنى كۈچەيتىپ، نەزەرىيە ئوقۇتۇشى ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، نەزەرىيە ئوقۇتۇش سىستېمىسى بەرپا قىلىپ، پارتىيەنىڭ ئىجادىي نەزەرىيەسى بويىچە تەربىيەلەپ يېتىشتۈرۈشنىڭ چوڭقۇرلىشىشى، پۇختا ئەمەلىيلىشىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك.